ئانىنىڭ كۈچ قۇدرىتى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-24 08:21:16

ئانىنىڭ كۈچ قۇدرىتىئالىپ تاغ تىزمىسىدا بىر -بىرى بىلەن دۈشمەن ئىككى قەبىلە باركەن ، بىرى ئويمانلىقتا ،يەنە بىرى تاغ ئۈستىدە ياشايدىكەن ،بىر كۈنى ئۈستىدىكىلەر ئويماندىكىلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم ...

    ئانىنىڭ كۈچ قۇدرىتى


    ئالىپ تاغ  تىزمىسىدا  بىر -بىرى بىلەن  دۈشمەن  ئىككى  قەبىلە  باركەن ، بىرى  ئويمانلىقتا ،يەنە  بىرى  تاغ  ئۈستىدە   ياشايدىكەن ،بىر  كۈنى  ئۈستىدىكىلەر  ئويماندىكىلەرگە  تۇيۇقسىز  ھۇجۇم  قىلىپ ،  بۇلاپ-تالاپ ،  يەنە  بىر  كىچىك  بالىنى  تۇتقۇن  قىلىپ  كىتىپتۇ .  بىراق ئويمانلىقتىكىلەر  تاققا  چىقىشنى  بىلمىگەچكە  ،ئۇلارنى  قانداق  ئىزدەشنى  بلمەپتۇ،   شۇنداق  بولسىمۇ ،ئۇلار  يەنىلا  ئۆزلىرىنىڭ  قەبىلىسىدىكى  ئەڭ  كۈچلۈك ،ئەڭ  باتۇر  ئەسكەرلەرنى  بالىنى  قايتۇرۇپ  كىلىشكە  ئەۋەتىپتۇ.

    ئەسكەرلەر  بىر   قانچە  كۈنلۈك  جاپالىق  تىرىشىش  ئارقىلىق  ئارانلا  تاغنىڭ  يىرىمىغا  چىقىپتۇ ،ئاخىرى  ئۇلار  بالىنى  ئىزدەشتىن  ۋاز  كىچىپ  قايتىشقا  تەييارلىنىۋاتقاندا  ،تۇتقۇن  قىلىنغان  بالىنىڭ  ئانىسىنىڭ  تاغدىن  چۈشۈپ  كىلىۋاتقانلىغىنى  كۆرۈپتۇ . ئۇلار  ئۇنىڭ  تاققا  قانداق  چىققانلىغىنى  تەسەۋۋۇر  قىلالماپتۇ .
    بالىنىڭ  ئانىسى  يىقىن   كەلگەندىلا  ، ئۇلار  ئۆزلىرى  ئىزدەۋاتقان  بالىنىڭ  ئۇنىڭ  دۈمبىسىدە   باغلاقلىق  ئىكەنلىكىنى  كۆرۈپ  ھەيران  قاپتۇ.    ئۇلارنىڭ  ئىچىدىكى  بىرى «بىز  خىللانغان  ئەسكەرلەر تۇرۇپ  بۇ  تاققا  چىقالمىدۇق، سىز  قانداقلارچە  تاققا  چىقىپ بالىنى  تىپىپ   كەلدىڭىز  ؟» -دەپ  سوراپتۇ.
    بالىنىڭ  ئانىسى مۈرىسىنى قىسىپ  قويۇپ ، ئىغىر  ---بىسىقلىق  بىلەن «چۈنكى  ئۇ  سىزنىڭ  بالىڭىز  ئەمەس -دە » دەپ جاۋاپ  بېرىپتۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.