كۈچلۈك مىللىي ئىقتىساد بولماستىن، پارلاق مىللىي كېلەچەك بولمايدۇ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 10:51:06

كۈچلۈك مىللىي ئىقتىساد بولماستىن، پارلاق مىللىي كېلەچەك بولمايدۇ نىجات بەخت- پۇل ئەمەس، ئەمما پۇلسىز بەخت بولمايدۇ. يۇرتىمىزدا ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر. ھەممە ئادەم، ئوقۇغان بالىسىنى دۆلەت ...

    كۈچلۈك مىللىي ئىقتىساد بولماستىن، پارلاق مىللىي كېلەچەك بولمايدۇ

    نىجات

     

       بەخت- پۇل  ئەمەس، ئەمما پۇلسىز بەخت بولمايدۇ. 

      يۇرتىمىزدا ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر. ھەممە ئادەم، ئوقۇغان بالىسىنى دۆلەت مائاشىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي يۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئىش كۈتۈپ ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت، ئارقا ئىشىك ئۈچۈن كەتكەن پۇل، بىر مۇنچە ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئاچچىق ئىز قالدۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ بوزۇلىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. 

       بۈگۈنكى دەۋردە  دۆلەت شتاتىدىن ئىبارەت «تۆمۈر تاۋاق» قا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.

    نۆۋەتتە، يۇرتىمىزدا، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، يېڭى تېخنولوگىيە، يېڭى بىلىم، يېڭى قىممەت قارىشى بىلەن قوراللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار، زور بىر تۈركۈم يېڭى  مىللىي زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلماقتا.

     

      بۇ ياش دوستلىرىمغا بىر تەۋىسسىيەم بار: دۆلەتنىڭ  «تۆمۈر تاۋىقى» غا ئېرىشەلمەي قالسىڭىز روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، خۇسۇسىي شىركەتلەرگە يۈزلىنىڭ، قابىلىيەت ۋە ئىمكانىيەتلىرىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىڭ!

     

      نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، جۇڭگودا مۇشۇنداق قىلىشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى تامامەن پىشىپ يېتىلدى.

       كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە، جۇڭگودىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جۇڭگونىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ  كېلەچىكىنى ئۆزگەرتىشكە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.

     

    فوربەس ژورنىلىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى جۇڭگولۇق دوللار مىلياردارلىرىنىڭ سانى 28 نەپەر ئىدى. بۇ يىل 64 نەپەر دەپ ئېلان قىلىندى. جۇڭگودىكى  64 نەپەر  دوللار مىلياردېرلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ چىقتىم. بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى كۆرەلمىدىم.

     

    رۇسىيىنىڭ مىلياردېرلىرىغا قاراپ باقتىم، 3 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت مىلياردېرىنى كۆردۈم. سۇلايمان كەرىموۋ (داغىستانلىق-شىركىتى موسكۋادا)، ئالىشىر ئوسمانوۋ (ئۆزبەك-شىركىتى روسىيەدە)، ۋاھىت ئەلەكبەروۋ (ئەزەربەيجانلىق-شىركىتى روسىيەدە). 

      قازاقىستاننىڭ بۇ يىلقى مىلياردېرلىرى 5 نەپەر. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، بۇ دوللار مىلياردېرلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ تەنتەنە قىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز ئېغىزى بىلەن «مەن ئۇيغۇر» دەپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنىمۇ يازمىدىم، بىزنىڭ تەنتەنە قىلىشىمىزمۇ ھاجەتسىز دەپ قارىدىم.  

    دېمەك، ھەممە مىللەتنىڭ مىلياردېرلىرى بار. بىزنىڭ يوق. بۇ  ۋەزىيەت، ئۇيغۇر خۇسۇسىي ئىگىلىگىنىڭ، رىقابەت بەيگىلىرىنىڭ چاڭ–توزانلىرى ئىچىدە يولىنى تېپىپ مېڭىشتا قىينىلىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

    ئۇيغۇرلارنىڭ مىلياردېرلىرى بولمىغانمۇ؟  بولغان.
      1910- يىلى، موسابايوفلارنىڭ غۇلجىدىكى تېرە زاۋۇتىدا يىلدا 1 مىليون تېرە ئىشلەپ چىقىرىلاتتى. زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى 1905-1907- يىللىرى گېرمانىيىدىن ئەكىلىنىپ قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى. 

        

     موسابايوف

    موسابايوفلارنىڭ شىركىتىنىڭ  مەركىزى  غۇلجىدا بولۇپ، يۇرتىمىزنىڭ ھەممە چوڭ  شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى، سېتىش، ئېلىش مەركەزلىرى بار ئىدى. لەنجۇ، شاڭخەي، تاشكەنت، شەمەي، قازان لاردىمۇ شۆبىلىرى بولغان، گېرمانىيە، تۈركىيە، ھىندىستاندا، موسابايوف شىركەتلىرىنىڭ ۋاكالەتخانىسى بار ئىدى.

      موسابايوفلار، بۇنىڭدىن  100  يىل بۇرۇن، خەلقئارالاشقان خولدىڭنىڭ ئىگىسى بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا موسابايوفلارغا تەڭ كېلىدىغان باي يوق ئىدى. موسابايوفلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مىلياردېرلىرىدىن بىرى ئىدى.  

     

    ھۈسەنباي ۋە باھاۋۇدۇنباي

     

      ئارىدىن 100 يىل ئۆتتى. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭلا مىلياردېرى يوق. 

    80-يىللاردا گۇۋاڭدۇڭلۇققا، 90-يىللاردا ئورتا ئاسىيالىققا تىجارەت ئۆگەتكەن ئۇيغۇرلار، بۈگۈن، ئۇلارنىڭ ياراتقان تىجارى مۆجىزىلىرىگە قاراپ ئەقلى لال بولۇپ  گاڭگىراپ تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ. 

    ئۇيغۇرلاردىنمۇ تىرىشىپ–تىرمىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ كۆزگە كۆرۈنگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.  بىراق، يۇرتىمىزدىكى تىجارەتچى  ئۇيغۇر بايلارنىڭ بارلىق ئىقتىسادىنى بىرلەشتۈرسەكمۇ، 90-يىللاردا يۇرتىمىزغا ئېقىپ كېلىپ مىلياردېر بولغان بىر لاۋبەننىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كەلمەيدۇ.

        ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتتىن  ئىقتىسادىي نېسىۋىسىنى ئالالماسلىقتا، تاشقى ئامىلدىن سىرت يەنە مەسىلىنى ئۆزىمىزدىنمۇ ئىزدىشىمىز كېرەك. دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈپ، سۇ ئىزدەپ ئۇسسۇز قالغان بېلىقتەك، 30 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرۈپ تېگىشلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئىرىشەلمەسلىگىمىزدە  ئۆزىمىزدە نېمە سەۋەنلىكلەر ئۆتتى؟ كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىپ بېقىشىمىز لازىم.

     

      ئۇيغۇر سودا ساھەسى 30 يىلدا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان پۇرسەتنى، يەنە 100 يىلدىمۇ تولدۇرۇۋالالمايدۇ.

      ئۇيغۇر سودا ساھەسى، خۇددى قاتتىق تاياق يەپ مېڭىسى چايقىلىپ كەتكەن، يېڭىلگەن بوكسۇرچىلاردەك دەلدەڭشىپ يول يۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالى بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

     

      بىز ياشلار، كونىلارنىڭ  ئەنئەنىۋىي تىجارەت تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كونا تىجارەت  شەكلىنى، ئۇسۇلىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك. ھازىرقى دەۋر، مائاشتىن ئىبارەت «دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقى»غا ئېرىشىش ئۈچۈن جاھىللىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان دەۋر ئەمەس. 

      ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىغاندا، ئىچكى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىش پۇرسەتلىرى كەڭ. بولۇپمۇ، ياخشى ئوقۇغان، بىر قانچە تىل بىلىدىغان، كەسپىي بىلىمى يۇقىرى ياشلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك خۇسۇسىي چوڭ شىركەتلەردە ئىشقا كىرىشكە تىرىشىشى لازىم. ھەم يۇقىرى مائاش ئالىسىز، ھەم شىركەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىسىز. ئىشنى پۇختا ئۆگەنگەندىن كېيىن سىزمۇ ئۇلار قىلغان ئىشنى قىلالايسىز. خالىسىڭىز چەتئەللەردىمۇ ئىشىڭىزنى تېپىپ قىلالايسىز.

         بىر قۇرۇلۇش  ئېنژېنېرى، بىر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، كىم بولسىڭىز بولۇڭ بىر كەسىپ ئىگىسى بولسىڭىز چەتئەلدە ئاچ قالمايسىز. ھەتتا تامچى، توكچى، رېمونتچى بولسىڭىزمۇ پۇل تېپىپ جېنىڭىزنى، ئائىلىڭىزنى باقالايسىز. ئەمما، «شۇجى، كېجاڭ، جۇيجاڭ» لىق  قىلىپ چەتئەلدە ياشاش ھەۋىسىدە چەتئەلگە چىقسىڭىز، بەلكى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، چەتئەلدە، شۇجىلىق، كېجاڭلىق، جۈيجاڭلىق كەسپى يوق.

     

    شۇڭا ياشلار كەسىپ ئۆگىنىشى، كەسپى بىلىمنى كاپىتالغا ئايلاندۇرۇشى ئۆگىنىشى لازىم.

         جۇڭگو «دۇنيانىڭ  زاۋۇتى» دەپ ئاتالماقتا. ھازىر دۇنيادا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئومۇمى مەھسۇلاتنىڭ%50 ى جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. جۇڭگو پولات-تۆمۈر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دەڭ چىلىن 3-ئاينىڭ 26-كۈنى « 2010-يىلى جۇڭگونىڭ پولات-تۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىشى 610 مىليون بىلەن 620 مىليون توننا بولىدۇ» دەپ ئېلان قىلدى. جۇڭگونىڭ 2009- يىلى يىللىق پولات-تۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 567 مىليون 840 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا ئىشلەپ چىقىرىلغان يىللىق  پولات-تۆمۈرنىڭ %50 تىن ئارتۇقراقىنى جۇڭگو ئىشلەپ چىقارغان ئىدى. دېمەكچىمەنكى، جۇڭگودا ئىش  ۋە پۇل تېپىش ئىمكانىيىتى تۈگەپ قالغىنى يوق.

       جۇڭگو ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل بېشىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا، جۇڭگودا رەسمىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللىك شىركەتلەرنىڭ سانى 600000.

         ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىلىملىك ئىش كۈچىگە بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن يۇقىرى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ، ئاڭلىق خەنزۇلار ئارىسىدا، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاقىدىغان كەيپىياتلار ئېغىر ئەمەس.  

    جۇڭگونىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان 65 مىليون ئەتراپىدا خەنزۇ بار. دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىگە تارقالغان خەنزۇلار، 30 يىل جەريانىدا ھەم جۇڭگونىڭ ماللىرىنى دۇنياغا ساتتى، ھەم غايەت زور مىقداردا پۇل تاپتى. 

    چەتئەلدە ياشاۋاتقان 1 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار. جۇڭگو بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقانلار كۆپ.  چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تارقاق، كۈچ، سەرمايە بىرلىكى  بولمىغاچقا، ئۇششاق تىجارەتچى ھالىتىدىن يۈكسىلەلىگەنلەر ئاز. 

    ۋەتەن ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى  مىللىي  سەرمايە، ئەقىل، ئۇچۇر، ئىمكانىيەتلەر سەپەرۋەر قىلىنىدىغان بولسا، ئۇيغۇر سودا ساھەسىنىڭ تىجارەت تورى پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىش شارائىتىغا ئىگە. بىراق، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچ تۇيغۇسىنىڭ زەئىپلىكى، بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدا توسالغۇ شەكىللەندۈرمەكتە. 

    دۇنيادا «چوڭ بېلىق  كىچىك بېلىقنى يەيدۇ» دەيدىغان نەزەرىيىنىڭ مودىسى ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈنكى ئۇچۈر دەۋرىدە، تىز بېلىق، ئاستا بېلىقنى يەيدۇ. 

    مىللىي ئىقتىسادنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى، يەنىلا يېڭى ئەۋلادلار سىزىپ چىقىشى لازىم.

    ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا، جۇڭگودىكى  ئىنگىلىزچە ئىش ئىزدەش تورلىرىدا، ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئىش ئىزدەش ئېلانلىرىنى بېرىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە  تىل بىلىدىغانلىغىڭىزنى يېزىشنى ئۇنتۇماڭ. سىز ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە تىل بىلىدىغانلىغىڭىزنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ. سىز ئۇيغۇرچە بىلگەن ئىكەنسىز، قېرىنداش تىللارنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئەمەس. پەقەتلا سىزنىڭ تىل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىڭىز بەزى چەتئەللىك شىركەتلەرنىڭ سىزنى تاللىشىغا ۋەسىلە بولۇپ قالىدۇ.

     

       ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشچى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئوقۇغان ياشلار بىلەن بىرلىشىپ يېڭى ئىش ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدىسە بولىدۇ. كېيىن، ئىشلىرىنى ۋەتەنگە كېڭەيتسە بولىدۇ.

    خەلقىمىز،  ھايات-ماماتلىق ئېغىر تارىخى باسقۇچنى بەشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئاجىز مىللىي ۋۇجۇدىمىز، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر چاقلىرىنىڭ ئاستىدا ئېزىلىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت.

     

    نۆۋەتتە، خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى- كېلەچەككە بولغان ئۈمىد. كېلەچەكنىڭ ئۈمىدى، بىز ياشلارمىز. مەكتەپلىرىمىزدە، ئىش ئورۇنلىرىمىزدا ئۇتۇققا ئېرىشىشنى، غەلىبە قىلىشنى، مىللىي غايىمىزنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېساپلىشىمىز كېرەك.

     

    كەسپى دەرىسلىرىمىزدىكى بىر تاپشۇرۇقنى ئارتۇق  يېشىش، چەتئەل تىلىدىن بىر جۈملە سۆزنى ئارتۇق ئۆگىنىش، بىر موچەن پۇلنى ئاز خەجلەش، ئۇزاقتا قالغان يۇرتىمىزدىكى بىر يېتىم بالىنىڭ، بىر تۇل ئايالنىڭ، بىر چارىسىز قېرىندىشىمىزنىڭ بىر تامچە كۆز يېشىنىڭ ئاز تۆكۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. 

    ئەگەر، كېلەچەكتە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى قەلبىڭىزگە پۈككەن بىرسى بولسىڭىز، سىزنىڭ ئەڭ سىرداش دوستىڭىز كەسپىڭىز، قىلىۋاتقان ئىشىڭىز بولسۇن.

     

    ئەگەر، بىرەر شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بولسىڭىز، خوجايىنىڭىزغا خۇشامەت قىلىدىغان ۋاقتىڭىزنى، خوجايىن تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشقا سەرپ قىلىڭ. ئاينى توشقۇزۇپ، مائاشىنى ئالىدىغان كۈننى ساناپ ئۆتكەنلەرنىڭ، شىركەتلەردىكى ئىش ئۆمرى ئۇزاققا بارمايدۇ. ئۆزىڭىزنى شىركەت مىخانزىمىنىڭ بىر قىسمى ھېساپلاڭ. شىركەتنىڭ تەقدىرى مېنىڭ تەقدىرىم دەپ چۈشىنىڭ ۋە ھەرىكەت قىلىڭ. كېيىن ئۆز ئالدىڭىزغا تىجارەت پائالىيەت ئېلىپ بارسىڭىز، ئۆگەنگەن تىجارەت ئەخلاقىڭىز، سىزنى كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان كومپاس بولۇپ قالىدۇ.  

    تىجارەتنىڭ قاتىلى- تىجارەتچىنىڭ  ھىيلىسىدۇر.

     

    تىجارەتچىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى-نىيىتىنىڭ دۇرۇسلىغىدۇر.  

    بايلىق ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. تىرىشچانلىق بىلەن كېلىدۇ. بىراق، يۇرتىمىزدىكى يېزىلاردا، كىچىك شەھەرلەردە قانچىلىك تىرىشساقمۇ، مېھنەتكە يارىشا ھوسۇل  يوق. ئالۋان-ياساق، پارىخورلۇقنىڭ ئاستىدا ئېزىلىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئەھۋالى، ئوقۇغانلارغا، ئوقۇۋاتقانلارغا ئىبرەت بولسۇن!

     

      توغرا ۋاقىتتا، توغرا يەردە تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلەردىن توغرا پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز لازىم.

     

    «ئالى بابا» تور بېتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا مال سېتىش ئىمكانىيىتى بار. تىل بىلگەن بىرەيلەن، زامانىۋى سودىنى بىلگەن بىرەيلەن، سەرمايىسى بار بىرەيلەن بىرلىشىپ بىر شىركەت قۇرسىڭىز، ئىشنى  كىچىكتىن باشلاپ ،ئازغا قانائەت قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز. ئىگە بولغان سەرمايە، تەجرىبە بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ئىش ئىزدەپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرەلەيسىز.

     

    يېڭى تېخنولوگىيە غەرب دۆلەتلىرىدە ئىجات قىلىنسىمۇ، جۇڭگودا مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ دۇنياغا تارقالماقتا. 

    جۇڭگودا ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بىر سودا يەرمەنكىسى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر يىلى 4- ۋە 9-ئايلاردا گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى (گۇاڭجاۋخۇي) ئېچىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن قانچە مىليون مۇشتىرى كېلىدۇ.  

    سودا يەرمەنكىلىرى، ماللىرىڭىزغا يېڭى مۇشتىرى تېپىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق جايىدۇر. زاۋۇت-فابرىكىلىرىڭىز بولمىسىمۇ، يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى يوق كىچىك زاۋۇتلار بىلەن كېلىشىم تۈزەپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى دۇنياغا ساتالايسىز.

     

    ئۆتۈپ كەتكەن پۇرسەتلەرگە ئېچىنىش، پەقەتلا يۈرىكىمىزنى يارا قىلىشتىن باشقا  ئىشقا يارىمايدۇ. 

    ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە، ئىشلىگەنلەرگە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بىز جاپاكەش، ئەمگەكچان ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرىمىز. ئىشلەش شەرەپتۇر. بىلىم بىلەن مېھنەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان كۈچ چوقۇم ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتالايدۇ. 

    كومپيۇتېر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئۇلىشالايمىز. ئەسلىدە دۇنيا بىزنىڭ سومكىمىزدا. ئۇنى بويسۇندۇرۇش، ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇش بىزنىڭ قابىلىيەت ۋە جاسارىتىمىزگە باغلىق.  

    بىلىم كاپىتالغا ئايلانسا بەختنىڭ بىر قىسمىغا ئېرىشكەن بولىمىز.
      ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلەر، سىياسىي جەھەتتىنمۇ تەل-تۆكۈس ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ.

     

    موسابايوفلار 100 يىل ئالدىدا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت رېكورتىغا، 100 يىلدىن  كېيىنكى بىزلەردىن  ئېرىشىدىغان بىر قانچە، بىر قانچە ئون، بىر قانچە يۈز ئۇيغۇر بالىسى  چىققۇسى.

     

    بەلكى يېقىن كېلەچەكتە، سىز ياكى مەن، ياكى ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىلياردېرى بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر سىز، مەن، ئۇ،  كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرسەك، تېخىمۇ قىسقا زاماندا غايىمىز ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. 

    كۈچلۈك مىللىي ئىقتىساد بولماستىن،پارلاق مىللىي كېلەچەك بولمايدۇ.!!!!!!

     

      بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن

    «ئېقىن ژورنىلى» دىن ئېلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.