بىر كۆۋرۈك ھەققىدە ھېكايە

يوللىغۇچى : نوۋرۈزگۈلى يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 19:19:00

بىر كۆۋرۈك ھەققىدە ھېكايە يى مىڭ ئىككى كەنت ئوتتۇرىسىدا بىر دەريا بولۇپ، بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ بېرىپ كېلىشىگە ئىنتايىن قولايسىزلىق ئېلىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى كەلكۈن كەلگەندە بىر كېمە ...

    بىر كۆۋرۈك ھەققىدە ھېكايە
    يى مىڭ

             ئىككى كەنت ئوتتۇرىسىدا بىر دەريا بولۇپ، بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ بېرىپ كېلىشىگە ئىنتايىن قولايسىزلىق ئېلىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى كەلكۈن كەلگەندە بىر كېمە ئادەمنى دەريا يۈتۈپ كەتكەن ئىكەن. كېيىن ھال-ئەھۋالى ياخشىراق بىر ئاق كۆڭۈل ئادەم مەبلەغ چىقىرىپ بىر كۆۋرۈك سېلىپ بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلاپتۇ.
        شۇنىڭ بىلەن بۇ كۆۋرۈكنى چۆرىدىگەن ئاساستا تۆۋەندىكىدەك ھېكايىلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن:
      بىرىنچى ھېكايە: بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئىزدىشىپ كەپتۇ، ئۇلار: ئاق كۆڭۈل ئادەمنىڭ ئانا مەكتىپىگە پۇل ئىئانە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ كەلگەنلەر؛ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىپ كەلگەنلەر، يەنە تېلېۋزىيە ئىستانسىسى، گېزىت خانىلار بىرلا ۋاقىتتا ئەۋەتكەن قانچە يۈەن ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر؛ يەپ-ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت قىلىپ، ھورلۇق مۇنچىدا يۇيۇنۇپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ كەلگەنلەر؛ ساياھەت قىلىۋېلىپ ئاندىن مەبلەغ سېلىشنى ئۆتۈنۈپ كەلگەنلەر ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئاق كۆڭۈل ئادەم ئۇلار بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن قۇرۇق قول قېلىپ، كۆۋرۈك ياسايدىغان ئىشى سۇغا چىلىشىپتۇ.
        ئىككىنچى ھېكايە: كۆۋرۈككە ئىش باشلىغان ۋاقىتتا، نەق مەيداندا ھۆكۈمەت جەزمەن ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ، رەھبەرلەردىن بىرنەچچىسى سۆز قىلىپتۇ ھەمدە چولپانلار «يى يەن» (خەير-ئېھسان ئىشلىرى ئۈچۈن قويۇلىدىغان تىياتىر) ئويناپتۇ، مەيدان ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولۇپ كېتىپتۇ، ئەمما ئىش باشلاش مۇراسىمىنىڭ چىقىمى ھەدىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىش باشلىنىپلا مەبلەغ يېتىشمەي قېلىپ ئىش توختىتىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ.
        ئۈچىنچى ھېكايە: كۆۋرۈك ياساشنى ئۈستىگە ئېلىشتا ئىككى كەنت باشلىقلىرىنىڭ بېشىنى قېتىپتۇ، ئەڭ ئاخىرى ئۆز-ئارا قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، كۆۋرۈك ياساش ئىشى بىر باشقا چىقماپتۇ.
        تۆتىنچى ھېكايە: كىشىلەرنى دەريادىن ئۆتكۈزۈش ئوقىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەم كۆۋرۈك ياسالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىشسىز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ، نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىپ، كېچىسى ئاق كۆڭۈل ئادەمنىڭ دەرىزىسىگە تاش ئېتىپتۇ، ئاق كۆڭۈل ئادەممۇ خاتىرجەملىكنى ئەلا بىلىپ پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. 
        بەشىنچى ھېكايە: كۆۋرۈك پۈتكەندىن كېيىن، بىر قېتىم ياشانغان بىر ئادەم كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ بىر پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ ھېلىقى ياشانغان ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىن ئون نەچچە ئادەم ئاق كۆڭۈل ئادەمنى ئارىغا ئېلىۋاپتۇ، ئاخىرى بېرىپ، ئاق كۆڭۈل ئادەم نەچچە مىڭ يۈەن داۋالىنىش چىقىمنى تۆلەپتۇ.
        ئالتىنچى ھېكايە: ئۆتكەن كەچكەنلەر كۆۋرۈكنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆۋرۈككە بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى قويۇشقا توغرا كەپتۇ، ئاق كۆڭۈل ئادەم كۆۋرۈكنى قوغداش ئۈچۈن بىر ئادەمنى ياللاپتۇ. كۆۋرۈكنى قوغداشقا ياللانغان ئادەمنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن يەنە بىر كاسسىر ياللاشقا توغرا كەپتۇ. دەرۋەقە كاسسىر بولغان ئىكەن، بۇغالتىرمۇ بولۇشى كېرەك بولىدۇ. كاسسىر، بۇغالتىرلارنى قانداق باشقۇرىدۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىشخانا مۇدىرى، مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرى، كاتىپ، ئاشپەز، شوپۇر بولۇپ ئادەم سانى ئون نەچچىدىن ئارتۇق ئادەمنى كۆپەيتىش توغرا كەپتۇ، ئاق كۆڭۈل ئادەم  مالىيە جەھەتتە چىقىمنى قامدىيالماي ئاساسلىق باشقۇرغۇچىغا خادىملارنى قىسقارتىشنى بۇيرۇيدۇ، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى بىرنەچچە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپتۇ، ئۆلىمالار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپتۇ ھەمدە «ئورگان ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ چىقىپتۇ، بىرپەس مۇزاكىرىلەردىن كېيىن قىسقارتىلىدىغان نامزاتنى بېكىتىشىپ-- كۆۋرۈك قوغداش خادىمىنى قىسقارتىپتۇ.
        يەتتىنچى ھېكايە: كۆۋرۈك پۈتكەندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت كۆۋرۈكنى ئۆتكۈزىۋالغانلىقتىن «كۆۋرۈك ئاسراش» ئۈچۈن كۆۋرۈكتىن ئۆتكەن ھەربىر ئادەمدىن بىر مودىن ھەق ئېلىشنى بەلگىلەپتۇ. كېيىن، ئىككى مو، بەش مو، بىر يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپتۇ. ئەڭ ئاخىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت يەنە: « ھەق تاپشۇرمىغانلاردىن ⅹⅹيۈەن جەرىمانە ئېلىش، ھەق تاپشۇرمىغان ئادەملەردىنⅹⅹيۈەن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش ھەققىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشىگە يول قويۇش» بەلگىلىمىسىنى چىقىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىغانلار ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتكۈزۈش تىجارىتىنىڭ بازىرى قىزىپ كېتىپتۇ. ئەڭ ئاخىرى ھېچكىم كۆۋرۈككە ئاياغ باسماس بولۇپ، تەدرىجى بۇ بىر تاشلاندۇق كۆۋرۈككە ئايلىنىپ قاپتۇ. كۆۋرۈك قوغدىغۇچى ھەر كۈنىنى ماجياڭ ئويناش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى بېرىپ ھەسرەت چېكىپ قاپتۇ.
        سەككىزىنچى ھېكايە: كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش ھەققى يۇقىرى بولغاچقا، كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىغانلار كۈنسىرى ئازىيىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كەنت خەلقىنى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت «مېھرىبانلىق لوڭقىسى كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈچىلەر مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويۇپتۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ. نەتىجىدە، كەنت شۇجىسى بىلەن كەنت مۇدىرىنىڭ تۇغقانلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ.
    --------------
    «文化博览» مەدەنىيەت كۆزنىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2007يىللىق2-سانىدىن
    ئەنۋەر يۇنۇس تەرجىمىسى (مارالبېشى ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىدىن) -
    كېملىك: 653201197910091531؛          تېلېفۇن: 13201184552

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق