جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەھۋالى دېگەن نېمە؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-13 09:55:56

جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەھۋالى دېگەن نېمە؟ تەرجىمە قىلغۇچى: موسا ئاكا تۈنۈگۈن، جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى لياڭ گۇاڭلې ۋيېتنامنىڭ خانوي شەھىرىد...

            جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەھۋالى دېگەن نېمە؟

     

                                 تەرجىمە قىلغۇچى: موسا ئاكا

     

       تۈنۈگۈن، جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى لياڭ گۇاڭلې ۋيېتنامنىڭ خانوي شەھىرىدە شەرقىي ئاسىيا ئىتتىپاقى مىنىستىرلار كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس بىلەن كۆرۈشتى. ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن ياردەمچىسى دونىلۇڭ، ئاقساراي دۆلەت ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ساممىرس جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ نيۇ- يوركتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى. ئالدىنقى باسقۇچتىكى «دەلمۇ-دەل تاقابىل تۇرۇش» ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە «چوڭ ئۆزگىرىش بولۇش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەندەك قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇشۇنىڭ بىلەن تۈز «تېز يول»غا مېڭىپ كېتەلەرمۇ؟ جاۋاب روشەنكى «ياق».

       جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەھۋالى ھەمكارلىق بىلەن كۈرەش تەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۆز – ئارا ئىرماش- چىرماش بولۇپ كېتىش، ھەمكارلىق ئىچىدە كۈرەش بولۇش، كۈرەش ئىچىدە مۇرەسسەلىشىش بولۇشتىن ئىبارەت. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق بولغان چاغدا ئەگرى – توقايلىق كېلىپ چىقىدۇ. ھازىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلق پۇلى، پېرېۋوت نىسبىتى ئالاھىدە تاموژنا بېجى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاپ، جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى بۇنىڭ بىر مىسالى بولۇپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئوخشاشلا مۇناسىۋەت جىددىيلەشكەن ۋاقىتمۇ ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. يىل بېشىدىن بۇيان، ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال – ياراغ سېتىپ بېرىش، يوشۇرۇشقا چېتىشلىق مەسىلىلەر، سودا توقۇنۇشى، ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانۋىر ئۆتكۈزۈشى ۋە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشى قاتارلىق زور ئوڭۇشسىزلىقلار ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تاغدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىلغا ئوخشاش بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە پەسىيىپ تۇردى، لېكىن كۈرەش بولغان بىلەن بۇزۇلمىدى، چوققىغا يولۇققاندا ئايلىنىپ ماڭدى، ھازىر يەنە پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئادا- جۇدا بولۇشقا قاراپ مېڭىش مۇمكىنچىلىكى زور ئەمەس.

       مانا بۇ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەھۋالى، شۇنداقلا نورمال جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، جۇڭگو پۇقرالىرىدا بۇنىڭغا قارىتا بىر ئادەتتىكىچە ئاقىلانە روھىي ھالەت بولۇشى، ئۇرۇلۇپ – سوقۇلۇش ئىچىدە ئىلگىرىلەيدىغان پىسخىك تەييارلىق بولۇشى كېرەك. قاتتىق خۇشال بولۇش، قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىش، ھەددىدىن ئارتۇق ئۈمىدۋار بولۇش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق ئۈمىدسىزلىنىشلەرنىڭ ھەممىسى بولمايدۇ.

    جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەر شارىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى تۆۋندىكىچە:

    بىرىنچى، تارىخ بىر دۆلەت يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا ياكى باش كۆتۈرۈۋاتقان چاغدا، مۇقەررەر ھالدا ئەسلىدىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زەربە بېرىشى، بېسىشى، چەكلىشى، بوغۇشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك بوشلۇقىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئەتراپىغا ھەدېسىلا «قوزۇق قاقتى»، «توزاق قۇردى»، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇشتىن ئىبارەت، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ زىدىيىتى ۋە توقۇنۇشى قۇرۇلما خاراكتېرلىك. نۆۋەتتە

    ئىككىنچى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆز-ئارا تايىنىش مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدىكى پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسى داۋامىدىكى ئۆز – ئارا تايىنىشچانلىق تېخىمۇ كۈچلۈك، دۇنيادا تەرەققىياتى ئەڭ تېز. مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگونىڭ تاۋارلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا ئامېرىكا بازارلىرىغا تايىنىلىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ غايەت زور خامچوت قىزىل رەقىمىمۇ ئۇنىڭ زايومىنى قولىدا ئەڭ كۆپ تۇتۇپ تۇرغۇچى جۇڭگوغا تايىنىپ ھەل قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆز – ئارا تايىنىش ھازىرقى زامان ئىقتىسادىدىكى كېيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى «ئۆز – ئارا كاپالەتلىك قىلىش» نىڭ يېڭى نۇسخىسى بولۇپ، ھەر قانداق بىر تەرەپ قارشى تەرەپنى قالايمىقانلاشتۇرسا، ئۆزىمۇ چوقۇم زىيان تارتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆز – ئارا تايىنىش بەك چوڭقۇر بولۇپ، يامانلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ھەقىقىي، ئۇزاققىچە بەرداشلىق بېرەلىشى ناھايىتى قىيىن.

    ئۈچىنچى، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتتى ھەمدە پۈتۈن يەر شارى ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. يەر شارىلىشىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ ئۆز – ئارا ئارىلىشىش نۇقتىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك ساھەسىدىن خەلقئارا تېرورىزمغا تاقابىل تۇرۇش، كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە كېڭەيدى. ئورتاق خىرس ئالدىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قول تۇتۇشىشى كېرەك.

       ئەلۋەتتە، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەھۋالىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس، ھەمكارلىشىش تەرىپى بىلەن كۈرەش قىلىش تەرىپىنىڭ نىسبىتى ئىككى تەرەپ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە كۈچىيىشىگە ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ. مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەمكارلىشىش تەرىپى بارغانسېرى زورىيىدۇ؛ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش جەريانىمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت.

    (ئاپتور: ۋۇ جىڭلۇڭ جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ باش كاتىپى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.