ماۋزېدوڭنىڭ جەسىتىنى تەكلىماكانغا دەپنە قىلىش كېرەك(جۇتاۋ)

يوللىغۇچى : bozqir يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-19 20:33:41

جۇتاۋ:ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىتىنى تەكلىماكانغا دەپنە قىلىش كېرەكبوزقىر تەرجىمىسى«جەنۇب ئازنىسى» گېزىتى 2008-يىلى 4 – ئاينىڭ 10- كۈنى يازغۇچى جۇتاۋنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كې...

    جۇتاۋ:ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىتىنى تەكلىماكانغا دەپنە قىلىش كېرەك

    بوزقىر تەرجىمىسى 
     
     
    «جەنۇب ئازنىسى» گېزىتى 2008-يىلى 4 – ئاينىڭ 10- كۈنى يازغۇچى جۇتاۋنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان «تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش» ھەققىدىكى تەكلىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنى ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈرۈپ باستى ۋە تارقاتتى.«ئامېرىكا دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى»،«سىنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»،كانادانىڭ چوڭ-چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى،«ئاۋسترالىيە گېزىتى»،«ئوۋمېن گېزىتى»،چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى« شەرق سەھەر گېزىتى»،«جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار سودا گېزىتى» ھەمدە ھەر قايسى چوڭ تور پونكىتلىرىمۇ ئۇنى بېسىپ،بىمەھەل قىزىق نۇقتىلىق ئاخباراتقا ئايلاندۇردى.
     
    مەشھۇر پەيلاسوپ جۇ گوڭپىڭ «تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش» ھەققىكى تەسەۋۋۇرغا باھا بېرىپ:«جۇتاۋنىڭ بۇ تەكلىپى پەقەت تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت خالاس،ئۇ ئەقىلگە سىغامدۇ-يوق،ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ- يوق، بۇ 21-ئەسىردىكىلەرگە باغلىق ئىش.» دېدى.
     
    جۇتاۋ ئالدىنقى كۈنى«جەنۇب ئازنىسى»گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «قۇملۇق قەبرىستانلىقى» ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى يەنىمۇ ئوچۇق شەرھلەپ،ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى يەنىمۇ كونكرېتنى ئوتتۇرىغا قويدى.جۇتاۋ بۇ ئىشتا بەش قولنىڭ ھەممىسىنى ئېغىزغا بىراقلا تىققىلى بولمىغاندەك، زور كۆلەملىك جەسەت يۆتكەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى،100مىليون ئەمەس 10مىڭ جەسەتنى يۆتكەپ كېلىشنىڭمۇ تەسلىكىنى ئېيتتى.ئۇ تۇنجى قەدەمدە ئىشنى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن باشلىماي ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى،داھىيلار،مەدەنىيەت ئەربابلىرى،كىنو-تېلېۋىزىيە،تەن-تەربىيە چولپانلىرى، لېي فېڭدەك كىشىلەرگە ئوخشاش جەسەتنى مۇمىيا قىلىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە كىشىلەردىن باشلاش لازىملىقىنى،بۇنى «ئاممىۋى خاراكتېر»گە ئەمەس بەلكى «مەدەنىيەت خاراكتېر» گە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇنىڭ پىكرىگە، ھەر قايسى ساھە،ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىشقا بولىدىكەن.يەنە كېلىپ بۇ تېخىمۇ زور قاتلاملىق شەرەپلىك ئىشكەن.مۇشۇنداق بولغاندا يەنە 50يىل ھەتتا 100يىللاردىن كېيىنمۇ ھۈجەيرىلەرنى قايتا كۆكلىتىپ مارىيان.مونرو (ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى-تەرجىماندىن) لارنى قايتا ئاپىرىدە قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ ئىشتا كۆلەمگە ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت دەرىجىسىگە ئەھمىيەت بەرگەندىلا ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
     
     شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن ماۋزېدوڭنىڭ جەسىتىنى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا يۆتكەپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا دەپنە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ،دۆلەت قۇرۇشقا ئۇلۇغ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر چېگرا رايوننى ساقلاپ ياتسا ھېچكىمنىڭمۇ جۇڭگونى بۆلىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ،باشقىلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ قەبرىسىنى قېزىشقا يول قويماسلىقنى ئېيتتى.جۇتاۋ تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى:«خۇا گوفېڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىت ۋە سىياسىينىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلى ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىتى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا قويۇلۇپ،خاتىرە سارىيى ياسالغان.بۇ پۈتۈنلەي تارىخنىڭ ئالاھىدە چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار.ئەمەلىيەتتە، ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىتى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇۋەرسە مۇۋاپىق بولمايدۇ.شۇنچىلىك تۇرغىنىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.خەلق قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلەش ئابىدىسىنى قەيەرگە قويسا بولۇۋېرىدۇ.چۈنكى، خاتىرلەيدىغانلار بەرىبىر خەلقتۇر.يەنە كېلىپ ئۇنداق يەرلەرگە بىر داھىنىڭ جەسىتىنى قويغاندا ئاز-تولا فېۋدال خانىدانلىق تۈسىنىمۇ ئېلىپ قالىدۇ.مەيلى سىز دۆلەت قۇرۇشقا قانچە زور تۆھپە قوشقان بولماڭ شۇنداق ئىش رۇي بەرسىلا ئاكاڭ قارىغاي مۇشۇ دۆلەتنىڭ خوجىسى،دېگەن مەنىدىن مۇستەسنا بولماق تەس. ئەمەلىيەتتە ،بىرەر ئادەمنىڭ بولمىغىنىغا دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ،فېۋدال خان-پادىشاھلارسىزمۇ دۆلەت قۇرۇش مۇمكىن.دۇنيادا نەدىمۇ گۈلى گۈلىگە كېلىۋېرىدىغان ئىش بولسۇن دەيسىز؟مېنىڭچە،بىراۋلار سىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭىزنى قانچە بىلىپ كەتكەنسېرى سىز شۇنچە بىئارام بولىسىزغۇ دەيمەن؟ »
     
      ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنىڭ ئىشىدا گەرچە مۇمكىنچىلىك بەك ئاز بولسىمۇ ئەمما بۇ مۇمكىنچىلىك ئاز ئىشلارنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدىكەن.دېڭ شىياۋپىڭ ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن،باش شۇجى خۇجىنتاۋمۇ ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ،ئاۋۋال ئىدىيىمىزنى ئازاد قىلىشىمىز كېرەك،ئىدىيىمىزنى ئازاد قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىساق قانداقمۇ يېڭىلىق يارىتالايمىز؟تەسەۋۋۇر دۇنيانى يارىتىدۇ،  كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ دەپ ئارىسالدى بولغاننىڭ پايدىسى يوق.
     
       جۇتاۋ مۇنداق دېدى : بېزىلەر مېنى «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپتۇ» دەپ تەنقىدلەپتۇ(ئەمەلىيەتتە جۇداكې قاتارلىق ئالىملار جۇتاۋنى «ئالجىغان زىيالىي» دەپ تەنقىدلىگەن-تەرجىماندىن )،ۋاڭ سۇمۇ«يېڭى سەۋدايى خاتىرىسى»دە پايتەخت بېيجىڭنى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ،”غەربىي ئاستانە“گە ئايلاندۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغانغۇ؟ئۇنداقتا ئۇ مەندىنمۇ بەكرەك ئالجىپتۇ-دە.
     
          جۇتاۋ،يازغۇچىلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سەنئەت كاتېگورىيىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر ۋە ئوي-پىكىر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛سىياسىيونلار مەسىلىلەرنى بەك كونكرېتنى ئويلايدۇ،ئۇلار تۈزۈلمىنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرى-تۆۋەن يۈرۈشتۈرۈش بىلەنلا بولۇپ كەتكەچكە ئۇلاردا جانلىق تەپەككۇر،مول تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى كەمچىل.سەنئەتكارلاردا بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك  نۇرغۇن پىلان-تەسەۋۋۇرلار بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا رېئاللىققا ئايلاندۇرالىشى ناتايىن.كونكرېتنى مەشغۇلاتتا يەنىلا سىياسىيونلارغا ،ئەمەلدارلار سىستېمىسىغا تايانماي بولمايدۇ،دەيدۇ.
     
       جۇتاۋ يەنە غەرىپنى ئېچىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: «غەرىپنى ئېچىش شوئارى پەقەت ئېغىزدىكى قۇرۇق گەپكىلا ئايلىنىپ قالدى،بۇ شوئارنى شۇنچە يىللار كۈچەپ توۋلىغانسېرى پەرق شۇنچە زورىيىپ باردى.سىزدە ئىرادە بولمىسا بۇنداق شوئارنى مىڭ كۈچەپ توۋلىسىڭىزمۇ بەرىبىر بىكار.سىز ئىرادەم بار دېگەن بىلەن كۈچىڭىز بولمىسا يەنە بىكار.شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كونا يولدا مېڭىۋېرىشكە بولمايدۇ.چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلىك شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ چىقىش كېرەك دېگەنلىكتۇر.»
     
         جۇتاۋ يەنە جۇداكې،ۋاڭ شاۋمىڭ،ئەي ۋېيۋېيلارنىڭ گەرچە قورسىقىدا ئۇمىچى بولسىمۇ ،نەزەر دائىرىسى كەڭ بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ساغلام بولمىغان غەيرىي روھى ھالەتتىكى كىشىلەردۇر ،مۇنداقچە ئېيتقاندا،ئۇلار مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىنورماللاردۇر،دېدى. بۇنداق بىنورمال ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى كەم بولىدۇ شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان كەڭ دائىرىلىك نەزىرىمۇ ئامما بىلەن ،ئەمەلدارلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقماسلىقى تەبىئىي.ئۇلار تالىپ مىجەز،زەيپانە،ئىدىيىسى قاتمال،ئىچىدە توڭگۇز قاترايدۇ.ئىش قىلىپ مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر سەركىلىككە يارىمايدۇ،ھەممىسى ئىچى قوتۇر ،چۈپرەندە چاشقانلاردۇر خالاس.ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا شۇنچە يىل جان ساقلىغانغا چۇشلۇق تورلاردا بىرەر قېتىم ھۆكۈمەت ۋە خەلققە نان تەگكۈدەك بىرەر تەكلىپ –پىكىر سۇنالىسا نېمە دەي،شۇنىڭغا قاراپلا جۇڭگودا ئۇنىۋېرسىتېت يوق ئوخشايدۇ، ، دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ.ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى يوق تاقا-تۇقا پاراڭلىرىدىن ئەمەلدارلارمۇ بىزار.
    جۇتاۋ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ سۇنۇشۇم ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈندۇر،قانداقتۇر تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن ئەمەس.مېنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىم قانۇنلۇق،نېمە ئۈچۈن قانۇنلۇق؟ دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇنلۇق.بۇنىڭدىكى مەقسەت قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى،شىنجاڭنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندۇر.»
     
    ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە،ئۇنىڭغا قاتناشقانغا تۇشلۇق چوقۇم تېگىشلىك رول ئوينىماق لازىم.قانداقتۇر مۇزېيخانا سېلىش كېرەك ،دېگەندەك تولا تەكرارلاپ مەززىسى قالمىغان تەكلىپ –پىكىرلەرنى سۇنغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟سەن ئويلىغاننى خەقلەرمۇ ئويلىيالايدۇ،خەق ئويلىيالمىغاننى ئويلىيالىساڭ ئاندىن قالتىس ئىش قىلغان بولىسەن.“
     
     _______________________________
    قوشۇمچە:جۇتاۋ 1946-يىلى سەنشىدە تۇغۇلغان،1965-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتنى پۈتتۈرگەن.ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ قەشقەر شەھەرلىك ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى،شىنجاڭ ھەربىي رايونىدا خىزمەت قىلغان.ھازىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى،1-دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى.1972-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلغان.1983-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.ئەسەرلىرى دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
     
    مەنبەسى:  http://blog.sina.com.cn/s/blog_4d884eb901009yim.htm
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.