تەپەككۇر ۋە خاراكتېر

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-07 16:10:00

« ئادەم تەپەككۇر قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ » بۇ بىر جۈملە سۆز بىر ئادەمنىڭ مەۋجۈتلۇقىنىڭ پۈتكۈل ئەھمىيتىنى يىغنچاقلاپلا قالماستىن ، بەلكى بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا يولۇقىدىغان...

    « ئادەم تەپەككۇر قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ » بۇ بىر جۈملە سۆز بىر ئادەمنىڭ مەۋجۈتلۇقىنىڭ پۈتكۈل ئەھمىيتىنى يىغنچاقلاپلا قالماستىن ، بەلكى بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا يولۇقىدىغان بارلىق مۇھىت ۋە شارائىتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بىر ئادەم تەپەككۇر ئارقىلىقلا مەۋجۈت بولىدۇ ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ تەپەككۇر يىغىندىسىدۇر.

    خۇددى بىر تۈپ ئۆسۈملۈك ئۇرۇقتىن ئۈنۈم چىققانغا ئوخشاش، ئادەمنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ئىدىيسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولۇشى تەپەككۇردىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ پەقەتلا ئىنچىكە پىلانلاپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرگە ماس كېلىپلا قالماستىن ، ئاتالمىش « شەرتسىز » ۋە « مەقسەتسىز » ھەرىكەتلەرگىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.

    ھەرىكەت تەپەككۇرنىڭ گۈلى ، خۇشاللىق ۋە قايغۇ بولسا تەپەككۇرنىڭ مېۋىسى ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر ئۆزلىرى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈپ ئېرىشكەن مېۋىلەرنىڭ بەزىلىرى تاتلىق ، بەزىلىرى ئاچچىق بولىدۇ.

    تەپپەككۇر بىزنى ياراتتى. بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز تەپەككۇر ئاساسىدا قۇرۇلغان . ئەگەر بىر ئادەم كۆڭلىدە يامانلىقنى ئويلىسا ، قايغۇ خۇددى قېرى كالىغا قوشۇلغان ھارۋىدەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا يۈرىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىدىيسى پاك ۋە ئالىيجاناپ بولسا ، خۇشاللىق خۇددى سايىدەك ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.

    ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتلىشى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. تەپەككۇر دۇنياسىدا سەۋەب ۋە نەتىجە مۇقەررەر بولىدۇ، بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ. خۇددى بىز كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك : ئالىيجاناپ پەزىلەت تەڭىرىنىڭ شاپائىتى ياكى پۇرسەتنىڭ ئىلتىپاتى ئەمەس ، بەلكى ئۇزاق مۇددەت ئېلىپ بېرىلغان توغرا تەپەككۇرنىڭ تەبىئي نەتىجىسى ، رەزىل ۋە پەسكەش خاراكتېرمۇ مۇشۇنداق جەرياننى باشتىن كەچۈرىۇ، ئۇ ئۇزاق مۇددەت يامان نىيەتتە بولغانلىقنىڭ نەتىجىسى .

    ئادەمنىڭ يارىلىشى ۋە ھالاك بولۇشىنى ئادەم ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان . تەپەككۇرنىڭ قورال زاۋۇتىا ، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدىغان قورالنى ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن خۇشاللىق ، كۈچ - قۇدىرەت ، تىنىچىلىققا تولغان جەننەت كەبى باغ بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىدىغان قورالنىمۇ ياساپ چىققان . توغرا تاللاش ۋە سەمىمىي تەپەككۇر ئارقىلىق ئىنسانلار مۇقەددەسلىك ۋە مۇكەممەلىككە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ؛ خاتا تەپەككۇر ۋە خاتا تاللاش پەقەت ئادەمنى ھايۋانلىققا چېكىندۈرىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسدا يەنە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى  خاراكتېرلەر مەۋجۈت ، ئادەم بولسا دەل مۇشۇ خاراكتېرلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە خوجايىنى .

    بۇ دەۋرىدىكى روھقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھەقىقەتلەر ئىچىدە ، ئادەمنى ئەڭ ھاياجانلاندۇردىغان ۋە ئادەمگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدىغان ھەقىقەت شۇكى - ئادەم تەپەككۇرنىڭ خوجايىنى ، خاراكتېرنىڭ ياسىغۇچىسى ، مۇھىت ۋە تەقدىرنىڭ ياراتقۇچىسى .

    ئەقىل - پاراسەتكە ۋە مېھىرى - مۇھەببەتكە ئىگە بولغان ھاياتلىق بولۇش ۋە ئۆز تەپەككۇرىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قولىڭىزدا ھەرخىل تەقدىرگە تۇتۇشىدىغان ئاچقۇچ بار بولىدۇ. ئادەم ئەسلىدىلا ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش قۇدىرىتىگە ئىگە ، بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنى ئۆزى خالىغان ھالەتكە ئۆزگەرتەلەيدۇ.

    ئادەم مەڭگۈ خوجايىن ، گەرچە ئۇ ئەڭ ئاجىز ۋە ئەڭ يىگانە ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئۆز ئۆزىنىڭ خوجايىنى . پەقەت ئۇ ئاجىزلاشقاندا ۋە چۈشكۈنلەشكەندىلا ، ئۆزىنىڭ «ئائىلە ۋە كەسىپ ئىشلىرى » نى ياخشى باشقۇرالمايدىغان ئەخمەق خوجايىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇپ يېتىپ ، تىرشچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پىرىنسىپىنى ئىزدىنىشكە باشلىغان ۋاقىتتا ئەقىللىق ۋە زېرەك خوجاينىغا ئۆزگىرىپ ، ئۆز زېھنى كۈچىگە ئەقىل ئىدراكنى يىتەكچى قىلىپ ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى ئۈمىدكە تولغان كەسىپ ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندىلا بىر ھۇشيار خوجايىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق خوجايىن بولۇش ئۈچۈن تەپەككۇرنىڭ پىرىنسپىنى ئۆزىدىن ئىزىدىشى كېرەك . بىراق تەپەككۇرنىڭ پىرىنسىپىنى بايقاشنىڭ يولى . ئەمەلىي ئىزدىنىش - ئۆزى توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە جاھان ئىشلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلغان .

    پەقەت بوشاشماستىن ئىزدەنگەندىلا ، ئاندىن ساپ ئالتۇن ۋە ئالماسقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ روھ كانىنى قازالىسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ھەقىقەتلەرنى بايقىيالايدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۆز خاراكتېرىنىڭ شەكىللەندۈرگۈچىسى . ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ياسىغۇچىسى ئۆز تەقدىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ. ئۇ شەك - شۈبھسىز شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ، پەقەت ئۇ ئۆز تەپەككۇرىنى كۆزىتىش، كونترول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى خالىغاندا ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز تەپەككۇرىنىڭ ئۆزىگە ، باشقىلارغا ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە مۇھىتقا كۆرستىدىغان تەسىرى ۋە رولىنى ئىنچىكلىك بىلەن ئىزدەنگەندىلا ، سەۋرچانلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ۋە تەكشۈرۈپ ، سەۋەب بىلەن نەتىجىنى بىر - بىرىگە باغلىيالايدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىچىككىنە بىر كەچۈرمىشىنىمۇ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىتىكى ئىشلىرىنىمۇ بىر  خىل بىلىم ئېلىش يولى قىلالايدۇ. مۇشۇنداق ئېرىشلىگەن بىلىم چۈشىنىش ، ئەقىل - پاراسەت ۋە ھوقۇقتىن ئىبارەت . بۇ دەل كىشلەرنىڭ « تىرشىپ ئىزدەنگەن ئادەملا ئېرشەلەيدۇ، دەرۋازا پەقەت دەرۋازا قاققۇچىلارغىلا ئېچىلىدۇ » دېگەندىن ئىبارەت . چۈنكى پەقەت سەۋرچانلىق ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە چەكسىز ئىنتىلىش بولغاندىلا ، ئادەم بەخت قەسىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرەلەيدۇ.

    « كىروران » ژورنىلىدىن ئېلىنغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.