بىر بەختىڭ -سۈرىتىڭ

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-04 13:38:02

بىربەختىڭ -سۈرىتىڭ ھەر يۇرتنىڭ خاسلىقى ،ئارزۇ -ئىستەكلىرى ۋە كۆنۈكمىللىرى بار.مانا شۇ خاسلىقنى بىز《مىللىيلىك 》دەيمىز.بۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئاساسەن ئاياللار تۇشۇيدۇ،پەرزەنتلىرىنىڭ روھىغا ،يۈر...



      

    بىربەختىڭ -سۈرىتىڭ

        ھەر يۇرتنىڭ خاسلىقى ،ئارزۇ -ئىستەكلىرى ۋە كۆنۈكمىللىرى بار.مانا شۇ خاسلىقنى بىز《مىللىيلىك 》دەيمىز.بۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئاساسەن ئاياللار تۇشۇيدۇ،پەرزەنتلىرىنىڭ روھىغا ،يۈرۈكىگە سىڭدۈرىدۇ.مانا بۇ ئارمان قالغان《مىللىي قەدىرىيەت》دېيلىدۇ.

        نەزەر سالغىن،دۇنيا خەلقلىرى ئەڭ كاتتا مۇنبەرلەردە ،قەددىنى جاھان كۆرىدىغان جايلاردا،ئۆزىنىڭ مۇبارەك كۈنلىرىدە مىللىي تىلى ،مىللىي كىيىملىرى ۋە مىللىي مەدەنىي مىراسلىرىنى نامايىش قىلىپ ئوتتۇرغا چىقىۋاتىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ 《مېنىڭ نەسىل-نەسەبىم تازا،زاتىم تارىخىم ئېنىق》دېگىنىدۇر.مىللىي غۇرۇر دېگەن شۇ ،بالىجان!

        دۇنيا ئىزچىل جاراڭلاۋاتقان بىر كۈي،ھەر مىللەت ئۇنىڭ بىر پەدىسى.دۇنيا ياشناپ تۇرغان ياپيېشىل بىر گۈلدەستە،مىللەتلەر ئۇنىڭ تەكرارلانماس گۈللىرى.دۇنيا ئوتقاش ،ھەر مىللەت ئۇنىڭ بىر رېڭى!قىزىم ساڭا ئىلتىجايىم شۇ-تارىخى تازا نەسلىمىز ھەققى قەسەم ئىچ ۋە مېنى ئىشەندۈر:سەن ۋە سەندىن تارقالغانلار خەلىقىمىزنىڭ ئېسىل بالىسى بۇلىسەن!قايسىدۇر ئاھاڭغا ئەگىشىپ كەتمەيسەن،قايسى بىر رەڭگە سىڭىىشىپ كەتمەيسەن.《دۇنيا》دېگەن كۈينىڭ ،《دۇنيا》دېگەن گۈلدەستىنىڭ ،《دۇنيا 》دېگەن ئۆتكۈنچىنىڭ ساپ ئۆزىمىزچە پەدىسى ،ئۆزىمىزچە گۈلى ،ئۆزىمىزچە رېڭى بۇلۇپ ياشايسەن.

        بۇ ھەقتە قىزىم ،سېنىڭ ئەڭ ئاگاھ ۋە ۋاپادار بۇلىشىڭغا يۈرەكتىن ئىشىنىمەن ۋە يەنە بىر قېتىم قۇلاقلىرىڭغا ئېيتىپ قۇياي:

    ھۆددە قىلساڭ ئون تىلنىمۇ يادلىغىن بۇلبۇل كەبى،

    ئاۋۋىلى ئۆز تىلىڭنىڭ خىزمىتىنى قىل قۇل كەبى.

    ئۆزتىلىڭدا سايرىساڭ،ھىدلار تاراتساڭ گۈل كەبى،

    ئاشىق ئۆلسۇن قىل بۇلۇپ ،ئىزھار ئېتەردە دىلدىكىن،

    قىزلىقىڭنى بىل ئاۋۋال،ئايبېككىنەمنىڭ بالىسى!

       ئۆز مىللىتى قىياپىتىدە كۆرۈنۈش ،ئۇنىڭغا ئوخشاش كىيىنىشتىن ئايرىلغان پەرزەنتنىڭ ئىسمى-خىيانەت!بۇ  ئۆز ئاتىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ :《سىزمەنئۈچۈنھىچكىمئەمەسسىز》دېيىشبىلەنتەڭ!

        زوۋۇلىسىنۇرلۇقئايىم،قېنىئېيتىڭچۇ،ھەتتا ئوغۇل بالىلار كىيىشكە ئۇيىلىدىغان كالتە مايكا ،تار-تارتىش شىملارنى كىيىپ ،چېچىنى پاخپايتىپ ،ساغرىسىنى تومپايتىپ يۈرگەن ،ئۆزىنىڭ شۇ تۇرۇشىنى 《زامانىۋى》ئاتىغان قىزغا ھەۋەس قىلىش توغرا بۇلامدۇ؟

       ئادەتتە ياخشىلىق كەلتۈرىدىغان يېڭىلىققا ھەۋەس قىلدۇ ئەقىللىقلار.تەپەككۈر ئادەم چوڭايغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ بېرىشى لازىم.خوش،مىڭلىغان خەلىقنىڭ ئىچىدە يېرىم يالىڭاچ كېتىۋاتقان ھېلقى قىز شۇ كىيمى بىلەن نېمە دېمەكچى؟

       ئايانكى،كىيىم تاللاشتىن مەقسەت-ئەتراپقا لايىق كېلىش.سەن بىر گىپىمگە ئىشىنىۋەر:ئەگەر بېلى ئۇچۇق ،سېغىز چايناپ ،بۇرنىنى ئاسمانغا قاداپ كېتىۋاتقان ئاشۇ زامانىۋىي قىز بىلەن ئەنئەنىگە لايىق  كىيىنگەن ،كۆزلىرىنى يەرگە تىكىپ كېتىۋاتقان قىزنى كۆرەككە قويساڭ ،ھەممە ئاشىقنىڭ كېيىنكى قىزنىڭ ئارقىسىدىن كېتىشى ئېنىق!

        پۈتۈن دۇنيا ئەركەكلىرى شەرق ئاياللىرىنى كەمكۈتىسىز پەرى تەرزدە تەسەۋۋۇر ئېتىشىدۇ.غەربنىڭ مەن -مەن دېگەن شائىرلىرىمۇ ئۇلارغا دىلبەر مىسرالار بېغىشلاپ ئۆتكەندۇر.تۇرغان گەپكى،ئالەمدە چىرايى ھوشىنى ئالىدىغان گۈزەللەر كۆپ،ئەمما بىزنىڭ قىزلار مەشھۇرلۇققا ئاساسەن ئار-نۇمۇسى ،ئىززەت -نەپسى،يەنى ئۆزئەمەللىرى بىلەن سازاۋەر بولغاندۇر.مىللىي كۆڭلەكلەر گوياكى مۇبارەك پەردە،ئۇ قىزلارنىڭ قەددى -قامەتلىرىنى يامان كۆزلەردىن ئاسراپ تۇرىدۇ.قىزلىرىمىزنىڭ ئەڭ كاتتا ئۇتۇقى سېھرى-لاتەپەتلىرىنى يۇشۇرۇن تۇتۇشلىرىدا…

        مەھبۇب ئۆزىنى ۋە تۇيغۇسىنى قانچە پىنھان ساقلىسا ،ئاشىق ئۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىلىۋىرىدۇ!قىز ئايىم ،پەملىيەيلىدىڭمۇ،ھايالىق كىيىم يۇشۇرماق-بۇ ئىلىم!بۇ-ئۆزقەدىرىنى كۆتۈرۈش،ئەزىز بۇلۇش يۇلى!مومىلاردىن قالغان ئاياللىق ئىلمى!ھە،،شەرم-ھايامۇ-ئىلىم!ئەگەركى ئۇ ئىنسانلارنى گۇناھ ۋە خۇنۈكلۈكلەرنى سادىر ئېيتىشتىن ساقلاۋېتىپتىمۇ،دېمەك،ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى شۇ!مەسىلەن:سەن كوچىغا كالتە يوپكا ۋە يەكلىرى ئۇچۇق مايكا كىيىپ چىقتىڭ.دۇرۇس ئەركەك بۇنداق كۈرۈنىشتىكى قىزغا ،ئۇمۇمەن،ھىچبىر ئايالغا سىنچىلاپ قارىمايدۇ.ئەمما،ئاجايىپ دۇنيا بۇ پېئىللارمۇ ياخشى -يامان .زاتى يەڭگىلرەك كىشى ھەمىشە شەيتانغا قۇللۇققا تەييار تۇرىدۇ.كىمدۇر ساڭا نەپىس كۆزى يا نىگاھ  بىلەن قاراپ قۇيىشى مۇمكىن.ئەڭ يامىنى،ساڭا غەيرى تىكىلىپ قۇيۇپ ،ئۇنىڭ ئازغۇن بۇلىشى .ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى شۇنداق بۇلىشىغا سېنىڭ سەۋەپچى بۇلىشىڭدۇر!

        《ھەدەپ ئۇدۇنيانىدەپ قورقۇتۇۋەرمەڭ》دەيدىغان بولساڭ ،بۇ دۇنيالىقىڭنى ئېيىت:ياخشىدىن ياخشى نۇر ،ياماندىن يامان نۇر ،يەنى ئېلىكتىرون تارقايدۇ.ياماننىڭ نىگاھى ساڭا يۈك بۇلۇپ چۈشىدۇ.روھىڭ ۋە ۋۇجۇدۇڭنى زەھەرلەيدۇ:يا ساقلىقىڭنى يامانلاشتۇرىدۇ،يا ئىشىڭنى ئارقىغا كەتكۈزىدۇ ،ھىچ بولمىغاندا كەيپىياتىڭنى غەش قىلىدۇ!

        بالام-جانىم،خەلىققە پەرۋاسىز بولما،خەلىقنىڭ نارازىلىقى يامان.ئۇنىڭغا سىڭمەيدىغان ئىشتىن قورق.ئۇ ساڭا 《پەردازىڭىز ھەددىدىن ئېشىپ كىتىپتۇ،يا كىيمىڭىز بەك چاكىنىغۇ؟》دېمەيدۇ.ئىچىدە:《ھەي،ئىسىت…》دەپقۇيىدۇ،خالاس.ئەمما،شۇ گەپلا سېنى ئۇرۇپ قۇيىدۇ!بۇنى نەزەردىن قېلىش دەيمىز.نەزەردىن قالغان ئادەم ئۆلمەي يۈرىۋېرىدۇ ،ئەمما ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ،بالىجان!

        دەرۋەقە ،پەرداز ھەققىدە ھەر بىر خەلىقنىڭ ئۇدۇمىدا يېزىلمىغان ئۆلچەم ۋە تەۋسىيەلەر بار.بىزدىمۇ شۇ.مەسىلەن:ئەسلىدە پەرداز پەقەت كېلىن بولغاندىن باشلاپ بۇيرۇلىدۇ.ئانىلىرىمىزمۇ:《قىز بالىنىڭ ئۆز ھۆسنى ئۆزىگە يېتىدۇ ،مېنىڭ ئائىلەمدە ئادىمىي يۈر .سېنى ئامان -ئېسەن ساڭا ئىگە بۇلىدىغان بىرسىگە تاپشۇرۋالاي ،ھەممە ياسىنىشلىرىڭنى ئاشۇ يەردە قىلىۋالىسەن》دېگەن گەپنى تىنماي ئېيتىدۇ ۋە شۇ گەپكە بىزنى بويسۇندىرىدۇ!ئىلگىرىكى زامانلاردا ئۆزىگە ھەرقانچە توق ئائىلە قىزلىرىمۇ ھەرخىل كېيىنمەس،قىممەت ماتالارنى ئۈستىگە ئارتماس ئىدى.ھەممە ئارزۇ -ھەۋەس كېلىنلىككە قالدۇراتتى.ياشلىقىمىزدا تۇنۇش قىزلارنى بىردىن پەردازى قۇيۇق ھالەتتە كۈرۈپ قالساق دەررۇ:《ئىھ،تويى بۇپتۇ-دە!》دەپ پىچىرلىشاتتۇق.كېلىنلىك كۈمۈشتەك قىزلارنى ئالتۇندەك پارقىرىتار،نەزىرىمىزدە كۈيئوغۇلىنىڭ ھويلىسىغا ئاددىيغىنە بۇلۇپ كىرگەن قىز ئۇ يەردىن چۆچەكلەردىكى پەرىگە ئايلىنىپ چىقار ئىدى.بۇبىرمۆجىزە ئىدى!تاملارغا چىقىپ،دەرەخلەرگە يامىشىپ،كېلىنچەك بار ھويلىنى مارايتتۇق،بىر باھانىلەر بىلەن كىرىپ ،گۈزەل كېلىننىڭ سالاملىرىدىن ھۇزۇرلىناتتۇق!ئۆيلىنىش-قۇياشلىنىش پەسلى!شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ باھارنى ئۇنىڭغا قىياس ئېتەر،ئۇنىڭغا كۈزى چۈشكەن زاتى ياش-قېرىنىڭ يۈزى نۇرلىناتتى!شۇ چاغلاردا ھەتتا قونچاق كۆتەرگەن قىزلاردىن《چوڭ بولساڭ كىم بولىسەن؟》دەپ سورىسىڭىز،《كېلىنچەك بولىمەن!》دەپ جاۋاپ بېرەتتى.

       قىزلارنىڭ ئىخلاس قويغان 《پەرداز》ى ئوسما قۇيۇش ئىدى.پالانچىنىڭكىدە  ياخشى ئىچىدىغان ئوسما بار دېسە،نېرىقى مەھەللىلەرگىمۇ ئۆتۈپ كېتەتتۇق!ھېيىت-ئايەملەردە زوق-شوق بىلەن قوللىرىمىزغا خېنە ياقاتتۇق.يۈزلىرىمىزگە كەچ قۇرۇنلىرى قېتىق سۈرتۈپ ،ئۈجمە پىشىقىدا ئۈجمە بىلەن ئاقارتاتتۇق،ئەمما ھەرگىز ئۇپا-ئەڭلىك دېگەننى ئىشلەتمەس ئىدۇق.سۈرتكىمىز كېلەتتى ئەمما ئۇيىلاتتۇق.ئوقۇغۇچى بولغاندا بەڭباشلىق قىلىپ ،قائىدىنى  ئازراق بۇزدۇق.لېكىن،شۇ چاغدىمۇ بىلىنمىسۇن دەپ ئالدى بىلەن ئوسما قۇيۇپ،قەلەمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يۈرگۈزەتتۇق.لەۋ سۇرۇخنى بولسا قۇلىمىزغا ئالمىغانمىز!قىز بالا ئۈچۈن لەۋ بوياش ئۇيات ئىش ھېسابلىنىدىغان.مۇبادا سېپىمىزدە ئازراقلا ئاشۇرۇپ قىلغىنى چىقىپ قالسا ،دەرھال ئۇنىڭ شەنىگە《كېلىن بولغۇسى كەپتۇ-دە؟》دېگەن نام بېرىلەتتى.بۇ ناھايىتى ئېغىر گەپ ئىدى!يۈرىكىنىڭ تۆپىسىدە تۇرغان كېلىنلىككە يېتىش  نىشانىسىنى چاندۇرۇپ قۇيۇش قىز بالا ئۈچۈن ئۇياتلىق ،غايەت ئۇياتلىق ئىدى!

        قىز ئايىم،پەرزەنتلىرىڭگە پاكلىق ئۆگىتىدىغان ئاشۇ قەدىردانلىرىمىز بۈگۈنمۇ تىرىك.خەلقىمىزنىڭ دىلى ھەم ھالى-ھېلىھەم شۇنداق!ئېسىڭدە بولسۇنكى ،يۈزنى رەسىم دەپتىرىنى بويىغاندەك بوياپ يۈرۈش ئەتراپتىكىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش دېگەنلىكتۇر.بۇ قىز بالا ئۈچۈن تولىمۇ ئەيىب!

        قىز بالىنىڭ قاش تېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!

        تۇرمۇشقا چىقمىغان قىزنىڭ ،ئېنىقى ،ياش قىزلارنىڭ قىپقىزىل قىزارتىپ لەۋ بوياپ يۈرىشى ئەدەپ ئەمەس!

        تۇرمۇش قۇرماي تۇرۇپ،چاچلىرىغا ھەرخىل رەڭ بېرىشمۇ قىزبالىنىڭ ئىقلىمى ئەمەس!ۋەھاكازا…

        ئاتا-ئاناڭ ،بوۋا-موماڭ كامالغا يېتىپ قالغىنىڭ ئۈچۈنمۇ سەندىن ئەنسىرەپلا تۇرىدۇ.سەن كىيىم ،ياسنىشقا ئارتۇقچە بېرىلمە.بۇ سېنىڭ 《ئەندىشەم،ئار-نۇمۇسۇم جايىدا،بىراۋغا ياققۇم كېلىۋاتقىنى يوق ،تۇرمۇش قۇرۇشقىمۇ ئىنتىلىۋاتىقىنىم يوق》دېگەن ئەخلاقىڭ بۇلىدۇ!

       سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ ئاق كۆڭلى، ئاق دۇئالىرى،ئاق يۇيۇپ-تاراشلىرىدىن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان ئاپئاق لەيلىدۇرسەن.ھەمىشە شۇ ئەسلىڭدە تۇر . ئەتىگە ئۆز-ئۆزۈڭگە ئاتالغان باغلاردىن قانارسەن ، ئېھتىمال ئاشۇ يەردە تاۋۇسلارغا ‪ئايلىنىپ قالارسەن ،شۇنىڭغىچە سەۋىر قىل قىزئايىم!

         پەقەتلا كېلىن بۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس ،زاتىڭ ئايال بولغىنى ئۈچۈنمۇ سۈرىتىڭ ھەمىشە چىرايلىق تۇرسۇن.چۈنكى،سەن بۇ دۇنيانىڭ جېنىسەن ‪. بىراۋ 《جۈپتۈم ياكى سۆيگىنىم》دەپ، بىرسى《ئانام》دەپ،《ئاچام》دەپ ، 《سىڭلىم》دەپ، يەنە كىمدۇر بولسا 《قىزىم》دەپ ساڭا ‪ئىنتىلگىنى ئىنتىلگەن .ئايال كىشى ئاشۇ ئىخلاس،ئاشۇ ئىنتىلىشكە مۇناسىپ،ئەرزىيدىغان كۈرۈنۈشتە بۇلۇشى شەرت!

         ئايالسىز ئۆمۈر ئۆمۈر ئەمەس ھەم ئايالسىز ئائىلە بولماس!ئەركەك زاتى بۇنى تەن ئالىدۇ ۋە دۇنيا يارالغاندىن باشلاپ شۇ زاتتىن سۈيۈنۈپ ، تەقدىرىنى  شۇ زاتقا تاپشۇرۇپ ئۆتۈپ كەلگەندۇر.ئەمما قىز ئايىم ،يۈز يېشىڭغىچە ئېسىڭدە تۇرسۇنكى ،《تۇرمۇشقا چىقىپ بولدۇم،باللىرىم بىر-ئىككىغۇ، ئارتۇقچە ئەندىكىپ يۈرۈشۈم شەرت ئەمەس》دېگەن زامانلار ئىچىڭدىكى دىتسىزلىقنىڭ ، يا يالقاۋلىقىڭ ئەمەلىيەتكە چىققان بۇلىدۇ!ھىچقاچان قارىغۇسىز كۈرۈنۈشۈڭدە  ئەتراپنى چىداشقا مەجبۇر قىلما!

        ئەركەكنىڭ ئايالى بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا قاراپ يۈرىگى يايرىمىسا ، بالنىڭ ئانىسى بولسىمۇ ، باشقىلارنىڭ ئانىسىغا ھەۋەس قىلىپ ، ئۆز ئانىسىدىن ئۆكسۈپ يۈرسە ،كۈندە سېنىڭ چۇۋۇق چېچىڭ ،پەلپەتىش كىيىنىشلىرىڭنى كۈرۈۋەرسە ،كۆزلىرى كۈندە نەمدىلىۋەرسە ، بىلىپ قوي ، ئۆيدىن بېزىشلەر ئەنە شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ!بالىلارنىڭ دىتسىزلىققا كۈنىشى شۇنداق پەيىتلەردە بولىدۇ.ئەگەر ئىنچىكىلىسەڭ، ئۆز جىسمىغا قارىمايدىغان  ئايالنىڭ سەپەردىكى بالىسىنى ،ئائىلىسىنى خاتىرجەم تۇتۇشقا ھىچ ئىشەنچىسى يوق!

        قۇلاقلىرىڭدا بولسۇن ، ئايىم ! ئاياغلىرىڭنىڭ ئاستىنى جەننەت دەپ باھالىشىدۇ، شۇنداق ئىكەن ،كىيىنىشىڭ ھەم كۈرۈنۈشلىرىڭدە ئۇنىڭ ھىدى ئوخچۇپ تۇرسۇن . ئۆمرۈڭنىڭ پايانىغىچە ئۆيدە يۈرسەڭمۇ كۆزلىرىڭگە سۈرمە تارتىقلىق ،قاشرىلىڭدىن ئوسما سۇسلىمۇسۇن . چېكەڭگە رەيھان قىستۇرۇقلۇق بولسۇن!

        ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ كۆزىنى زىرىكتۈرۈپ ، بىر كىيىمنى كۈندە كىيىۋەرمە!

        ئاياغ ، باش ، ئۇچاڭدىكى كىيىملەرنىڭ رەڭگى بىر- بىرىگە ماس بولسۇن!

    كىيىمنىڭ ئېتىكى ياكى چېكى سۆكۈلۈپ يۈرىيدىغان ئايال-بۇلۇمسىز ئايالدۇر،ئۇنىڭ قۇلىدىن كېلىدىغىنى -بارنى يوق قىلىش!

        ماتا ياكى كىيىمنىڭ ياراشمايدىغىنى يوق ، ئۇ پەمسىز ،زېھىنسىز ئايالنىڭ قۇلىغا چۈشسىلا ئاندىن خۇنۈكلىشىدۇ!

        《مودىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىماڭ ، ئۇ ئۈزى قايتىپ كېلىدۇ》دېگەن گەپ بار . كىيىپ زېرىككەن كىيىملىرىڭنى تازىلاپ ،پەم بىلەن راسلاپ ،ئۈزۈلگەن تۈگمىللىرىنى قايتا قاداپ ،چىرايلىق خالتىلارغا جايلاپ ،سىلاپ-سىيپاپ ئېلىپ قوي ، ساندۇقنىڭ بىر چېتىدە يېتىپ  تۇرسۇن ، ھەش-پەش دېگۈچە  ئۇنىڭ دەۋرى يەنە قايتىپ كېلىدۇ.بىراۋ سوۋغا قىلغاندەكلا بولىدۇ!

       چاچ تۈرمەكلەشمۇ سەنئەت. ئۇچۇق قۇلاق  كەمدىن -كەم ئايالغا يارىشىدۇ .ياخشىسى ،قۇلاقنىڭ تۆپە قىسمىنى چاچ تېگىگە قىستۇرۋالغان تۈزۈك.

       قىز بالىنىڭ يەلكىللىرى ئۆرە ، ئارقىلىرى تۈز تۇرۇشى كېرەك . نىگاھىڭ يەردە بولسۇن، ئەمما قەددىڭ تىك بولسۇن ! ئەگەر قەددىڭنى شۇنداق ئاسراشنى بىلەلمىگەن بولساڭ، مۈرە سۆڭەكلىرىڭ چىقىپ قالغان بولسىمۇ ھىچقىسى يوق ، چېچىڭ ياخشى بولسا ،ياراشتۇرۇپ ئۆرۈۋال ، ئەيبىڭ پۈركىلىدۇ .

        بوينوڭنىڭ بەك ئىنچىكلىكى  ۋە قۇلاقلىرىڭنىڭ شەكلىدىن تارتىنساڭ ، چېچىڭنى ئىككى قىلىپ ئۆرۈ ، شۇندا كەم جايلىرىڭنى تويدۇرۇپ تۇرىدۇ.

        قىز بالىلىق  مەزگىلىمۇ چۆچەك بۇلۇپ قالىدىغان بىر دەۋر.دۇنيادىن ئارماندا كەتمەسلىك ئۈچۈن چاچلىرىڭ ئۇزۇن ۋە قېلىن بولسىمۇ ،ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ ،ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ،تاشلاپ يۈر ، لېنتىللىرى ئېتەكلىرىڭنى سۈيۈپ تۇرسۇن!

        ئەگەر قاش-كۆزۈڭ  ئويلىغىنىڭدەك بولماي ،كۆرۈنۈشۈڭدىن نارازى يۈرسەڭ ،چېچىڭنىڭ ياخشىلىقىدىن پايدىلان ،ئۇنى گۈزەل قىلىپ ئۆرۈگىن ،يەتمىگەن چىرايىڭنى ئاشۇ بىرىدۇ!

        ھۆسنۈڭ جايىدا بولماي ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە چېچىڭمۇ كەم بولسىچۇ ؟ھىچقىسى يوق ، چېچىڭنى بىرئاز چۇۋۇپ ،ئارقاڭغا ياۋرۇپاچە چىرايلىق تۈرمەكلىۋالساڭ ،ئايدەك بولىسەن!

        بالىلىقىم دىكىبايرامنىئەسلەيمەن،قىزلاركوچىلارنىتولدۇرۇپتۈرلۈك-تۈمەن كۆڭلەكلىرىگە  دوپپا رەڭلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ مېڭىشسا ، ئۇلارغا كۆزى چۈشكەندە يۈرىكىدە باداملار گۈللەپ كېتەتتى!

     

     

     

      ئۆزبېكىستان يازغۇچىسى تۇرسۇنئاي سادىقوۋانىڭ ‹قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر›ناملىق روھىي ساغلاملىق دۇردانىللىرىدىن ئېلىندى.

     



     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قىز بەخىت ھۆسىن