كىتابنىڭ ئىشىكى(ئەدەبىي خاتىرە)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-05 19:52:05

كىتابنىڭ ئىشىكى(ئەدەبىي خاتىرە)خەن شياۋخۇي ئوبزورچى نەن فەن ئەپەندى «كامالەتكە يەتكەن چۈش» دېگەن ئەدەبىي خاتىرىسىدە مۇنداق ۋەقەلىكنى تەسۋىرلىگەنىدى: لىفتنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن بىر دېھقان سېھرى...

    كىتابنىڭ ئىشىكى
    (ئەدەبىي خاتىرە)
    خەن شياۋخۇي

    ئوبزورچى نەن فەن ئەپەندى «كامالەتكە يەتكەن چۈش» دېگەن ئەدەبىي خاتىرىسىدە مۇنداق ۋەقەلىكنى تەسۋىرلىگەنىدى:
    لىفتنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن بىر دېھقان سېھرىگەرلىككە ئوخشاش ئىشىك ئېچىلىش، ئىشىك يېپىلىشلاردىن ھەيران بولۇپ داڭ قېتىپ قالدى. ئۇ بىردەم تىمتاس بولۇپ كۆزىتىپ باققاندىن كېيىن، سەل دادىللىشىپ ئىشىككە يېقىن بېرىپ ئۇنى چېكىپ باقتى. ئىشىك ناھايىتى سوغۇق ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق شەپە يوق ئىدى. ئۇ ئىچىدە: «كىرىپ-چىقىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەننىۋاسى ئىشىكنى ئېچىشنىڭ ئەپسۇنىنى بىلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟» دەپ ئويلاپ قالدى.
    ئۇ ئارقىسىغا بىر قەدەم يېنىپ تۇرۇپ ئولتۇردى-دە، ئاشۇ ئىككى قانات دەرۋازىنىڭ سىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كەتتى. ئۇ ئۇشتۇمتۇتلا ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان بىر مەنزىرىنى كۆردى−يۈز-كۆزلىرىنى پۈتۈنلەي قورۇق بېسىپ كەتكەن بىر موماي دىڭگوسلىغان پېتى ھېلىقى ئىشىكتىن كىرىپ كەتتى، سەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىشىك يەنە ئېچىلدى، ئۇ ئىشىكتىن ئەمدى مودا ياسانغان بىر ئايال چىقتى! تازا قىزىق ئىشقۇ بۇ! ئىشىكتىن كىرسە ئادەمنى يېشىغا ياندۇرۇپ قويالامدۇ-نېمە؟ ئۇ ئۆزىنىڭ سەھرادىكى ئايالىنى دەرھال ئېلىپ كېلىش نىيىتىگە كەلدى.
    بۇ ۋەقەلىك ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ جانلىق ئىدى. ئۆزۈممۇ بۇنى ئۆمۈر بويى ئېسىمدىن چىقىرالمايدىغاندەك تۇيۇلدى .
    شۇغىنىسى، مېنىڭ نىشانەم ھېلىقى دېھقاننىڭ كۈلكىلىك ئىكەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئىشىك توغرىسىدا باشقىچە چاغلاردا ياكى ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنت، باشقا بىر جايدا ياكى ھەرقانداق ماكان ۋە ھەرقانداق زاماندا، ئۆزىمىزنىڭ ئالدىدىكى نېمىلەرنى كۆرىمىز؟ دېگەندىن ئىبارەت.
    ئىشىك ھەممە يەردە بار، قايسى كۈنلەردە ئىشىكتىن ئايرىلىپ كېتەلەيمىز؟ ئورگاننىڭ ئىشىكى، مەكتەپنىڭ ئىشىكى، سودا سارايلىرىنىڭ ئىشىكى، باغچىنىڭ ئىشىكى، كۇتۇپخانىلارنىڭ ئىشىكى، تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ ئىشىكى، ياتاقنىڭ ئىشىكى، تۇرالغۇ بىناغا كىرىش ئىشىكى، ئۆز ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى، ئۆز ھۇجرىمىزنىڭ ئىشىكى… كۈندىلىك ھەرىكىتىمىزنىڭ مەزمۇنى، ھەتتا ھەرىكىتىمىزنىڭ  شەكلى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ھاياتىمىزنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىغا باشتىن-ئاخىر سىڭىپ كەتكەن. ئىشىك ھاياتىمىزنىڭ ئۆتەر يولى، مەيلى تۇرمۇشىڭىز بەختلىك بولسۇن ياكى بەختسىز بولسۇن، ھېچقايسىمىز ئىشىكنىڭ مۇھاپىزىتىدىن ياكى ئىسكەنجىسىدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيمىز .
    بۇنىڭدىن باشقا يەنە روھىي ئىشىكىنىڭمۇ بارلىقىنى - پەلسەپىنىڭ، ئەدەبىياتنىڭ، تارىخنىڭ، دىننىڭ، پسىخولوگىيىنىڭ، ئىجتىمائىي پەننىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىشىكىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئىنسانلار قەلبىنى ئېچىپ راۋانلاشتۇرغۇچى ئىشىكلەر، ئالىيجاناب ئىشكلەر بىزدەك  ئاددىي كىشىلەرنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدىغان مۇقەددەس ئىلاھتۇر. بۇنىڭدىمۇ ئالدىنقى شەرت بار، ئەلۋەتتە، ئۇ بولسىمۇ ئەسكى ئىش قىلماسلىقىڭ كېرەك، ئەسكى ئىشلا قىلىدىغان بولساڭ، باشقىلارغا ئورا كولاپ ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق قىلساڭ، قاتىللىق قىلىپ، ئوت قويساڭ، زىناخورلۇق قىلساڭ، قەست قىلساڭ، ۋاپاسىزلىق قىلساڭ… دوزاخنىڭ ئىشىكى گۈلدۈرلەپ ئېچىلىدۇ.
    مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئىنسانلار ئىشىكنى ئىختىرا قىلدى، ئۆزى ئۈچۈن ئارامگاھ، بوشلۇق ھازىرلاپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىپ قالماستىن، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلەلىشىگە تەشنا  بولىمىز. مەسىلەن، خۇشاللىق، بەخت-سائادەت، خاتىرجەملىك، گۈزەللىك، يېڭىلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەش … ئومۇمەن قىلغاندا، مەۋجۇت بولغانلىكى بارلىق گۈزەللىكلەرنى، شۇنىڭدەك  تەسەۋۋۇر قىلالىغان جىمىكى گۈزەللىكلەرنى ئاتا قىلىشىغا تەشنا بولماقتىمىز.
    گېپىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە دەيدىغانلىرىم تېخى تۈگىمىدى، ئىشىكنىڭ رامكىسى−يەنىمۇ كېڭەيسە بولىدۇ، كىتاب ئوقۇشقا خۇشتار بولىدىغان ئادەم ئۈچۈن كىتابمۇ بىر ئىشىك ھېسابلىنىدۇ.
    بىر كىتابنى ئاچقانلىق بىر ئىشىكنى ئېچىش ھېسابلىنىدۇ. كىتابنىڭ ئىشىكىدە جىمى نەرسىنىڭ جىمىسى بولىدۇ. يەنى بىلىم، كۈچ، يورۇقلۇق، ئۈمىد، تەسەللى، ئىلھاملاندۇرۇش، ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى، قامچا… بولۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسى بار، ئۇلارنىڭ چەك-چېگرىسى يوق، ئۇلارنى ئىشلىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد، ئەبەدىلئەبەد ھەمراھ بولۇپ بارىدۇ! بىز ئۆمۈر بويى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇۋېرىشكە تېگىشلىك بولغان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت.

    «ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى كىتابقا تەرتىپ بويىچە ئىزنا قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئادەم توپى يوقالسىمۇ، كىتاب يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ».
                                        (گېرتسىن)
    «كىتابتا پۈتكۈل ئۆتمۈشنىڭ روھى توغرىسىغا ياتقان بولىدۇ».
                                         (كارلىل)
    «كىتاب بىزنى ئۆتكەنكى ھەرقايسى دەۋرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ۋارىسى قىلىپ چىقىدۇ».
                                         (شىن نىڭگې)
    «كىتاب دەۋرىمىزنىڭ ھاياتىدۇر».
                                         (بېلنىسكىي)
    «ھەر بىر كىتاب بىردىن پەلەمپەي ھېسابلىنىدۇ، ھەر بىر پەللىگە ئۆرلىگەندە ھايۋانىيلىقتىن قۇتۇلۇپ ئىنسانىيلىققا ئۆرلىگەن بولىمىز».
                                         (ماكسىم گورگىي)
    ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ئاشۇ گەپلىرى كىتابنىڭ دەرۋازىسىدا مىڭ يىللاپ، تۈمەن يىللاپ قالىدۇ.
    ئەڭ ئاخىرىدا، ئۆزۈمنىڭ مۇنداق ئىستىكىنى تەقدىم قىلىپ قوياي:
    مەن ئەسلىدە لاياقەتلىك بىر كىتابخۇمار ھېسابلىنالمايمەن، روھىي كەيپىياتىمنى ھېسابقا ئېلىپ، تەخىر قىلىپ تۇرالماي قولۇمغا قەلەم ئېلىپ قالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىياتنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ قالدىم، دىڭگوسلاپ-ئاقساپ يۈرۈپ يازغۇچىلار قاتارىغا قوشۇلۇۋالدىم، 14 كىتابمۇ چىقىرىۋالدىم. شۇنىسىمۇ ئۆزۈمگە ئايانكى، چوڭلۇقتا چەك-چېگرىسىز، موللۇقتا ھەددى-ھېسابسىز مەۋجۇتلۇق  ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ كىتابلىرىم تېخى سۇسقىنا شامال، بىر تاللا يامغۇر تامچىسى، ئەرزىمەس بىرتال توزان، ئاددىي بىر ئادەمنىڭ بەئەينى چۈمۈلىگە ئوخشاش سۈكۈت قىلىشىلا ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئېغىزغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان كىتابلىرىمنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئاچقان كىتابخانلارنىڭ ئىشكتىن كىرگەندىن كېيىن، كۆزلىرى پاللىدە يورۇپ، سالقىن بىر ماكانغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان بولۇشىنى، خاتا ئىشىكتىن كىرىپ قالمىغانلىقىدىن خۇشال بولۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن شۇ جايدا قەدىمىنى توختىتىپ تۇرۇپ قېلىشنى خالاپ قالالىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىمەن.

    تەڭرىتاغ ژورنىلىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.