بەختنى ھېس قىلىپ ياشاڭ

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-09 16:30:27

بەرھەق، پايانسىز قۇملۇقتا ئېچىرقىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئەڭ يۈكسەك ئارزۇ خەقنىڭ تاغارلاپ سۇنغان ئېرىغ مال ياكى ئۈنچە-مارۋايىتى ئەمەس، بەلكى تەشنالىقىنى باسىدىغان بىر چىنە مۇزدەك سۇ.

    بەختنى ھېس قىلىپ ياشاڭ
    زۇبەيدە ئەنەيتۇللا تەرجىمىسى
    -مەن ئەزەلدىن ئەڭ ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە دۇچ كەلگەندىمۇ، تەقدىرىمنىڭ كاجلىقىدىن ئاھ ئۇرۇپ باققان ئەمەس،-دېدى بىر كۈنى ئىرانلىق مەشھۇر شائىر سائاد،-چۈنكى بىر چاغلاردا مەن يالاڭ ئاياغ قالدىم، كەش ئېلىپ كىيگۈدەك پۇلۇم قالمىغانىدى، شۇڭا يىغىلىشقا يالاڭ ئاياغ بېرىۋەردىم. چوڭ زالغا كىرگەن چېغىمدا، پۇزۇر كىيىنگەن ئادەملەرنى كۆرۈپ بىردىنلا بەخىتسىزلىكىمدىن ئۆكۈنگەن ئىدىم. ھالبۇكى، شۇنچىلىك روھىم چۈشۈپ تۇرغان پەيتتە بىر ئادەمنىڭ ھەتتا ئىككى پۇتى يوقلۇقىنى بايقاپ، بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئادەم ئەمەسلىكىمگە چىن پۈتتۈم، شۇنىڭ بىلەن ئاياغ ئېلىپ كىيگۈدەكمۇ پۇلۇم يوقلۇقىدىن ئاھسىنمايدىغان بولدۇم، ھەتتا مۇنداق مىسرالارنى يازدىم:
    توققۇزى تەل ئەلنىڭ كۆزىدە،
    ھەممە نەرسە ئىدۇر بىر تىنىق.
    غىزا غېمى باسقان كىشىگە،
    ھەتتا چامغۇر ئالتۇن، بۇ ئېنىق.
    بەرھەق، پايانسىز قۇملۇقتا ئېچىرقىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئەڭ يۈكسەك ئارزۇ خەقنىڭ تاغارلاپ سۇنغان ئېرىغ مال ياكى ئۈنچە-مارۋايىتى ئەمەس، بەلكى تەشنالىقىنى باسىدىغان بىر چىنە مۇزدەك سۇ. يېنىدىن پۇل ئۆكسۈپ خىجىللىقتا قالغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، ئۇلارنىڭ نىشانى پۇلدار كىشىلەرگە ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى قورساق تويغۇزۇش مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بىز ھەرقانداق چاغدا بەختنى ھېس قىلالايدىغان، قانائەت قىلىشنى بىلىدىغان ئوتتەك بىر يۈرەككە ئېرىشىش كويىدا ياشىغىنىمىز ئەڭ زۆرۈر.
    (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى).



ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بەخت