تۇغۇلغان كۈندىكى كۆز يېشى(شۈياڭ)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-19 14:06:00

تۇغۇلغان كۈندىكى كۆز يېشى شۈ ياڭ جاڭخې قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇقسىز 3- يىللىق 2- سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى چېن مۇئەللىم ئىشقا چۈشۈپ ئەمدىلا ئىشخانىسىغا كىرىپ تۇرۇشىغا يان تېلېفونى سايراپ كەتت...

    تۇغۇلغان كۈندىكى كۆز يېشى

     شۈ ياڭ

        جاڭخې قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇقسىز 3- يىللىق 2- سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى چېن مۇئەللىم ئىشقا چۈشۈپ ئەمدىلا ئىشخانىسىغا كىرىپ تۇرۇشىغا يان تېلېفونى سايراپ كەتتى. ئۇ تېلېفونىنى ئېلىپ قارىۋىدى، ئوقۇغۇچىسى فاڭ جۈننىڭ ئاپىسى ئۇرغان تېلېفون ئىكەن. فاڭ جۈننىڭ ئاپىسى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى، فاڭ جۈننىڭ دادىسى شېڭلى گۇرۇھىنىڭ لىدىرى بولۇپ، تەسىر كۈچى چوڭ ئادەم ئىدى.
        __ چېن مۇئەللىم، بۈگۈن فاڭ جۈننىڭ 16 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، بىراق، بىرنەچچە كۈندىن بېرى ئۇ مەندىن خاپا بولۇپ قالغاچقا، تېلېفون بەرسەممۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى. سىز ئېغىر كۆرمەي ئۇنىڭدىن بۈگۈن ئۆيگە قايتىدىغان ياكى قايتمايدىغانلىقىنى سوراپ باقسىڭىز، ئەگەر قايتىدىغان بولسا، مەن ئۇنى ئالغىلى باراي دىگەن ئىدىم. چېن مۇئەللىم دەرھال سىنىپقا كىرىپ، فاڭ جۈننىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىرنىمىلەرنى دىدى. بىراق، فاڭ جۈن قوشۇلمىغاندەك بېشىنى چايقىدى. چېن مۇئەللىم ئۇنىڭغا:
       __ ئۇنداقتا بوپتۇ، ئەگەر سىز ئۆيگە قايتىشقا ئۇنىمىسىڭىز، بىز سىنىپتا سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرايلى،__ دىدى ۋە مۇنبەر ئالدىغا كېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا:
        __ ساۋاقداشلار، بۈگۈن ساۋاقداش فاڭ جۈننىڭ 16 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بىراق، بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ بۈگۈن ئۆيىگە قايتالمايدىكەن. مەن ساۋاقداشلارغا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمەن، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان بىر قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ قالسۇن.سىلەرچە قانداق؟__ دىدى.
        ئوقۇغۇچىلار خوشال ھالدا:
        __ قوشۇلىمىز!__ دەپ چۇقىراشتى.
       كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن،چېن مۇئەللىم مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۆزى بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. سىنىپ باشلىقىغا فاڭ جۈننىڭ ئاپىسىغا تېلېفون بېرىپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇشنى تاپىلىدى ۋە سىنىپ خىراجىتىدىن پۇل ئاجرىتىپ بىر دانە تۇغۇلغان كۈن تورتى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. سىنىپ باشلىقى فاڭ جۈندىن قانداق تورتنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى سورىدى، فاڭ جۈن ئۆزىنىڭ «جىنتېلى» ماركىلىق مىۋە تەملىك تورتنى ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، «جىنتېلى» نىڭ مەكتەپكە ئەڭ يېقىن تارماق دۇكىنىغا بېرىش ئۈچۈنمۇ ئون نەچچە بېكەت يول مېڭىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى، تورتنى ياساشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى قوشقاندا، تورتنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاز دىگەندىمۇ ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدى.
       چېن مۇئەللىم سىنىپ باشلىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، تورتنى ئېلىپ كېلىشكە لىڭ ئېرنى ئەۋەتمەكچى بولدى. لىڭ ئېر بىر دېھقان ئىشلەمچىنىڭ قىزى ئىدى. بۇلتۇر شەھەر بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسى بىر تۇتاش ھەل قىلىنغاندا لىڭ ئېر مۇشۇ سىنىپقا تەقسىم قىلىنغان ئىدى. لىڭ ئېر ئادەتتە ناھايىتى كەم سۆز ئىدى. گەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ناھايىتى ئاز گەپ قىلاتتى. سىنىپتا بىرەر دوستىمۇ يوق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ تولىمۇ ساغلام ئىدى. ھېلىغۇ بىر دانە تورتكەن، بىر تاغار ئۇن بولسىمۇ بىمالال ئەپكېلەلەيتتى. ئۇ ھاۋانىڭ شۇنچە ئىسسىق ئىكەنلىكىگە قارىماي، تورت ئەكىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
       چۈشتىن كېيىن لىڭ ئېر چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا تورتنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن دەرس بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا ئۆزلىرى دەرس تەكرار قىلىۋاتاتتى. لىڭ ئېرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى-دە تورتنى كۆرۈشكە باشلىدى. تورت قىزىل، سېرىق، يېشىل ئۈچ خىل رەڭلىك قايماق بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە " فاڭ جۈننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن" دىگەن خەتلەر توق قىزىل رەڭ بىلەن يېزىلغان ئىدى. خەتنىڭ ئاستىدا" 16" دىگەن رەقەم چىقىرىلغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار تورتنى كۆرۈپ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان پەيتتە، فاڭ جۈن يېتىپ كېلىپ تورتقا شۇنداق بىر قارىدى-دە لىڭ ئېرغا:
       __ كىم سىزگە قايماقلىق تورت ئېلىپ كېلىڭ دىدى؟ مەن مىۋە تەملىك تورت ئېپكېلىڭ دىگەن تۇرسام، مەن بۇنداق تورتنى يىمەيمەن، كىم يىسە شۇ يىسۇن!_ دىدى. بۈگۈن فاڭ جۈننىڭ تۇغۇلغان كۈنى تۇرسا، ئۇ تورت يىمىسە، بۇ پائالىيەتنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن ئەمدى؟
       لىڭ ئېر فاڭ جۈنگە قاراپ:
       __ بۈگۈن ئۇ تورت دۇككىنى بۇ خىل تورتنى ئېتىۋار باھادا سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىكەن،قارىسام، بۇ تورتمۇ ناھايىتى ياخشىكەن، شۇڭا، مۇشۇنى ئېلىپ كەپتىمەن،__دىدى.
        بۇ چاغدا يەنە بىرنەچچە ئوقۇغۇچىمۇ لىڭ ئېرنى ئەيىپلەشكە باشلىدى:
       __ بۈگۈن فاڭ جۈننىڭ تۇغۇلغان كۈنىمۇ ياكى سىزنىڭمۇ؟ ئەجىبا، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تورتنى ئېلىپ كەلگىنىڭىز نىمىسى؟
       __ تورتنى سىزنىڭ پۇلىڭىزغا ئالمىغاندىكىن، نىمىگە ئەنسىرەيتتىڭىز، تورتنى سىزگە ئەرزان بەرگەنننىڭ ئۈستىگە سوۋغاتمۇ بەردىمۇيا؟ ئوقۇغۇچىلار تالاش- تارتىش قىلىشىۋاتقاندا، فاڭ جۈن يېنىدىن ئىككى يۈز يۈئەن پۇلنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويدى ؤة:
       __ ئەگەر بۈگۈن راستلا مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەيدىغان ئىش بولسا، سىز ئېغىر كۆرمەي تورت دۇككىنىغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ، مىۋە تەملىك تورت ئېلىپ كەلگەن بولسىڭىز،__ دىدى.
       دەل شۇ چاغدا چېن مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ كەلدى. ئۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، لىڭ ئېرغا:
        __ سىز يەنە جاپا تارتىدىغان بولدىڭىز، تورت دۇككىنىغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ كەلسىڭىز، باشقا ساۋاقداشلارغا قارىغاندا ئۇ يەر سىزگە تونۇش بولۇپمۇ قالدى،__ دىدى.
        لىڭ ئېر پۇلنى ئېلىپ يەنە سىرىتقا ماڭدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ ئېيتقان سۆزلىرى ئاڭلاندى.
        بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتكەندە، لىڭ ئېر قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمدىكىدىن خېلىلا تېز قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى، ئۇ تورتنى ئۈستەلگە قويۇپلا باشقا بىر تەرەپكە بېرىپ تۇردى. بىرنەچچە ئوقۇغۇچى تورتنى شۇنداق بىر ئېچىپلا ۋارقىرىۋەتتى، باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ تورتنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ مىۋە تەملىك تورت بولسىمۇ، لېكىن تورتنىڭ يۈزى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، يۈزىدىكى رەسىم ۋە خەتلەر كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى .
        __ بۇ نىمە ئىش؟ بۇ تورتقا نىمە بولدى؟__دەپ سورىدى سىنىپ باشلىقى .
        لىڭ ئېر قاتتىق يىغلاپ كەتتى ؤة:
       __ مەن...مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتۈم،__ دىدى.
       ئوقۇغۇچىلار لىڭ ئېرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، لىڭ ئېر يىغىسىنى توختاتتى. ئەسلىدە خوشال كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشنىڭ بۇنداق بولۇپ قالغىنىنى قارىمامدىغان. چېن مۇئەللىم بىلەن سىنىپ باشلىقى بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپلا قېلىشتى. فاڭ جۈن بىر چەتتە تېخىمۇ خاپا ھالدا تۇراتتى. چۈنكى بەزى ئوقۇغۇچىلار تۇغۇلغان كۈندىكى ئوڭۇشسىزلىق ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، دىگەندەك گەپلەرنى قىلىشىۋاتاتتى. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن پەرىشانلىق چىقىپ تۇراتتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمەيۋاتاتتى. يەنە ساقلاۋېرىدىغان بولسا، قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتەتتى. ئەمدى، مۇشۇ تورتنى ئىشلەتمەي ئامال يوق ئىدى. دەل شۇ چاغدا فاڭ جۈن كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا چېن مۇئەللىم ۋە سىنىپ باشلىقىغا قاراپ:
         __ مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، بۈگۈنكى بۇ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىنى ئەمدى ئۆتكۈزمەيلا قويايلى،__ دىدى- دە سىرىتقا ماڭدى. چېن مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلار دەرھال ئۇنى توسۇۋالدى، بەزىلىرى ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتسە، بەزىلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشكە باشلىدى. تولىمۇ كۆڭۈلسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز فاڭ جۈننىڭ ئاپىسى سىنىپقا كىرىپ كەلدى. چېن مۇئەللىم دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالاملاشتى، فاڭ جۈنىڭ ئاپىسى سىنىپ ئىچىدىكى كەيپىياتنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى بايقاپ بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ تورت سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئاڭلاپ:
       __ دەرۋەقە، فاڭ جۈن مۇشۇ چاققىچە تۇغۇلغان كۈنىدە قايماقلىق تورت ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدى، مۇنداق قىلايلى، مەن ھېلىقى تورت دۇككىنىغا تېلېفون قىلاي، ئۇلار دەرھال بۇ يەرگە بىر دانە مىۋە تەملىك تورت ئەكىلىپ بەرسىلا بولمىدىمۇ،__ دىدى-دە دەرھال ھېلىقى تورت- پىرەنىك شىركىتىنىڭ خوجانىنىغا بىۋاستە تېلېفون بېرىپ، بۈگۈن قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكى، شۇڭا، دەرھال بىر دانە مىۋە تەملىك تورتنى مەكتەپكە ئەكىلىپ بېرىشنى ئېيتتى.
        فاڭ جۈننىڭ ئاپىسى تېلېفون بېرىپ بولغاندىن كېيىن، چېن مۇئەللىمگە:
        __ ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، مەن يەنە بىريەرگە زىياپەتكە قاتناشقىلى باراتتىم، سىلەرنىڭ فاڭ جۈن ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، مەن ماڭاي،__ دىدى ۋە گېپىنى تۈگىتىپلا بىر تەرەپتە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ ئولتۇرغان فاڭ جۈنگە قارىدى. فاڭ جۈن بېشىنى باشقا ياققا بۇرىۋالدى.
        فاڭ جۈننىڭ ئاپىسى چېن مۇئەللىمگە قاراپ:
       __ بۇ بالىنىڭ مىجەزى مۇشۇنداق، بولدى، مەن مېڭىۋېرەي، خەير- خوش،__ دىدى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى- دە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
        فاڭ جۈننىڭ ئاپىسى كەتكەندىن كېيىن، چېن مۇئەللىم كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىنىڭ يەنىلا ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ناخشا ئېيتىشقا بۇيرىدى، ئارقا- ئارقىدىن ئىككى ناخشا ئېيتىلغاندىن كېيىن، كەيپىيات يۇقۇرى كۆتۈرىلىپ، سىنىپ ئىچى كۈلكە- چاقچاققا تولدى. ئوقۇغۇچىلار ئۈستەللەرنى جۈپلەپ، بىرقانچە چوڭ ئۈستەل ھاسىل قىلدى. چېن مۇئەللىم مەكتەپ ئاشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك تامىقىنى سىنىپقا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ۋە يەنە بىرنەچچە خىل قورۇما تەييارلاپ بېرىشنى دىيىشىپ قويغان ئىدى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تورت دۇككىنىدىن بىرەيلەن چوڭ بىر دانە تورت ۋە بىر دەستە گۈلنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى. ئوقۇغۇچىلار خوشال ھالدا تورتنى ئەڭ چوڭ ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇردى، تورتنى ئېچىپلا ئوقۇغۇچىلار ماختىشىپ كەتتى، تورت بەش- ئالتە خىل رەڭدە مىۋە شەكلى چىقىرىپ ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە يەنە «فاڭ جۈننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن» دىگەن خەتلەر چىرايلىق قىلىپ يېزىلغان ئىدى. تورتنى ئېلىپ كەلگەن كىشى بۇ تورتنى ئۇنىڭ خوجايىنى فاڭ جۈنگە سوۋغا قىلغانلىقىنى، يەنە بىر دەستە يېڭى گۈلمۇ بارلىقىنى ئېيتتى ۋە پۇل ئالمايلا كېتىپ قالدى.
       بۇ چاغدا سەيلەر سىنىپقا ئەكىرىلىپ ئۈستەللەرگە تىزىلدى، قولى چاققان بىرنەچچە ئوقۇغۇچى تورتقا شام سانچىپ بولغان ئىدى. ئاندىن توك ئۆچۈرۈلۈپ، شام يورۇقىدا ئوقۇغۇچىلارئۈنلۈك ئاۋازدا فاڭ جۈننىڭ بۈگۈن 16 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ ئۆگىنىشتە تېخىمۇ ئالغا بېسىشىنى، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇشىنى تىلىدى. كۆپچىلىكنىڭ تەبرىك سادالىرى ئىچىدە فاڭ جۈن بىر پۈۋلەپلا شاملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. كۆپچىلىك چاۋاك چالدى ۋە فاڭ جۈنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ يۇمىلاق دائىرە ھاسىل قىلدى. توك ياندۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر ئوقۇغۇچى لىڭ ئېرنىڭ كەينى تەرەپتە تۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئېغىزىدا باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرى شۇ ھامان لىڭ ئېرغا ئاغدۇرۇلدى. بۇنى چېن مۇئەللىممۇ كۆردى ۋە دەرھال باشقا گەپ- سۆز قىلماسلىق توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا قول ئىشارىتى قىلدى. بىردەمدىن كېيىن كەچلىك تاماق يىيىلدى، سىنىپنى كۈلكە- چاقچاقلار قاپلىدى. بىرەيلەن كۆپچىلىككە «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن» دىگەن ناخشىنى ئېيتىش تەكلىپىنى بەردى. بىر ئوقۇغۇچى دەرھال بىر دانە ئۈنئالغۇ تېپىپ كىردى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناخشىسى بىلەن ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان مۇزىكا تولىمۇ ماسلاشتى. پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇدىغان ۋاقىتمۇ بوپ قالغان ئىدى. چېن مۇئەللىم مۇنبەرگە چىقىپ، فاڭ جۈن شۇنىڭدەك ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇدىغان بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلغاندىن كېيىن پائالىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. چېن مۇئەللىم سۆزىىنى تۈگىتىپ بىردىنلا لىڭ ئېرنىڭ ئۈستەلگە ئېڭىشىۋېلىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. چېن مۇئەللىم ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئۈنلۈك ئاۋازدا:
       __ ساۋاقداش لىڭ ئېر، بۈگۈن فاڭ جۈننىڭ تۇغۇلغان كۈنى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خوشال بولۇۋاتسا، پەقەت سىزلا باشتىن- ئاخىرى يىغلاپ چىقتىڭىزغۇ؟ توغرا، سىز تورت ئەكىلىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم تورت دۇككىنىغا باردىڭىز، يولدا يىقىلىپمۇ چۈشتىڭىز، بىراق، ھەرقانچە خاپىچىلىقىڭىز بولسىمۇ، ساۋاقدىشىڭىزنىڭ بىر يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان بولغاندىكىن، سىزمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولمامدۇ؟ سىز بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئۆزىڭىز كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ، تەنھا، باشقىلار ياخشى كۆرمەيدىغان ئوقۇغۇچى قاتارىغا چۈشۈپ قالدىڭىز، سىز مۇشۇنداق ئادەم بولۇپ قېلىشنى خالامسىز؟__ دىدى.
       لىڭ ئېر ئاستا- ئاستا يىغىسىنى توختاتتى. چېن مۇئەللىم ئەمدە مۇلايىم ھالدا ئۇنىڭغا:
        __ سىز كۆپچىلىككە ئۆزىڭىزنىڭ ئەتىدىن نىمىشقا توختىماي يىغلاپ چىققانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەمسىز،__ دىدى. لىڭ ئېر دەرھال ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئورنىدىن تۇردى. چېن مۇئەللىم ئۇنىڭغا يەنە :
        __ سىز ئوقۇتقۇچىڭىز ۋە ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا ئېيتىپ بېقىڭ، زادى نىمە ئۈچۈن يىغلىدىڭىز؟__ دەپ سورىدى. لىڭ ئېر يىغىسىنى توختىتىشقا تىرىشىپ، ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ئېيتتى:
        __ مۇئەللىم، مەن خاتا قىلدىم. مەن ئەسلىدە...يىغلىماسلىقىم كېرەك ئىدى، مېنىڭ باشقا مەقسىدىم يوق. پەقەت...چۈنكى...بۈگۈن مېنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. سىنىپ ئىچى بىردىنلا سۈكۈتكە تولدى، چېن مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى.

     «ھېكايىلەر» يېرىم ئايلىق ژورنىلىنىڭ 2006- يىللىق 2- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 10:57:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شۈ ياڭ تۇغۇلغان كۈنى