دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى-تەسەۋۇرنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا جۈرئەت قى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-26 09:26:30

دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانىمۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسىتەسەۋۇرنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش كىرەك.ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر...



    دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى
    مۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)
    نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى





    تەسەۋۇرنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش كىرەك.






     ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر دۇبەينىڭ تەسەۋۇرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشماقتا. لىكىن ئۇلار ئەسلىدە ئىچ- ئىچىدىن تەسەۋۇرغا تولغان دۇبەي ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشى كىرەك ئىدى. تەسەۋۇر ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى، لىكىن ھازىرقى دۇبەي تەسەۋۇر ئەمەس، ئۇ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر تىرىك رىئاللىق. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتساق، پەقەت تەسەۋۇرلا قىلىپ ئۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالمىغاندا، تارىخ بۇ تەسەۋۇرغا ۋە بۇنداق تەسەۋۇرچىغا قىلچە دىققەت نەزىرىنى سىلىپ قويمايدۇ. خۇددى مەن بۇرۇن تىلغا ئالغاندەك، ئاتام تارىخ ياراتتى، چۈنكى ئۇ ئۆز تەسەۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالدى، ئۇ دۇبەيدە تارىختىن بىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان قۇرۇلۇش ۋە پۇل- مۇئامىلە قىزغىنلىقىنى بارلىققا كەلتۈردى.

     


    مەن ئاتامدىن مۇنداق بىر نەرسىنى ئۈگىنىۋالدىم، مومكىن بولمايدىغان ئىشلارنى بويسۇندۇرۇپ مومكىن قىلىش. بىرىنجى قىتىملىق مومكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىش- بىرلەشمە خەلىپىلىك دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىككىنچى ئىش بولسا-ئەلى تىغى پورتى قۇرۇش تۈرى ئىدى.  بۇ پورىتنىڭ قۇرۇلۇشىغا پەقەت قىسقىغىنا ئىككى يىل ۋاقىت كەتتى، 1979- يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ بولدى. كىچىككىنە دوبەيگە نىسبەتەن، بۇ خۇددى رىۋايەتلەردىكىدەك تۈر ئىدى.  قۇرۇلۇش باشلانغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھىچقانداق بىر ئاخبارات ۋاستىسى ئۇنىڭ كىيىن ئىلىپ كىلىدىغان ئىقتىسادى كىرىمنى كۆرۈپ يىتەلمىگەن ئىدى. ئەگەر مەن مەبلەغ سالغۇچىلارغا ،« سىلەر كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك، بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ياخشى ئەمەس، چەت، سۇ يوق، دەل- دەرەخ يوق، ئادەم يوق. مەن  بۇ يەردە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پورىتنى قۇرۇپ چىقماقچى.» ، دىگەن بولسام  مەبلەغ سالغۇچىلار خۇشاللىق بىلەن نەچچە مىليارىد ئامرىكا دوللىرى  مەبلەغ سالارمىدى؟ ياق، ئۇلار جەزمەن «بۇ مومكىن ئەمەس»، دېيىشەتتى.

     


    نىمىشقا مومكىن بولمىغۇدەك؟چۈنكى كىشلەر ئادەتتە پورىتنى دېڭىزبويىغا سالىدۇ دەپ قارايتتى. لىكىن ئاتام پورىتنى سىلىپ بولۇپ، دېڭىزنى پورىتقا باشلاپ كەلدى. سۇ يوللىرىنى كولاش ئارقىلىق كىمە- پاراخۇتلارنى پورىت بار يەرگە ئىلىپ كەلدى، نۇرغۇن كىشلەر  ئاتامنىڭ  بۇ پىلانىنى  مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دەپ قارىغان ئىدى، لىكىن ئاتامنىڭ ئەقىل كۆزى ھەممىنى كۆرۈپ يىتەلىگەن بولغاچقا، ھىچنىمىگە قارىماستىن بۇ تۈرنى ئەمىللەشتۈردى، ئاخىرى قاقاسلىقتا  ئۇلۇغ بىر پورىت قەد  كۆتۈرۈپ  دۇبەينىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈردى.

     


    ئاتام راشىد شەيىخنىڭ  ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى قۇرۇش جەريانىدىكى ئىشلىرىنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ  ئولتۇرمىساممۇ بولار. ئىشقىلىپ ئاتام باشقىلار مومكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشلارنى بىر- بىرلەپ رىئاللىققا ئايلاندۇرىۋاتاتتى. مەن پەقەت شۇنىلا دىمەكچىمەنكى،  ئاتام- مەن كۆرگەن زاتلار ئىچىدىكى قىيىنچىلىققا ئەڭ بەرداشلىق بىرەلەيدىغان، تەسەۋۇرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى بۈگۈ نكىدەك يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلغان بىردىنبىر كىشى.  شەك- شۈبھىسىزكى ئۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى  ئەڭ ئۇلۇغ ئۆرنىكىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.