قارماق

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-14 18:15:21

بىر بوۋاي ئېقىن بويىدا بېلىق تۇتۇپ ئولتۇراتتى، بىر چاغدا بىر بالا كېلىپ ئۇنىڭ بېلىق تۇتىشىغا زەن سېلىپ ئولتۇردى، بوۋاينىڭ بېلىق تۇتۇش ماھارىتى ئۈستۈن بولغاچقا، بىردەمدىلا بىر چىلەك بېلىق تۇتتى،

     
    قارماق
     
    بىر بوۋاي ئېقىن بويىدا بېلىق تۇتۇپ ئولتۇراتتى، بىر چاغدا بىر بالا كېلىپ ئۇنىڭ بېلىق تۇتىشىغا زەن سېلىپ ئولتۇردى، بوۋاينىڭ بېلىق تۇتۇش ماھارىتى ئۈستۈن بولغاچقا، بىردەمدىلا بىر چىلەك بېلىق تۇتتى، بۇ چاغدا بۇبوۋاي بۇ بالىنىڭ ئوماقلىقىغا نەپتۇن بولۇپ، چېلەكتىكى بېلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى؛ بىراق بالا رەت قىلىۋېدى، بوۋاي ھەيران بولۇپ سورىدى:
    -نېمىشقا ئالمايسەن بۇ بېلىقلارنى؟
    -ماڭا بەرگۈڭىز بولسا،-دەپتۇ بالا كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ،-قولىڭىزدىكى قارماقنى بېرىڭ.
    -نېمىشقا ئەمدى، قارماقنى ئېلىپ نېمە قىلىسەن؟
    - بۇ چىلەكتىكى بېلىقنى ناھايىتى تېزلا يەپ بولىمەن،-دەپتۇ بالا،-ناۋادا مېنىڭ بېلىق تۇتىدىغان قارمىقىم بولسا، ئۇنداقتا مەن بىر ئۆمۈر بېلىق تۇتۇپ يېيەلەيمەن-دە.
    ھېكايە تۈگىدى، سىز چوقۇم قايىل بولۇپ: «نېمانداق ئەقىللىق بالا بۇ؟» دەپ قالدىڭىز، بىراق سىز خاتالاشتىڭىز، چۈنكى ئۇنى قارمىقىلا بولۇپ، بېلىق تۇتۇش تېخنىكىسى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بېلىق يېيەلىشى ناتايىن. شۇڭا بېلىق تۇتىدىغان قارماق بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئادەمگە كېرىكى كامالىغا يەتكەن «بېلىق تۇتۇش تېخنىكىسى».
    ئەتراپىمىزدا ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ قارمىقىغا ئىگە نۇرغۇن ئادەم بار، ئەمما ئۇلاردا يولنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىغا بەرداشلىق بېرىش ماھارىتى ۋە سەۋرىسى يوق، شۇڭا ئاسانلا تېيىلىپ يىقىلىپمۇ كېتىدۇ. خۇددى «قارمىقىم بولسىلا، تۈگىمەس بېلىققا ئىگە بولىمەن!» دەپ قارىغان بالىغا ئوخشاش، «خىزمەت ئورنۇم بولسىلا، تۈگىمەس بايلىققا ئېرىشىمەن!» دەپ قارايدىغان خىزمەتچىمۇ ماھىيەتتە نانقېپى!
    زۇبەيدە ئەنەيتۇللا تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قارماق بوۋاي بالا