كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئۈچ سۇئال

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-27 18:56:41

كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئۈچ سۇئال مەلۇم بىر ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغان ئوقۇغۇچىلارغا « كىشىلىك تۇرمۇش دەرسى » تەسىس قىپتۇ . ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرستە ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن...

    كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئۈچ سۇئال

     

       مەلۇم بىر ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغان ئوقۇغۇچىلارغا « كىشىلىك تۇرمۇش دەرسى » تەسىس قىپتۇ . ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرستە ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن مۇنداق ئۈچ سۇئالنى سوراپتۇ :     

       1-سۇئال :- ئاتا - ئاناڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار !

    قىز ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن قول كۆتۈرۈپتۇ ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بولسا ئاساسىي جەھەتتىن قول كۆتۈرمەپتۇ .

      2-سۇئال : -بىز تۇرۇۋاتقان ئوقۇتۇش بىناسىدا ئۈچ نەپەر تازلىق ئىشچىسى بار ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككىسىنىڭ ئىسىمىنى بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار !

    ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى داڭ قېتىپ قاپتۇ ، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئىشقا ھېچكىم دىققەت قىلمىغانىكەن .

    ئوقۇتقۇچى سۇئالنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ :

      3-سۇئال :- ئۆزىگە شاپلاق ئۇرۇپ باققانلار قول كۆتۈرۈڭلار!

    ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ كېتىپتۇ ، كىممۇ بۇنداق ئەخمەقلىق قىلسۇن ؟

    ئوقۇتقۇچى ئاخىرىدا مۇنداق دەپتۇ :

    -سىلەرگە « كىشلىك تۇرمۇش » دەرسىنى ئۆتۈشىمىزدىكى مەقسەت سىلەرنى توغرا كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى جاھاندارچىلىق ئىشلىرىنى ئۆگىتىش . بايا مەن سورىغان ئۈچ سۇئال سىلەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان سىناق .

    -ئاتا ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ ، - ئوقۇتقۇچى شۇنداق دېگەچ دوسكىغا « ۋاپادارلىق » دېگەن خەتنى يېزىپ ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ۋاپادارلىق ئادەمنى ياخشى يولغا باشلايدۇ ، ۋاپادار ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى ئاق كۆڭۈللۈككە تولغان بولىدۇ ، ئاق كۆڭۈل ئادەم چوقۇم ياخشى جاۋاپقا ئېرىشىدۇ .

    -ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىمىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ ، ئوقۇتقۇچى دوسكىغا « ھۆرمەت » دېگەن خەتنى يېزىپ مۇنداق دەپتۇ ، - باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا ئاندىن ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ . باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەت ئادەمگە كەڭ قۇرساقلىق ، مەردانىلىكنى ئۆگىتىدۇ ، بۇنداق ئادەم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا ئېلىپ چىقالايدۇ .

    ئوقۇتقۇچى ئاخىرىدا دوسكىغا « ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش » دېگەن خەتلەرنى يېزىپ مۇنداق دەپتۇ

    -ۋاپادارلىق بىلەن ھۆرمەتنى بىلمەي يۈرگەن بولسىڭىز ، ئۈزىڭىزگە شاپلاق ئۇرۇشىڭىز كېرەك . ئۆزى ئۈستىدە ئويلانغاندا ، ئىشنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولىدۇ ، ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندىلا ، ئاندىن ئالغا ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ ھەمدە ياراملىق ئادەمگە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلىدۇ . بىر ئادەمنىڭ ئاق كۆڭۈل ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ ؛ ئۆزى ئۈستىدە ھەرۋاقىت ئويلىنىپ تۇرۇش تۇرماسلىقى ئۇنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەش ئىلگىرلىيەلمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ .

     

     

      مەنبە: ئىز تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.