مۇۋەپپەقىيەتچى ۋە مەغلۇبىيەتچى

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-02 14:10:00

مۇۋەپپەقىيەتچىنىڭ ھامان بىر لايىھىسى بولىدۇ. مەغلۇبىيەتچىنىڭ ھامان بىر باھانىسى بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتچى«سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولاي» دەيدۇ. مەغلۇبىيەتچى: «بۇ مىنىڭ خىزمىتىم ئەمەس» دەيدۇ. مۇۋەپپ...

              مۇۋەپپەقىيەتچىنىڭ ھامان بىر لايىھىسى بولىدۇ. مەغلۇبىيەتچىنىڭ ھامان بىر باھانىسى بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتچى«سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولاي» دەيدۇ. مەغلۇبىيەتچى: «بۇ مىنىڭ خىزمىتىم ئەمەس» دەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەتچى ھەر بىر مەسىلىگە جاۋاپ تاپالايدۇ.  مەغلۇبىيەتچى ھەر بىر جاۋاپتىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ. مۇۋاپپەقىيەتچى:«ناھايىتى تەس ئەمما قىلغىلى بولىدۇ» دەيدۇ. مەغلۇبىيەتچى:«قىلغىلى بولىدۇ ئەمما بەك تەس » دەيدۇ. مۇۋاپپەقىيەتچى خاتالىق ئۆتكۈزگەندە :«بۇ مىنىڭ خاتالىغىم » دەيدۇ. مەغلۇبىيەتچى خاتالىق ئۆتكۈزگەندە :«سەۋەنلىك مەندە ئەمەس» دەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەتچى تەمكىنلىك بىلەن ۋەدە بېرىدۇ. مەغلۇبىيەتچى ئېغىزدىلا ماقۇللۇقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتچىنىڭ غايىسى كۆپ بولىدۇ. مەغلۇبىيەتچىنىڭ ھىيلە-مىكرى كۆپ بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتچى:« مەن ئاز- تولا ئىش قىلىشىم كېرەك» دەيدۇ. مەغلۇبىيەتچى:«ئىشنى باشقىلار قىلىشى لازىم » دەپ ئويلايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتچى ئككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىنىشىنى كۆزلەيدۇ. مەغلۇبىيەتچى ئۆزۈملا يەڭسەم باشقىلار ئۇتتۇرسا دەپ ئويلايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتچى كەلگۈسىنى كۆرىدۇ. مەغلۇبىيەتچى ئۆتمۈشىنى كۆپرەك ئويلايدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق