كۈتۈلمىگەن ئەھۋال(غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى)

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 12:36:46

كۈتۈلمىگەن ئەھۋال جۇ لىشىغۇپۇر قادىر تەرجىمىسى ئۇ كاماندىروپكىغا چىقىپ ھەميېنىنى ئوغرى ئېلىۋاپتۇ، بىر تىيىنسىز قاپتۇ. «بىلمەيدىغان يەرنىڭ ئوي - چوڭقۇرى تولا» دېگەندەك ھېچكىمدىن ياردەم سورىيا...

    كۈتۈلمىگەن ئەھۋال

    جۇ لىشى
    غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى

     

       ئۇ كاماندىروپكىغا چىقىپ ھەميېنىنى ئوغرى ئېلىۋاپتۇ، بىر تىيىنسىز قاپتۇ. «بىلمەيدىغان يەرنىڭ ئوي - چوڭقۇرى تولا» دېگەندەك ھېچكىمدىن ياردەم سورىيالماپتۇ.
       ئۇ قورسىقى ئېچىپ بولالماي، بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقان چاغدا، ئاشخانىدا يەپ - ئېچىپ ئولتۇرغان بىر يىگىت ئۇنى چاقىرىپتۇ:
       - ھوي، بۇياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ، مەن مېھمان قىلىمەن. قانداق ھاراق ئىچكۈڭىز بار؟ قورۇمىدىن قاندىقىنى بۇيرۇتاي؟
    ئۇ ماقۇل  دېيىشكە پېتىنالماي، ئالدامچىغا ياكى سەۋدايىغا ئۇچراپتىمەن دەپ تەخمىن قىپتۇ.
     خاتىرجەم بولۇڭ، دەپتۇ يىگىت يەنە، مەن يامان ئادەم ئەمەس. ھېلىلا دوختۇرخانىدىن چىقتىم، خوتۇنۇمنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى، راك ئەمەس ئىكەن... مەن بەك خۇشال، ئاۋارىگەرچىلىكتىن قاچماي، ماڭا بىرەر رومكا ئىچىشىپ بەرسىڭىز.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇشال ئولتۇرۇپتۇ ھەمدە كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ:
       - كېلىڭ، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى! دەپتۇ.

     

    شەخسىيەتچىلىك بەدىلى

       بۇ ھەقىقى يۈز بەرگەن ۋەقە.
       ۋيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىلىق بىر ئەسكەر ئۇرۇشنى تۈگىتىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ سان - فرانسىسكو مېھمانخانىسىدا ئۇياندىن - بۇيانغا ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يېرىم كېچىدە ئۆيىدىكى ئاتا - ئانىسىغا تېلېفون قىپتۇ:
     ئاتا، ئانا، مەن ئۆيگە قايتىپ كەتكىلىۋاتىمەن. ئەمما سىلەردىن بىر ئىشقا ياردەملىشىشنى ئىلتىماس قىلماقچىمەن، مەن بىر دوستۇمنى ئالغاچ باراي دېگەنىدىم.
     ئەلۋەتتە بولىدۇ، دەپتۇ ئاتىسى جاۋابەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەك ناھايىتى خۇشال بولىمىز.
     لېكىن بىر ئىشنى دېمىسەم بولمايدۇ، ئۇ ئاشۇ قاباھەتلىك ئۇرۇشتا مىناغا دەسسىۋېلىپ ئېغىر يارىلانغان، بىر پۇتى  ۋە بىر قولىدىن ئايرىلىپ مېيىپ بولۇپ قالغان. مەن ئۇنى بىز بىلەن بىللە ئۆتسە دېمەكچىدىم.
     ھە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولساڭ، ئۇ تۇرىدىغان باشقا ئورۇن تېپىپ بەرسەك بولىدۇ.
     ئۇ مېيىپ بولۇپ قالدى، باشقا جايغا بارالمايدۇ - دە!
     بالام، شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۆز يولى بىلەن ماڭىدۇ، سېنىڭ دوستۇڭ بىزگە ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بېرىدۇ. ئۆزۈڭ يالغۇز قايتىپ كەلگىن، ئۇ ئۆز يولى بىلەن ياشايدۇ... ئاتىسىنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئوغلى تېلېفوننى قويۇۋېتىپتۇ.
    ئاتا - ئانىسى ئۆيدە نۇرغۇن كۈنلەر ساقلىغان بولسىمۇ، ئوغلى يەنىلا قايتىپ كەلمەپتۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر تېلېفون بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىپتۇ. چوڭقۇر قايغۇ - ھەسرەتكە چۆمگەن ئاتا - ئانىسى شۇئانلا سان - فرانسىسكوغا يېتىپ بېرىپ، جەسەت ساقلاش ئۆيىدىن ئوغلىنى تېپىپتۇ، ئەمما ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن ئوغلىنىڭ بىر پۇتى ۋە بىر قولى كەملەپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ...

     

    ساقال

       بوۋىسىنىڭ قويۇق ئۆسكەن، مەيدىسىگە چۈشىدىغان ناھايىتى ئۇزۇن ساقىلى بار ئىكەن.
       بىر كۈنى بەش ياشلىق قىز نەۋرىسى بوۋىسىنىڭ ساقىلىنى تارتىپ تۇرۇپ سوراپتۇ:
       - بوۋا، شۇنداق ئۇزۇن ساقال قويۇۋاپسىز، كەچتە ئۇخلايدىغان چاغدا ساقىلىڭىزنى يوتقاننىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋالامسىز ياكى سىرتىغا چىقىرىۋالامسىز؟
       بوۋىسى دەماللىققا بىرنېمە دېيەلمەپتۇ، چۈنكى ئۇ كەچتە ئۇخلىغاندا ساقىلىنى زادى يوتقاننىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋالىدىغانلىقى ياكى سىرتىغا چىقىرىۋالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغانىكەن.
       شۇ كېچىسى ئۇخلايدىغان چاغدا، بوۋىسى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىپتۇ، ئۇ باشتا ساقىلىنى يوتقانغا ئەكىرىۋېلىپ يېتىپتۇ، ئەمما بىردەمدىلا ئىچى پۇشۇپ كېتىپتۇ، ئارقىدىن يەنە ساقىلىنى يوتقاننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويۇپ يېتىپ بېقىپتۇ، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا بىئارام بوپتۇ، ئۇيان قويۇپ، بۇيان قويۇپ بېقىپ كېچىچە ئۇخلىيالماپتۇ.
    تۇرمۇشتىكى بىرمۇنچە ئىشلارنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىز تاپىمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.