بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان سۆزلەر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-22 04:27:46

بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان سۆزلەر 1.ھەركۈنى 11:00 دىن بۇرۇن ئۇخلاڭ،سەھەر 7:30 دىن بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.2.ھەركۈنى غايىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىڭ.3.ۋاقىت بولسا كۆپ كىتاپ كۆرۈڭ،نەزەر دائىرىڭىز ...

    بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان سۆزلەر

    1.ھەركۈنى 11:00 دىن بۇرۇن ئۇخلاڭ،سەھەر 7:30 دىن بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
    2.ھەركۈنى غايىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىڭ.
    3.ۋاقىت بولسا كۆپ كىتاپ كۆرۈڭ،نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ؛ ۋاقىتنى ئەھمىيەتىسز ئىشلارغا سەرىپ قىلماڭ،ئىسىڭىزدە بولسۇن، ۋاقىت كەينىگە يانمايدۇ.
    4.كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇڭ، سالامەتلىك قولدىن كەتسە ھەممىسى تۈگەيدۇ؛ قىزلار ،ئوغۇللار ،ئۆزۈڭلارغا كۆيۈنۈڭلار.
    5.پۇل تىپىش ئىقتىدارىنى ياخشى ئۈگۈنۈڭ، پۇل ياشاشنىڭ ئاساسى.
    6.دائىم ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاڭ،قېرىنداشلىرىڭىزغا تىل قىلىڭ، قانداشلىق ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت.
    7.ياخشى ئاڭلىغۇچى بولۇڭ، باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشىدىن ساۋاق ئىلىڭ.
    8.ئويناشنى بىلىڭ،ئوينىغاندىمۇ ياخشى،كىشىنىڭ مەسلىگى كەلگىدەك ئويناڭ.
    9.خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەربى ئۆيگە ئەكەلمەڭ،ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايسىز،ئەكسىچە تىخىمۇ كۆپ ئاۋارچىلىق تاپىسىز.
    10.خىزمەتكە ئۈمۈتۋار بولۇڭ.
    11.رەھبەرلىك سەنئىتىنى ئۈگۈنۈڭ،باشقىلارغا كۈلۈپ قاراڭ، يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسىڭ.
    12.بەزى ئىشلاردىن ئۆزىن قاچۇرۇشنى ئۈگۈنۈڭ.
    13.نادان ئادەملەربىلەن مۇئامىلە قىلماڭ، يامىنى يۇقىدۇ.
    14.بىخىللار بىلەن ئارلاشماڭ،يەنىلا زىيان تارتىدىغان ئادەم سىز بولىسىز.
    15.خۇپسەنلىك قىلىدىغانلارنى بىر كالتەك بىلەن ئۆرىۋىتىڭ،سىزگە ئەمدى يانالمايدىغان بولىدۇ.
    16.توي قىلىپ بولغانلار بىلەن ئارلاشماڭ، ئازاپلىندىغىنى يەنىلا سىز.
    17. ئوخشاش قىممەت قارىشى بار ئادەمنى تاللاڭ؛ سىزنى سۆيىدىغان ئادەمنى بىر ئۆمۈر  قەدىرلاڭ،ئاسىراڭ.
    18.ئۈمۈتسىز ئادەمدىن ئۈمۈد كۈتمەڭ، ئازاپ چىكىپ ھارغاندىلا شۇنى بىلسىزكى،سىزنى ھەقىقى سۆيىدىغان كىشى دائىم قىشىڭىزدا سىزگە كۆيۈندۇ.لىكىن سىز دائىم بەخىت ناھايتى يىراقتا دەپ بىلسىز.
    19.باشقىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بەرمەڭ،ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى جىنايەت.
    20.ئەمەليەتچىل بولۇڭ، مۇھەببەت ھەقىقەت ئالدىدا دائىم ئاق؛رومانتىك مۇھەببەت ئەرلەرگە ئەمەس ئاياللارغا تەۋە.
    21.تويغا ئىشەنىچ بىلەن قاراڭ،ھەربىر تەييارلىقنى ياخشى قىلىڭ،ياخشى ئەر، ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ.
    22.تۇرمۇشتا ئۈمۈدۋار بولۇڭ، يۈرەك قىنىڭىز بىلەن گۈزەل ئائىلە قۇرۇپ چىقىڭ.بىر بىخەتەر،ئىللىق ئائىلە.
    23.دائىم دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئويلىماڭ،قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ.
    24.ئالدىراپ باشقىلارغا قەرىز بەرمەڭ،قەرىزدارلار دائىم قايتۇرغىسى كەلمەيدۇ.
    25.بىلىڭكى،نۇرغۇن كىتاپ ئوقىغان كىشى چوقۇم بىلىملىك بولمايدۇ،شۇنداقلا مەكتەپتە ئوقىمىغان كىشىنىڭ ھەممىسى ساۋاتسىز بولمايدۇ.
    26.چىرايىغا قاراپ باھا بەرمەڭ، چىراي ياخشى ، يامانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.
    27.ئۆزۈڭىزنى تونۇڭ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ.
    28.ياسىنىشنى بىلىڭ،دائىم  سىرىتقى كۆرۈنۈش كىشىگە بەرگەن تۇنجى باھا بولىدۇ.
    29.ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مىڭىڭ،باشقىلار بىلەن نىمە كارىڭىز؟
    30.باشقىلارنىڭ پۇلىنى تارتىۋىلىڭ، بولمىسا سىزمۇ پۇلىڭىزدىن ئايرىلسىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سۆزلەر