ھاياتنىڭ قىممىتى(ياڭشاۋيۈن)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 12:18:29

ھاياتنىڭ قىممىتى ياڭ شياۋيۈنغۇپۇر قادىر تەرجىمىسى دارىلئېتامدا چوڭ بولۇۋاتقان بىر ئوغۇل بالا ھەمىشە ئۈمىدسىزلىك بىلەن دارىلئېتام باشلىقىدىن:باشقىلار بېقىشنى خالىمايدىغان مەندەك بىر بالىنىڭ ي...

    ھاياتنىڭ قىممىتى

    ياڭ شياۋيۈن
    غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى

     

        دارىلئېتامدا چوڭ بولۇۋاتقان بىر ئوغۇل بالا ھەمىشە ئۈمىدسىزلىك بىلەن دارىلئېتام باشلىقىدىن:
     باشقىلار بېقىشنى خالىمايدىغان مەندەك بىر بالىنىڭ ياشىغىنىنىڭ زادى نېمە ئەھمىيىتى بار؟ دەپ سورايدىكەن.
    دارىلئېتام باشلىقى  كۈلۈپ قويۇپ، بالىغا بىر پارچە تاشنى بېرىپتۇ - دە:
     ئەتە ئەتىگەن بۇ تاشنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىڭ، ئەمما راستتىن ساتمايسىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، باشقىلارنىڭ قانچە پۇل چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز سېتىشقا بولمايدۇ، دەپتۇ.
    ئەتىسى ئوغۇل بالا  بازارنىڭ بۇلۇڭىدا زوڭزىيىپ  ئولتۇرۇپ، بىرمۇنچە ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ھېلىقى تاشنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ باھانى ھەدەپ ئۆرلىتىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. ئوغۇل بالا دارىلئېتامغا قايتىپ كېلىپ بۇ ئەھۋالنى خۇشاللىق بىلەن دارىلئېتام باشلىقىغا مەلۇم قىپتۇ، دارىلئېتام باشلىقى كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئەتە ئالتۇن بازىرىغا ئاپىرىپ خېرىدار چاقىرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئالتۇن بازىرىدا ھېلىقى تاشنى تۈنۈگۈنكىدىن ئون ھەسسە ئارتۇق باھادا سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار چىقىپتۇ.
    ئاخىر دارىلئېتام باشلىقى ئوغۇل بالىغا تاشنى ياقۇت بازىرىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىشنى تاپشۇرۇپتۇ، نەتىجىدە تاشنىڭ باھاسى تۈنۈگۈنكىدىن يەنە ئون ھەسسە ئېشىپتۇ، تېخى ئوغۇل بالا ھەرقانچە قىلسىمۇ ساتمىغاچقا، بۇ تاش «جاھاندا ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەر»كەن دەپ تارقىلىپ كېتىپتۇ.
    ئوغۇل بالا خۇشاللىقتىن قىن - قىنىغا پاتمىغان ھالدا تاشنى كۆتۈرگىنىچە دارىلئېتامغا قايتىپ كېلىپ، بۇ ئەھۋاللارنى دارىلئېتام باشلىقىغا دەپ بېرىپتۇ. دارىلئېتام باشلىقى ئوغۇل بالىغا قاراپ تۇرۇپ، ئاستاغىنە سۆزلەپتۇ:
     ھاياتنىڭ قىممىتى مۇشۇ تاشقا ئوخشايدۇ، ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. دىققەت - ئېتىبارنى قوزغىيالمايدىغان بىر پارچە تاش سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىز، ئەتىۋارلاپ سېتىشىڭىز بىلەن ئۆز قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، جاھاندا ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەر دەپ تەرىپلەندى، سىزمۇ مۇشۇ تاشقا ئوخشايسىزغۇ؟ ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزنى ئەتىۋارلىسىڭىز، قەدىرلىسىڭىزلا، ھاياتىڭىز ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ.

     

    يېقىملىق ئورا

        بىر ئانا ئۆزىنىڭ 24 ياشلىق ئوغلى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرۇپتۇ، ئۇ پسىخىكا مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسنى ئىزدەپ بېرىپ مەسلىھەت سوراشقا مەجبۇر بوپتۇ.
        مۇتەخەسسىس: «بالىڭىز تۇنجى قېتىم ئايىغىنىڭ بوغقۇچىنى قارىغۇ كىرتمەك قىلىپ باغلاپ قويغاندا، سىز ئۇنىڭغا ئىككىنىچىلەپ بوغقۇچى بار ئاياغنى ئېلىپ بەرمىگەن، شۇنداقمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئانا بېشىنى لىڭشىتىپتۇ. مۇتەخەسسىس يەنە: «بالىڭىز تۇنجى قېتىم چىنە يۇيۇپ كىيىمىنى ھۆل قىلىۋالغاندا، سىز ئۇنى چىنە - قاچا يۇيۇش تەڭنىسىگە ئىككىنچىلەپ  يېقىن يولاتمىغان، شۇنداقمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئانا بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللاپتۇ. مۇتەخەسسىس ئارقىدىن: «بالىڭىز تۇنجى قېتىم ئورۇن - كۆرپىسىنى يىغىشقا توپتوغرا بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغاندا، سىز ئۇنى كالانپاي دەپ ياراتمىغان، شۇنداقمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. بۇ ئانا ھاڭ - تاڭ بولۇپ مۇتەخەسسىسكە لەپپىدە قاراپ قويۇپتۇ. مۇتەخەسسىس يەنە: «بالىڭىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگەندە، سىز يەنە ئۆز مۇناسىۋىتىڭىز ۋە ھوقۇقىڭىزنى ئىشقا سالدىڭىز» دەپتۇ. بۇ ئانا تېخىمۇ ھاڭ - تاڭ قېلىپ: «بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز؟» دەپتۇ.
     مۇتەخەسسىس: «ھېلىقى ئاياغ بوغقۇچىدىن بىلىۋالدىم» دەپتۇ. ئانا: «ئۇنداق بولسا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىمەن» دەپ سوراپتىكەن، مۇتەخەسسىس: «ئۇ توي قىلىدىغان چاغدا، ئەڭ ياخشىسى ئۆي تەييارلاپ بېرىڭ؛ پۇلدىن قىسىلسا ئەڭ ياخشىسى پۇل ئاپىرىپ بېرىڭ. بۇ سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز، باشقىسىغا ئامال قىلالمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
       بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىدە ئىنتايىن يېقىملىق بىر ئورا مەۋجۇت، ئۇنى ئاتا - ئانىسى ئۆز قولى بىلەن قازىدۇ. ئورىغا چۈشۈپ كەتكەن بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈش ۋە خاتالىقىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى تارتىۋېلىنغانلىقتىن، ئۆسۈپ چوڭ بولۇش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.