سوراش

يوللىغۇچى : alipoguz يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-31 16:31:00

سوراش سوراش تاگور (ھىندىستان ) نۇرمەھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى ئۈزلدۈرمەي ئىلاھيىم ئەلچىللىرىڭنى ، سەن ئەۋەتتىڭ بۇ رەھىمسىز ئالىمىڭگە . ئۇلار بىزگە بەردى تەلىم :<< پۈتكۈل ئادەمنى كەچ...

     سوراش

         سوراش تاگور (ھىندىستان ) نۇرمەھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى ئۈزلدۈرمەي ئىلاھيىم ئەلچىللىرىڭنى ، سەن ئەۋەتتىڭ بۇ رەھىمسىز ئالىمىڭگە . ئۇلار بىزگە بەردى تەلىم :<< پۈتكۈل ئادەمنى كەچۈرىڭلار >> دەپ ، ئۇلار بىزگە بەردى تەلىم :<< پۈتكۈل ئادەمنى سۆيۈڭلار ھەم كۆڭلۈڭلاردىكى قىساس يىلتىزنى يۇلۇڭلار>> دەپ . بۇلار ئەرزىيدۇ ھۆرمەتكە ۋە ئەسلەشكە . بىراق بۇ بەختسىز قارا كۈنلەردە ، قوغلاپ چىقىرىپ ئۇلارنى تاشقىرغا ، يالغاندىن ئاڭا قىلدىم مەن سەجدە . ئۇنداقتا مەن ئەزەلدىن كۆرمىگەن بولسام نىمشكە ئۇلار ئاجىزلارغا يوشۇرۇن قىلىدۇ سۈيقەست ئالدامچىلىقنىڭ قاراڭغۇ پەردىسى كەينىدە ؟ ئۇنداقتە مەن ئەزەلدىن كۆرمىگەن بولسام نىمىشكە كۈشلۈكلەرنىڭ توختىماي سوققان زەربىسىىدە تۇنجۇقۇپ ھەقىقەت ئۈنى يىغلايدۇ سۈكۈت ئىچىدە ؟ ئۇنداقتا مەن ئەزەلدىن كۆرمىگەن بولسام نىمشكە قەيسەر ياشلار باسقاندا ئالغا تاش تامغا ئۈسۈپ ئېچىنىشلىق غولار ئۆلۈمگە ؟ ئاۋازىم تىنجىدى بۈگۈن ، پۆۋلىسەڭمۇ نىيىمنى چىقمايدۇ ناخشا . يۇقالماقتا مېنىڭ پۈتكۈل ئالىمىم ، زۈلمەتتىكى قار باسقان چۈشنىڭ قولىدا . شۇ سەۋەپ سوراي سەندىن بىر سۇئال ، ئاچچىق يېشىمنى زورىغا يۈتۈپ . ئاشۇلار ھاۋايىڭنى بولدى زەھەرلەپ ، ئاشۇلار نۇرلىرىڭنى ئۆچۈردى يالماپ ، سەن ئەمدى ئۇلارنى كەچۈرەلەمسەن ؟ سەن ئەمدى ئۇلارنى سۆيەلەمسەن ؟ << تاگورنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن بەھرى ئېلىش >> كىتاپ( خەنزۇچە ) ،

    جۇڭگۇ تىنشلىق نەشىرياتى 1996_ يىل بېيجىڭ ، 136.137_ بەت

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق