شەيتان لوغەت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 12:54:44

شەيتان لوغەتئازاب:ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىپ، كىيىم ئىشكابىمدا بىر ئەرنى بايقاپقالدىم.ئالدام خالتىغا چۈشۈش:ئايالىم ئۇ ئەرنى كىيىمئىشكابىمىزنى كۆرۈشكە كەلگەن دېدى. ئىشەنمەي ئامال قانچە.ئەخمەق: ئ...

    شەيتان لوغەت

    ئازاب : ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىپ، كىيىم ئىشكابىمدا بىر ئەرنى بايقاپ قالدىم.
    ئالدام خالتىغا چۈشۈش: ئايالىم ئۇ ئەرنى كىيىم ئىشكابىمىزنى كۆرۈشكە كەلگەن دېدى. ئىشەنمەي ئامال قانچە.
    ئەخمەق: ئۇئەرنى قىزغىن كۈتتۈم، تاماق يەپ، ھاراق ئىچتۇق، كېتىدىغان ۋاقتىدا،مەن تېخى ئۇ ئەرگە ئالايىتەن، پات پات كېلىپ ئويناپ كېتىشنى ئېيتتىم.
    ئويغىنىش:ئۇ ئەر كەتكەندىن كېيىن،  ئۇ ئەرنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدىلا تۆت قېتىم كىيىم ئىشكابىمىزنى كۆرگەزمە قىلغىلى كەلگىنىنى تۇيۇقسىز ئېسىمگە ئالدىم.
    غەزەبلىنىش: ئۇ ئەر كېتىشنىڭ ئالدىدا تېخى مەندىن 500يۈەن قەز ئالدى.
    تەسەللىي بېرىش: ھېلىمۇ ياخشى كېچىكىپ ئېسىمگە كەلدى، بولمىسا ئۇ دارازىنىڭ ئالدىدا ئېسىمگە كېلىپ قالغان بولسا، تۇتۇشۇپ قالساق.....
    ئامەت: كىيىم ئىشكابىدىن ئۇ ئەرنىڭ بىر پاي پايپىقىنى تېپىۋالدىم، دەل مەن ياخشى كۆرىدىغان رەڭدىكى.
    ئەپسۇسلىنىش: يەنە بىر پېيىنى قانداقلا قىلىپ تاپالمىدىم.
    ئۆچ ئېلىش: كىيىم ئىشكابىنىڭ ئىچىگە ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسى چېچىۋەتتىم.
    بىخەستىلىك: ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزەم ھوشسىزلاندۇرۇش دورىسىدىن سۈمۈرىۋېلىپ، ئىككى كۈنگىچە شىركەتكە بارالماي، مۇكاپاتلىرىمدىن قۇرۇق قالدىم.
    نەتىجە: ئىشتىن ئايالىمغا قانداق جاۋاب بېرىشنى ئويلىشىپ چۈشتۈمدە، ئىشىك ئالدىغا كەلگىنىمدە، ئىشىكنىڭ ئىچىدىن تاقاقلىقىنى بايقىدىم.
    ئوۋ: ئىشىكنى تېپىپ كىرىپلا، كىيىم ئىشكابىنى ئېچىپ، شۇنى كۆردۈمكى....
    كۈتۈلمىگەن ۋەقە: ئىشكاپنىڭ ئىچىدە باشقا بىر ئەر ياتاتتى، بىزنىڭ شېركەتنىڭ دېرىكتورى.
    دىئالوگ:دېرىكتور قانداق بولۇپ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ قالدى؟ دېرىكتورنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىشى، سىزدەك خىزمەتچىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش.دېرىكتور بىر نىمە دېدىمۇ؟ دېرىكتور ھەممە ياخشىكەن، شۇ، مۇشۇئىشكابىڭلار سەل كىچىككەن، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويىدىكەن، شىركەتتىن مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭراق كىيىم ئىشكابىدىن بىرنى ئېلىپ بەرسەك بولغۇدەك،دېدى.
    ئۈمىدسىزلىنىش: دېرىكتوركەتكەندىن كېيىن، كىيىم ئىشكابىمنى يېرىم كۈن ئاختۇرۇپمۇ بىرەر خاتىرەبويۇم تاپالمىدىم، بۇ دېرىكتور تازىمۇ پىخسىق نىمىكەن.
    پۇرسەت: دېرىكتور «يىغىن»غا كەتتى، دېرىكتورنىڭ خانىمى مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.
    خاتالىشىش:دېرىكتور بالدۇرلا ئۆيگە قايتىپ كەلدى. چۈنكى بۈگۈن ئايالىمنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان كۈنى ئىدى. شۇڭا، دېرىكتور «يىغىن ئېچىش»قىمۇ ئامالسىزقالغانىدى.
    ئامالسىزلىق: دېرىكتورنىڭ ئۆيىنىڭ كىيىم ئىشكابىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ باقىدىغان بولدۇم.
    تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قىلىش: دېرىكتورنىڭ ئۆيىدىكى كىيىم ئىشكابىدا، شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرىمدىن ئىككىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
    ئورتاق تونۇش:بىز ئىزچىل دېرىكتورىمىزنىڭ كىيىم ئىشكابىنىڭ ئازادە يورۇق، ھاۋاسى ياخشى، يەنە بىرقانچە ئادەم كىرسىمۇ قىسىلمايدىكەنمىز دەپ قارايمىز.
    قول قۇيۇش: دېرىكتور كىيىم ئىشكابىنى ئېچىپ بىزنى كۆردىدە، «ۋۇي؟ بۈگۈن ئارانلا ئۈچ ئادەممۇ؟» دەپلا قويدى خالاس.
    تونۇپ يېتىش:ھە، ئەمدى نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ دېرىكتور، مەندەكلەرنىڭ ئادەتتىكى كىچىك خىزمەتچى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. قارىمامسىز؟! دېرىكتورنىڭ قارنى كۆكسىنىڭ دەريادەك كەڭلىكىنى!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سەيتان لۇغەت _