نېمىشقا نامرات دۆلەتلەر تروپىك بەلباغدا كۆپ

يوللىغۇچى : loqman يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-16 13:37:53

ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە تەبىئىي مۇھىتى بار تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن نامرات دۆلەتلەر يەنىلا شۇ تروپىك بەلباغدا؟

    نېمىشقا نامرات دۆلەتلەر تروپىك بەلباغدا كۆپ
    لۇ گوبىن
     
    ئوتتۇرا مەكتەپتە جۇغراپىيە دەرسىدە، ئوقۇتقۇچۇمدىن: «تروپىك بەلباغ رايونىدا قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، ھۆل-يېغىن مىقدارى مۆتىدىل بەلباغقا قارىغاندا تولۇق، ئۆسۈملۈكلەر بۈك-باراقسان، مۆتىدىل بەلباغدا پەقەت بىر پەسىلدىلا زىرائەتلەردىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، تروپىك بەلباغ رايونىدا ھەتتا ئۈچ پەسىل ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە تەبىئىي مۇھىتى بار تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن نامرات دۆلەتلەر يەنىلا شۇ تروپىك بەلباغدا؟» دەپ سورىغان ئىدىم.
    مەن ئەلۋەتتە جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ «مەسىلەن ئالايلۇق نىگېر قۇل سودىسى، كۈچلۈك دۆلەتلەر بويسۇندۇرۇپ، تالان-تاراج قىلىش» دېگەندەك مۈجمەل جاۋابلىرىغا قانائەتلەنمەيتتىم. تەبىئىي شارائىت ئەۋزەللىكى بەلكىم بەك كىچىك بولىشى مۇمكىن، نەچچە مىليون يىل پايدىنىڭ جۇغلىنىش جەريانىدا، دومىلىما مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور پايدىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتتا، تروپىك بەلباغ رايونىدىكى مىللەتلەر ئاۋۋال تەرەققى قىلىشنى تالاشمىغان، ئەجەبا ئۆيدە يېتىپ بۇلاڭچىلارنىڭ ۋە ھايانكەشلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغانمۇ؟  
    داۋىد س.لاندېس مۇنداق ئۈچ خىل جاۋابنى ئوتتۇرىغا قويدى:
    ئاۋۋال، دىمىق ئىسسىقنىڭ كشىلەرگە كەلتۈرگەن قولايسىزلىق سوغۇقتىن چوڭ بولغان. ئىنسانلار ئاللىبۇرۇن ئوت يېقىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىسسىنىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، سوغۇق قىش پەسلىگە ماسلىشىپ، نىسبەتەن ئاسان، ئازادە تۇرمۇش كەچۈرگەن.
    ئىسسىق بولسا باشقا بىر خىل ئەھۋال. ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللار ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنىڭ %75ى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى بولۇپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئادەم بەدىنى چوقۇم ئارتۇق ئىسسىقلىقنى قويۇپ بېرىشى كېرەك،    ئاندىن مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا كۆيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەرلەش ئەڭ مۇھىم ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۇسۇلىدۇر. ئەكسىچە تروپىك بەلباغ رايونى ئومۇميۈزلۈك تىنجىق ۋە نەم بولغاچقا، تەر چىقىرىپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ تاشلىغان.
    شۇڭا تروپىك بەلباغ رايونىدا مەيلى ھايۋانلار ياكى ئىنسانلار بولسۇن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلىشى تەس، پات-پات توختاپ ئارام ئېلىپ ئىسسىقلىقنى تارقىتىۋېتىشى لازىم. ئىنسانلار بىر خىل ئىجتىمائىيلاشقان ماسلىشىش ئۇسۇلى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ: چۈشلۈك ئۇيقۇ، يەنى چۈشتە ھەرىكەت قىلماسلىقتۇر. ھىندىستاندا مۇنداق بىر ھېكمەت بار: «پەقەت غالجىر ئىت ۋە ئەنگلىيەلىكلەر چۈشتىكى قاتتىق ئىسسىقتا تالاغا چىقىدۇ».
    بېنگالنىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۆتىدىل بەلباغ دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا چوڭقۇر تەسىرلىنىپ: «كۆرۈپ يەتتىمكى، ھىندىستان ۋە باشقا تروپىك بەلباغ دۆلەتلىرىدە، جىسمانىي ئەمگەكچىلەر ۋە ئورگانلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت رېتىمى ئىنتايىن ئاستا ئىكەن، ئازراقلا كۈچىسە ياكى باش قاتۇرسا ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىپ، ئۇزۇنراق ۋاقىت دەم ئېلىشقا موھتاج بولىدىكەن. ئەكىسچە مۆتىدىل بەلۋاغ دۆلەتلىرىدە بولسا تۇرمۇش رېتىمى ئىنتايىن تېز ئىكەن، كىشىلەر ھاياتى كۈچكە تولغان بولۇپ، بەك ئاز ئارام ئالىدىكەن» دەپتۇ.
    ئاندىن كېيىن، يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق مۇھىت، بولۇپمۇ يىل بويى پىژغىرىم ئىسسىق، زىيانداش قۇرت، پارازىت قۇرت، پاتوگېن قاتارلىقلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە تارقىلىشىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تېزلىتىۋەتتى. تروپىك بەلباغ دۆلەتلىرىدە ئۇزۇن مۇددەت زىيانكەشلىك قىلغان قان شورىغۇچى قۇرت، بەزگەك، ترىپانوزوما كېسىلى قاتارلىقلار شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەنلىتىۋەتتى.
    مەسىلەن: ئافرىقىدىكى ترىپانوزوما كېسىلىنىڭ تارقىلىشتىكى ۋاستىسى تنېتسې چىۋىنى بولۇپ، بۇ ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان كىچىك ئۇچار ھاشارەت. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى بار بولسىمۇ، ئۇچار ھاشارەتلەر كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ، ئۆي ھايۋانلىرىنى ئافرىقا تروپىك بەلباغ كەڭ رايونىدا ياشاشقا ئامالسىز قالدۇردى. ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىشىمۇ قەدەممۇ-قەدەم قىيىنلاشتى. تروپىك بەلباغدا مېدىتسىنا ۋە فارماكولوگىيە بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، تروپىك بەلباغنىڭ ئىقتىسادى بۇ بالايىئاپەتلەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىپ كۆپەيتىش ۋە يۈك توشۇشنى داۋاملاشتۇرۇش تەس بولدى. ھەتتا شائىرلار قىش پەسلىنى قانداق تەسۋىرلىشىدىن قەتئىينەزەر، قىش پەسلى ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ دوستى: تىنچ ئاق رەڭلىك قاتىل زىيانداش قۇرت ۋە پارازىت قۇرتنىڭ كۈشەندىسى. جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ھېكمەتلىك سۆز ئىنتايىن ياخشى ئېيتىلغان:«خاسىيەتلىك قار مەمۇرچىلىقنىڭ بىشارىتىا».
    ئەڭ ئاخىرىدىكى چوڭ مەسىلە بولسا سۇدىن ئىبارەت. تروپىك بەلباغدا ھۆل-يىغىن يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ھەمىشە قانۇنىيىتى يوق، مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ھەمدە كۆپىنچىسى قارا يامغۇر. ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارىنى ھېسابلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى بۇ جاينىڭ ھۆل-يىغىنى بىر چەكتىن يەنە بىر چەككە قاراپ بولىدۇ، ھەر يىلى ھەر پەسىلنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ. نىگېرىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى رايونلارنىڭ %90 ھۆل-يىغىن مىقدارى قارا يامغۇر بولۇپ، بىر سائەتلىك ھۆل-يىغىن مىقدارى لوندون شەھەر ئەتراپىدىكى خان جەمەتى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىم ئايلىق ھۆل-يىغىن مىقدارىغا تەڭ (25مىللىمېتىر). ياۋا ئارىلىنىڭ يامغۇر يېغىشى تېخىمۇ جىددىي بولۇپ، پۈتۈن يىل ھۆل-يىغىن سۈرئىتى ھەر سائەتىگە 60 مىللىمېتىر.
    بۇ خىل كىلىمات شارائىتىدا ئورمان مۇرەككەپ بولۇپ، زىرائەت تېرىش قىيىن: تۈرلەر كۆپ خىل بولغان خەزىنە ھەرخىل جانلىقلارنى بېقىپ كەلمەكتە، لېكىن قېرىشقاندەك ئادەم ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پايدىسىز. نەتىجىدە، ئادەم ۋە تەبىئەت بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتچى بولۇپ قالدى. ئەگەردە ئادەملەر دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىسا، تىك چۈشكەن ئوتتەك كۈن نۇرىدا قالىدۇ، چۈنكى شاخ-شۇمبىلار توسۇپ قالالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شارقىراپ ياغقان يامغۇر تۇپراقتىكى ئوزۇقلۇقنى ئېقىتىپ كېتىپ، تۇپراقنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاقاسلىشىپ كېتىشى ۋە قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭىدىن ئېچىلغان بوز يەرلەر ناھايتى تېزلا شۈدىگەرلىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەيلا پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر يۆگىلىپ، تۇرالغۇ ۋە ئىبادەتخانىغا يامىشىدۇ، قۇملۇق تاشلىنىپ قالغان قۇرغاق باغ-ھويلىلارنى يۇتىۋېتىدۇ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ يېمەكلىك تەمىنلىشىگە تايىنىدىغان شەھەر-بازارلار بۇ سەۋەبلىك گۈللىنىشى تەسلىشىدۇ.
    تەبىئەت دۇنياسى مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق پەرىشتىنىڭ خۇش خەۋىرىنى مەدەنىيەتنىڭ قارغىشىغا ئايلاندۇردى.    
    مەنبە: «ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلى ئالىي مەكتەپ نۇسخىسىنىڭ 2014-يىللىق 23- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورى (www.okyan.com)دىن لوقمان.
    \
     
    ئەسەرلەر ئالدى بىلەن ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىدۇ، ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بالدۇر بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى:okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تروپىك