زىيادە مېھرىبانلىق...

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-19 18:05:40

ئەتراپىمىزدا بالىلىرىغا غەم-ئەندىشىسىز تۇرمۇش ئاتا-قىلىش ئۈچۈن جېنىنى تىككەن ئاتا-ئانىلار كۆپ، ئەمما بۇ خىل ئاتالمىش چەكسىز كۆيۈنۈش ھاياتتىكى «قىلتاق»، خالاس.

     
    زىيادە مېھرىبانلىق...
     
    بىر يىلى كۈزدە بىر توپ ئاققۇ بىر كىچىك ئارالغا قىش ئۆتكۈزگىلى كەپتۇ، بۇ يەردە ياشايدىغان قېرى بېلىقچى ئۇلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، ئۆيىدە بار دان ۋە ئۇششاق بېلىقلار بىلەن بۇ مېھمانلارغا زىياپەت بېرىپتۇ؛ تاكى 2-يىلى باھاردا يەرلەر ئېرىپ، ئەتراپ كۆكەرگىچە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ، ھەتتا ئاققۇلار شىمالغا ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، ئۇ كېلەركى قىشقا تەييارلىق قىپتۇ.
    كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ يىللا ئۆتۈپتۇ، بېلىقچى ئۇلارغا زىيادە مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنۈپ، بىساتىدىكى بارلىق يېمەكلىكنى ئۇلارغا بېرىپتۇ. ئاخىر بىر يىلى قىشتا، بېلىقچىنىڭ بالىلىرى ياشىنىپ قالغان ئاتىسىنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئاققۇلارمۇ شۇنىڭدىن كېيىن غايىپ بوپتۇ. بىراق بۇ ئاققۇلار جەنۇبتىكى ئىسسىق جايلار ئۇچۇپ كەتمەپتۇ، بەلكى بۇ ئارالدا ئوزۇقسىز قېلىپ توڭلاپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
    ئاققۇلارنىڭ بۇ تىراگېدىيەلىك تەقدىرى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: بېلىقچىنىڭ چەكتىن ئاشقان مۇھەببىتى ئاققۇلارنى ئويناپ يۈرۈپ خوشال ياشاش گىردابىغا دۇچار قىلغان، ئاخىر بېرىپ ئۇلاردا بېقىنىپ ياشاش ئىستىكى پەيدا بولۇپ، ياشاش ئىقتىدارى ۋە مەۋجۇتلۇق ئاساسىدىن مەھرۇم بولغاندا، مۇھىتقا ماسلىشالماي، ئاقىۋەتتە رەھىمسىز مۇھىتتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
    ئەتراپىمىزدا بالىلىرىغا غەم-ئەندىشىسىز تۇرمۇش ئاتا-قىلىش ئۈچۈن جېنىنى تىككەن ئاتا-ئانىلار كۆپ، ئەمما بۇ خىل ئاتالمىش چەكسىز كۆيۈنۈش ھاياتتىكى «قىلتاق»، خالاس. ناۋادا تۇرمۇشتا «يالغۇز ئارال» پەيدا بولىدىغان بولسا، ئادەمنىڭ تەقدىرىمۇ ئاققۇنىڭكىدىن پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ. ئادەم بەرھەق كۆيۈنۈش ۋە مۇھەببەتكە موھتاج، ئەمما مېھرىبانلىق ۋە مۇھەببەت خاتىرجەملىك ۋە ھەممىنى قىلىپ بېرىش شەكلىگە ئەسىر بولسا، بۇنداق مېھرىبانلىق كۆيۈنۈش بولماي قالىدۇ، بەلكى ھاياتقا تەڭلەنگەن ئىللىق مامات ھاڭىغا ئايلىنىدۇ!
    گۈلەندەم مەمەت تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.