شىنجاڭنىڭ بايلىق بېجى ئىسلاھاتى باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-27 13:43:58

شىنجاڭنىڭ بايلىق بېجى ئىسلاھاتى باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاشقان كىرىم دەم ئېلىشقا، پىنسىيىگە چىققان خادىملار غا ياردەم پۇلى بېرىشكە ئىشلىتىلدى شىنجاڭ م...

    شىنجاڭنىڭ بايلىق بېجى ئىسلاھاتى باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاشقان كىرىم دەم ئېلىشقا، پىنسىيىگە چىققان خادىملار غا ياردەم پۇلى بېرىشكە ئىشلىتىلدى

     

    شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان رايون بولۇپ، بايلىق بېجى كىرىمى بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئاشتى. 2010 – يىلى 8- يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتورنوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 30 مىليارد 670 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 7 مىليارد 330 مىڭ يۈەن كۆپىيىپ، %31.4 ئاشتى،بۇنىڭ ئىچىدە بايلىق بېجى %99.1 ئاشتى.

    26- سېنتەبر، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ فۇچياڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21- قېتىملىق يىغىنىدا «2010-يىلدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتتىكى قىسمەن ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات» بەرگەن چاغدا، بايلىق بېجىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ئاساسلىقى 6- ئايدىن باشلاپ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق بېجىنى باھا بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم قايتا ئېشىشى، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىقلارمۇ باج كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدىكى پايدىلىق ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

    ھېسابلاش ئارقىلىق، 2010 – يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بايلىق بېجى كىرىمىنى بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى خامچوت چىقىمىنى مۇناسىپ ھالدا بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنگەن. ئۇقۇشىمىزچە، ئاشۇرۇلغان چىقىمنىڭ ھەممىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا، پىنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا، باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تەمىناتى ۋە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلارنىڭ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ياردەم پۇلىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىدىكەن.

    بايلىق بېجى يەرلىك باجغا تەۋە بولىدۇ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى «شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق بېجى ئىسلاھاتىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا بەلگىلىمە» ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 1- ئىيۇندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق بېجىنى باھا بويىچە ھېسابلاپ ئېلىشنى يولغا قويدى، باج نىسبىتى %5 بولدى. بايلىق باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باج بىلەن بايلىق باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چېتىش، شۈبھىسىزكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

    ئىگىلىشىمىزچە، دۆلىتىمىزنىڭ بايلىق بېجىدا كۆپىنچە مىقدارى بويىچە ھېسابلاب ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، باج ئېلىش دائىرىسى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، باشقا مېنىرال رۇدا، يېڭىدىن قېزىلغان رۇدا قاتارلىق يەتتە تۈر بىلەنلا چەكلەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بايلىق باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بايلىق بېجى سەۋىيىسى بەك تۆۋەن بولسا، بايلىقنىڭ ئازلىق دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش قىيىن بولۇپ، بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    بايلىق بېجى ئىسلاھاتى ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى؛ بايلىق بېجىنى مىقدارى بويىچە ھېسابلاپ ئېلىشتىن باھا بويىچە ھېسابلاپ ئېلىشقا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى باج سېلىقنى ئاشۇرىدۇ، مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى بىۋاسىتە ئۆستۈرىدۇ. بۇ، بايلىقلارنىڭ مەھسۇلات باھاسىدا مىخانىزم شەكىللەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق ھەمدە بايلىق چىقىرىدىغان چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مالىيە كىرىمىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

    (مۇخبىر: گوچيەن)

    تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت بارات

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.