سېنى نېمىشقا ياخشى كۆرمەي قوزام؟

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-14 19:31:03

الام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەچكە، سېنىڭ باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنىڭنى ۋە باشقا بولمىغۇر قىلىقلىرىڭنى كۆرۈشنى خالىمايمەن!

    سېنى نېمىشقا ياخشى كۆرمەي قوزام؟
    ئوما بامبېك (ئامېرىكا)
    ئاتىكەم سەمەت تەرجىمىسى

    -سىز مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز!
    ھېچ يادىمدا قالماپتۇ، بالامنىڭ بۇ ئاتاقنى ماڭا نەچچە قېتىم مەجبۇرىي تاڭغىنىنى، بىراق ئانا بولغان مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ھەر ئاڭلىغىنىمدا ۋۇجۇدۇمنىڭ سىلكىنىدىغانلىقىنى، يۈرىكىمنىڭ يىغلايدىغانلىقىنى، چۈشەنچە بەرمەك بولۇپ ئۆمەللىگەن ئېغىزىمنىڭ توختاپ قالىدىغانلىقى يادىمدا ئېنىق تۇرۇپتۇ. قەلبىمدە ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەرنى دەيمەن:
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى، نەگە، كىم بىلەن بارغىنىڭنى، قاچان ئۇۋاڭغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭنى بىلگۈم كېلىپلا تۇرىدۇ.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى، نەگە، كىم بىلەن بېرىشىڭنى، قاچان ئۇۋاڭغا قايتىپ كېلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئېيتىپ قويغۇم كېلىدۇ.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى، ۋېلىسىپىتىڭنى ئۆزۈڭ يول تاپقاندا سېتىۋېلىشىڭ كېرەكلىكىنى تەكىتلىگۈم كېلىدۇ، گەرچە ھازىر ئۇنى سېتىۋېلىشقا قۇربىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بىلسەممۇ.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەچكە، سۈكۈت قىلىمەن، ئۆزۈڭ مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاپ دېگۈدەك تۇتقان دوستۇڭنىڭ ئەسلىدە بىر قاباھەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۆزۈڭنىڭ بايقىشىڭنى كۈتىمەن.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى، ئاللىقاچان يېرىمىنى يەپ بولغان شاكىلاتنى قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ دۇكاندارغا قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇشقا، ھەتتا ئۇنىڭدىن: مەن ئوغرىلىقچە يەپ ساپتىمەن، كەچۈرۈڭ، دەپ ئەپۇ سوراشقا بۇيرۇيمەن.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەچكە، ئۆيۈڭنى يىغىشتۇرۇپ تازىلاشنى ئۆزۈڭگە قالدۇرىمەن، سېنىڭ بۇ ئىشلارنى ئىككى سائەتتە قىلىپ بولىدىغانلىقىڭنى، ئەمما ئۆزۈم 15 مىنۇتتىلا قىلىپ بولىدىغانلىقىمنى بىلسەممۇ، لېكىن يەنىلا شۇنداق قىلىمەن.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىم ئۈچۈن، سەندىن كۆزۈمدىكى غەزەپ، ئۈمىدسىزلىك، بىزار بولۇش نۇرىنى كۆرۈشۈڭنى، ئازابلىنىپ تۆككەن يېشىمنى سۈرتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەچكە، سېنىڭ باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنىڭنى ۋە باشقا بولمىغۇر قىلىقلىرىڭنى كۆرۈشنى خالىمايمەن!
    بالام، مەن سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەچكە، باشقىلارنىڭ ئاپىسىنىڭ قانداقلىقىنى، بالىسىغا قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىلجىرلاشلىرىڭغا قۇلاق سالمايمەن.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى، ھايات يولىدا دەلدۈگنىپ ماڭغىنىڭا قاراپ تۇرىمەن. يىقىلىش، يارىلىنىش ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەچكە، ئالتە ياش چېغىڭدىلا قىلغا ئىشىڭغا ئۆزۈڭنىڭ مەسئۇل بولۇشىڭنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانمەن.
    بالام، سېنى بەك ياخشى كۆرگەچكە، قۇچۇقۇمدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىشكە، قولۇڭنى قويۇۋېتىشكەن، نامۇۋاپىق تەلەپلىرىڭگە پەرۋا قىلماسلىققا بەرداشلىق بېرىمەن...چۈنكى شۇندىلا، سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرالايسەن.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەچكە، كۆز ئالدىمدىكى تۇرقۇڭ ئۈمىدىمنى ئاقلىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تۇرقۇڭنى يەنىلا قوبۇل قىلىمەن.
    بالام، سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى، شۇنداق چاغدا قاتتىق ئازابلىنىدىغىنىڭىزنى، قەلبىڭ ئۈمىدسىزلىك بىلەن يىغلايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، كۆپ ئىشلاردا يەنىلا ساڭا «ياق» دەيمەن...
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شاكىلات