نىگارغا(شېئىر) ئىنۇئىې ياسىشى

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-07 23:45:00

نىگارغا نىگارغا(شېئىر) ئىنۇئىې ياسىشى (ياپونىيە) ،1907‏‏‏-‏ 1991 ياشىماقنىڭ نېمە ھاجىتى قىيان كەبى داۋالغۇپ، قايناپ. بولغىن سۈزۈك سۇ ، سوغوق، جىمجىت ھەمدە جىلۋىدار، خىلۋەت ياردىن ئاققىن تامچىلاپ....

    نىگارغا

       نىگارغا(شېئىر) ئىنۇئىې ياسىشى (ياپونىيە) ،1907‏‏‏-‏ 1991 ياشىماقنىڭ نېمە ھاجىتى قىيان كەبى داۋالغۇپ، قايناپ. بولغىن سۈزۈك سۇ ، سوغوق، جىمجىت ھەمدە جىلۋىدار، خىلۋەت ياردىن ئاققىن تامچىلاپ. باھاردىكى گىلاسقا ئوخشاش ياسانمىغىن ئۇنچە غارايىپ. بولمىغىن بەرگلىرى ئىزغىرىن سوغدا تۇرغىنىدەك خۇش پۇراق چېچىپ، كۆزلىرىڭنى يىراققا تىكىپ، قىشتىمۇ ھەم تۇرغىن ئېچىلىپ. ئاڭلىمىساڭ ئاڭلىما مەيلى، ئىلاھ كۈيى‏-‏گۈلدۈر مامىنى، ئاڭلا لېكىن ئۇچقۇر شامالنى. دەرەخلەرنى سېلىپ ئۇسۇلغا، دالالارنى يېقىپ باغرىغا، سەھرالارنى بۆلۈپ تاشلىغان شۇ ئاۋازلارغا . ئەي،نىگارىم شېرىن چۈشكە بولمىغىن ئەرمەك. بولغىن خۇددى بۇلتۇرقى يىلدەك، كېلەر يىلى يەنە شۇنىڭددەك. ئويغان! ئەي باھارنىڭ زىننىتى قۇياش. ئويغان! ئەي نىگارىم، چېھرى يۇرۇڭقاش.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق