• ھۆكۈمدارلار دەستۇرى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-02 12:24:49

ھۆكۈمدارلار دەستۇرى بىرىنچى ۋە ئىككىنجى باپ نىككولو ماكياۋىللى [ئىتالىيە] (قىسقارتىلدى)مىراسخورلۇق ياكى قورال كۈچى بىلەن زېمىن`گە ئېرىشىش ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ت...

      
     
    ھۆكۈمدارلار دەستۇرى

     

    بىرىنچى ۋە ئىككىنجى باپ
    نىككولو ماكياۋىللى [ئىتالىيە] (قىسقارتىلدى)
     
    مىراسخورلۇق ياكى قورال كۈچى بىلەن زېمىن`گە ئېرىشىش


     
        ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تىپلىرى پەقەتلا ئىككى خىل بولۇپ كەلدى:

    جۇمھۇرىيەت ياكى پادىشاھلىق تاجاۋۇز قىلىپ ئېرىشكەن دۆلەتنىڭ خەلقى بىر بولسا بۇرۇندىنلا ئەركىن دۆلەت بولۇپ، كېيىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ ئەركىنلىكنى يوقاتقان بولىدۇ. بىراۋنىڭ تاجاۋۇز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگەلىيەلىشىدى سەۋەپ شۇكى، بىر بولسا ھۆكۈمرانلار باشقىلارنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ، بىر بولسا ئۆزىنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپ بار دېيىلسە، ئۇ پادىشاھنىڭ تەلىيى ۋە ئۆزگىچە ئىقتىدارىدىن كەلگەن.
     
             مىزاندىن چەتنىمەسلىك: ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىش سەنىتى
     
        مىراسخور پادىشالىقنى ساقلاپ قېلىش يېڭىۋاشتىن تىكلەڭەن پادىشاھلىقنى ساقلاشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئۇ ئادەتتىكى پادىشاھ بولغان تەقدىردىمۇ، مىزاندىن چىقىپ كەتمىسىلا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ، پەۋقۇلاددە زور بىر كۈچنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىش بولسا ئايرىم ئەھۋالدۇر. ناۋادا، شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغۇچى بىرەر پالاكەتكە يولۇقۇپ قالسىلا، ئەسلىدىكى پادىشاھ ھاكىمىيەتنى تىرىلدۈرەلەيدۇ بىر ئىسلاھات يەنە بىر ئىسلاھاتنىڭ ئۇرۇقىدۇر.
     
    ئەسكەرتىش: تەرجىماننىڭ ئەمگىگىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ كىتاپ قىسقارتىلىپ بېرىلدى. (تەرجىمان: ئابدۇقادىر جالالىدىن)


     
    ئۈچىنچى باب
      
    ئىستېلا قىلىنغان رايوننى قانداق باشقۇرۇش كېرەك


     
          ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك. ئەگەر، بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگە بېرىلگەن زەربە ئەغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۇ ئاجىز كېلىدۇ.
    ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق بىر ئومۇمىي پرىنسىپ بار: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.
        ئاتا مىراس پادىشاھلىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى يېڭى قۇرۇلغان باشقا بىر پادىشاھلىققا تەتبىقلىغاندا، ئىش تەس بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەگەر بۇ يېڭى پادىشاھلىق پۈتۈنلەي يېڭى قۇرۇلغان بولماي، بەلكى قىسمەن جەھەتتىن يېڭى قۇرۇلغان بولسا (بۇنداق ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتتە ئەبجەش ھاكىمىيەتتۇر)، بۇنداق ئارىلاشما تەركىبلىك ھاكىمىيەت ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان كاشىلىلار تۈپەيلى قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆز سەلتەنەتىنى ئوڭۇشلۇق تىكلىيەلىشىدىكى سەۋەب دەل مەزكۇر ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمدارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئوتۇش، ھالىنى ياخشىلاش ئارزۇسىدا بولغانلىقىدۇر. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ئەل خەلقلىرى قولىغا قورال ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھوكۇمدارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، يېڭى ھۆكۈمدارلىقنىڭ تىكلىنىشىگە يول ئاچىدۇ. بىراق، ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن خەلق ئۆز ھەرىكىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھاكىمىيەت ئالمىشىش ئۇلارغا ھېچقانداق ئەۋزەللىكلەردىن ئەكەلمىگەن بولىدۇ. ئەكسىچ، خەلق ئۆز ھالىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ يامان بەتتەرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ سەۋەبى نىمە؟ مېنىڭچە، بۇ مۇنداق بىر تەبىئىي ئامىلدىن كەلگەن: يېڭى ھاكىمىيەت ئۆزىنى مۈستەھكەملەش ئۈچۈن ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ، خەلققە بىر مۇنچە بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ يېڭى پۇقرالىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ.
           بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، سەن شۇ ئەلنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن تاجاۋۇزۇڭغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تېزلا بايقايسەن. بۇ چاغدا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىڭدە ساڭا قولچوماق بولغان كىشىلەرمۇ سېنى قوللىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا سەن دوستلىرىڭنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرالماي قالىسەن. شۇنداقلا ئۇلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولالمايسەن. چۈنكى، سەن دوستلارغا ۋاپادار بولۇش كېرەك دەپ ئويلايسەن. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ قاتتىق قول بولالماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئىستېلاچى قورال كۈچى جەھەتتە قانچىلىك كۈچلۈك بولمىسۇن، ئۇ يېڭى ئالغان رايونغا كىرگەندە، شۇ رايون خەلقىگە ئاز- تولا ياخشى تەسىرات بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى داۋام قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا دائىر مىساللار ئاز ئەمەس: فرانسىيە پادىشاھى لۇئى 12 گەرچە مىلان كىنەزلىكىنى قىلىچىنى قانغا بۇيىمايلا ئىگىلىگەن بولسىمۇ، كېيىن، ئۇنىڭ مىلانىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىمۇ بىردەملىك ئىش بولغان. چۈنكى، فرانسىيە پادىشاھىغا سېپىل قوۋۇقلىرىرىنى ئېچىپ بەرگەن خەلق كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، يېڭى پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا يۈرگۈزگەن شەپقەتسىز ھوكۇمرانلىقىغا قاراپ تۇرالمىغان.
        تەبىئىيكى، ئىسيان يۈز بەرگەن شۇ ئورۇنلار قايتا ئىستىلا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايونلارنىڭ    قۇتۇلۇپ چىقىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، چۈنكى ھۆكۈمدار ئىسياندىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى بانا قىلىپ، ئىسيانچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرىدۇ. گۇمانلىق ۋە خەۋپلىك شەخسلەرنى تېپىپ چىقىپ يوقىتىدۇ-دە، ھاكىمىيىتىنى چېڭىتىدۇ. شۇڭا، فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تۇنجى ئىستېلاسىغا ئايلىنىپ قالغان مىلاننىڭ قولغا قايتىپ كېلىشىدە گراف لودوۋىكونىڭ چېگرادىكى قوزغىلىڭى كۇپايە بولغانىدى. بىراق، فرانسىيە پادىشاھى مىلاننى قايتا بېسىۋالغاندىن كېيىن مىلاننى قايتۇرۇۋېلىشقا بەسى مۈشكۈل بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا فرانسىيە قارشى ھەرىكەتكە كېلىپ، فرانسىيە پادىشاھ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيىلىكلەرنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشى لازىم بولىدۇ. بىراق، تەئەججۈپكى، لۇئى 12 ئۆزى ئىستېلا قىلغان مىلاننى ئۇدا ئىككى قەتىم قولدىن بېرىپ قويدى.
        ئەمدى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ مىلانىنى ئىككىنچى قېتىم قولدىن بىرىپ قويۇشىدىكى سەۋەبنى ۋە فرانسىيىنىڭ مىلاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىشى كېرەك بولغان چارىنى ياكى فرانسىيە پادىشاھى قوللىنالمىغان باشقا بىر ھۆكۈمدارنىڭ قوللىنىشى مۇمكىن بولغان چارىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
        مېنىڭ  كۆزىتىشىمچە ، ئىستېلا قىلغۇچى دۆلەت بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ بىر بولسا ھەر ئىككىسى مىللەتداش، غەيرىي تىلداشلاردىن بولىدۇ (ئۇلارنىڭ مىللىتى، ۋەتىنى ئايرىم بولىدۇ). ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان ئەلنىڭ خەلقلىرى ئىستېلاچى لار بىلەن ئوخشاش بىر مىللەتتىن بولسا، بولۇپمۇ، ئىستېلا قىلىنغان ئەل ئەركىن مۇھىتتا ئۆتمىگەن بولسا، ئۇنداق ئەلگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئوڭاي بولىدۇ، ھېچقانداق كۈچ كەتمەيدۇ. ئەسلىدىكى دۆلەت خاقانىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يوقاتسىلا مۇستەملىكە ئەل ئېمىن تاپىدۇ. باشقا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىستېلا قىلىنغان رايوندىكى خەلقنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەسلىدىكى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە تەگمىسىلا، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرى يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تىپتىنچ كېتىۋېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى كىشىلەر برېتان، بۇرگۇن، گاسكونى، نورماندىيە قاتارلىق رايونلارغا ئائىت مىساللاردىن ئۇچرىتىدۇ. بۇ رايونلار فرانسىيىگە ئۇزۇن مۇددەت قارام بولۇپ تۇرۇش ئاقىۋىتىدە، فرانسىيە زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. باشتا يەرلىك خەلق بىلەن ئىستىلاھچىلار ئوتتۇرىسىدا تىل جەھەتتىكى مۇئەييەن پەرق بولسىمۇ، لېكىن  ئۆرپ-ئادەتلىرى ئومۇمەن بىردەك ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىستىلاچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچىلار ئاسانلا بىرلىككە كېلىپ، ئىناق ئۆتەلمىگەندىكىن. مەيلى كىم بولسۇن ئىگىلىگەن زېمىنىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك: ئىستېلا قىلىنغان رايوننىڭ ئەسلى ھۆكۈمدارنىڭ ئەۋلادىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى كېرەك. يەنە بىرى، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن دەۋرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇن-تۈزۈملىرىنى ۋە باج-ئالۋاڭ تۈزۈملىرىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىستېلاچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچىلار بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇيۇلدەك بىر دۆلەت روياپقا چىقىدۇ.
        ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقى تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردە ئىستېلاچىلار بىلەن پەرقلىق بولسا، قىيىنچىلىق ئىنتايىن زور بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىستېلا قىلىنغان رايوننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ئامەت بىلەن بىرلىشىپ كەلگەن بولۇشى كېرەك. ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇللارنىڭ بىرى شۇكى، ئىستېلاچى ئىستېلا قىلىنغان رايوندا ئولتۇراقلىشىشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئاشۇ رايونغا بولغان ئىگىدارلىقىنى بىخەتەر قىلىدۇ ۋە ئۇزارتىدۇ. تۈركلەر گرېتسىيىگە ئەنە شۇنداق قىلغان. ئەگەر ئەينى ۋاقتتا، تۈركىيە پادىشاھى گرېتسىيىگە بېرىپ ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشمىسا، پادىشاھ ئىستېلا رايونىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر قانچە قىلسىمۇ بىكارغا كەتكەن بولۇر ئىدى. بۇنىڭدىكى قائىدە ناھايىتى ئاددىي. چۈنكى، يېڭى ھۆكۈمدار ئىستىلا قىلغان يەردە تۇرسا، توپىلاڭ ۋە تەرتىپسىزلىك ئامىللىرى كۆرۈلسە، ھۆكۈمدار ئۇلارنى دەرھاللا سېزىپ بىخ ھالىتىدە تىنچلىتىشقا ئۈلگۈرەلەيدۇ. ئەگەر، ھۆكۈمدار ئىستىلا قىلىنغان جايدا تۇرمىسا، ھۆكۈمدار يۈز بەرگەن ئىشلار چوڭىيىپ كەتكەندە سېزىدۇ، ئۇ چاغدا، ھۆكۈمدار كەسكىن تەدبىر قوللانسىمۇ، كېچىككەندىن توپىلاڭنى بېسىقتۇرالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقىت بولۇشنىڭ ئېپى شۇكى، يەرلىك خەلقنى ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇمىدىن خالىي قىلىش، ئاۋامنىڭ پادىشاھنىڭ خەير-ساخاۋىتىدىن بەھرىمان قىلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا، پادىشاھقا سادىق پۇقرالار پادىشاھنى تېخىمۇ قوغدايدىغان بولىدۇ، پادىشاھقا يامان غەرەز ساقلىغان پۇقرالار پادىشاھدىن قورقىدىغان بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئەلگە خىرىس قىلىۋاتقان سىرتقى دۈشمەنلەر ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. خۇلاسە تامام شۇكى، ھۆكۈمدار ئۆزى ئىستىلا قىلغان جاينى ئىگەللەپ تۇرسىلا ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش مۈشكۈل ئىش بولىدۇ.
        يەنە بىر ئەۋزەل تاكتىكا شۇكى، ئىستېلا قىلغان رايوننىڭ مۇھىم بىر-ئىككى ئورنىدا مۇستەملىكە ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۈنۈملۈكتۇر. ئۇنىڭغا كۆپ ئىقتىساد كەتمەيدۇ. پەقەت ئاز-تولا خىراجەت بىلەنلا ئۆز دۆلىتىنىڭ بىر قىسىم پۇقرالىرىنى ئىستىلا قىلىنغان رايونغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئىستىلا رايونىدا كۆپ تۈركۈملەپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىپ ئىقتىسادمۇ جىق كېتىدۇ. مۇستەملىكە جەريانىدا، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن زىيان-زەخمەتكە يولۇققىنى يەر ۋە مۈلۈكلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىشغالىيەتچىلەرگە مەجبۇرىي رەۋىشتە بېرىپ قويغان بىر قىسىم كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇلار ئىستىلا رايونىدىكى ئاز ساندىكى ئاۋامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇلار ئولتۇراقلىشىشى جەھەتتە تارقاق ۋە نامرات كىشىلەر بولغاچقا، بىر تۇتاش كەيپىيات ھاسىل قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمدارنىڭ ئىستىلا رايونىدىكى     كىشىلەر زىيان-زەخمەتكە يولۇقمىغانلىقتىن، زىيان-زەخمەتكە يولۇققان بايىقى ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ئالداپ-پەپىلەشمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان بۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەردەك قىسمەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يۈرەكزادىلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتىدۇ. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن قورقىدۇ.
        ئومۇمەن ، بۇ خىل مۇستەملىكە ھەرىكىتىگە كۆپ خىراجەت كەتمەيدۇ. ئۇ مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولۇپ، ھۆكۈمدارنىڭ ھاكىمىيىتىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن: ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك، ئەگەر بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگە زەربە ئېغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۈ ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر كىشىلەرگە زىيان-زەخمەت يەكۈزمەسلىك كېرەك. يەتكۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىپ تاشلاش كېرەك.
         ئەگەر، مۇستەملىكە ھەرىكىتىنى ئىستىلا رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، مۇقەررەر ھالدا دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ چىقىم كۆتۈرمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلار كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئارمىيە ئۇ يەر، بۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ، يەرلىك پۇقرالار  پېشكەللىككە يولۇقىدۇ. بۇنداق بولۇۋەرسە، كىشىلەر پادىشاھنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە، مۇستەملىكە خەلقلىرى بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز دىيارىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گېزى كەلسە پادىشاھقا خەۋپلىك ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدىغانلىقىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. شۇڭا، مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئېيتايلى، ئىستىلا رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش چىقىم كۆتۈرمەيدىغان قىلىق، ئاھالە كۆچۈرۈش ئىنتايىن ياخشى چارىدۇر.
        ئەگەر، بىر ھۆكۈمدار يۇقىرىدا دېيىلگەندەك تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن ئۆزلىرىگە يات بولغان بىر رايوننى ئىگىلىسە، ئۇنداقتا، ئۇ ئۆزىنى ئاشۇ ئاجىز قوشنا ئەلنىڭ رەھبىرى ۋە ھىمايىچىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قاۋۇل كۈچلەرنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشى، ئۆزىگە ئوخشاش كۈچلۈك چەت ئەل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تاسادىپىي ھالدا ئەتراپىدىكى ئاجىز دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىدىن ھەر ۋاقت ئاگاھ بولۇشى كېرەك. رېئال تۇرمۇشتا مۇنۇ ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ: ئۆز خاقانىدىن رازى بولمىغان كىشىلەر مەككارلىق ۋە قورقۇنچاقلىق بىلەن چەت ئەل كۈلىرىنىڭ ئۆز ئېلىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۆرىنى قوتانغا باشلاشتەك بۇنداق ئەھۋالنى رۇملۇقلارنىڭ يۇنانغا كىرىشىگە دائىر ئىشلاردىن روشەن كۆرگىلى بولىدۇ . قىزىقارلىق يېرى شۇكى، رۇملۇقلار باشقا ئەللەرگە كىرگەندە، ھەمىشە شۇ ئەلدىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ يوچۇق ئېچىپ بېرىشى بىلەن كىرگەنىدى. ئىشلار ھەمىشە شۇنداق بولىدۇ: چەت ئەل كۈچلىرى مەلۇم بىر رايونغا ئۈسۈپ كىرگەندىن كېيىن، مەزكۈر رايوننىڭ ئاجىز كۈچلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن قانا`ئەت تاپماي ياكى ئۇلارغا ھەسەت قىلىپ، تاجاۋۇزچى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىستىلا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەل بولغان رايوندىكى ئاجىز كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار ئىستېلاچىلارنىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆزى خالاپ سىڭىشىدۇ. ئىستېلاچى ئەنە شۇ كۈچلەرنىڭ زورىيىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىگە تەھدىت بولۇشىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ئىستېلاچى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئاجىز كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىستىلا رايونىدىكى كۈچلۈك گۇرۇھ مەز`ھەپلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاشۇ رايوننىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمدارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر، ئىستېلاچى بۇلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلالمىسا قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسىلەرنى تېزلا قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇ مەزكۇر رايوننى باشقۇ

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-10-2 22:16:42]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.