ياپون پۇشتىدىن بولغان برازىلىيىلىكلەر ياپونىيەگە قايتالامدۇ؟

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-24 02:31:00

بۇ يىل ياپونلارنىڭ برازىلىيىگە كۆچمەن بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ھازىر ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن ياپون پۇشتىدىن بولغان برازىلىيىلىك 317 مىڭغا يېتىدۇ. ئۇلار ياپونىيە جەمئىيىتىگە سىرتت...

          بۇ يىل ياپونلارنىڭ برازىلىيىگە كۆچمەن بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ھازىر ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن ياپون پۇشتىدىن بولغان برازىلىيىلىك 317 مىڭغا يېتىدۇ. ئۇلار ياپونىيە جەمئىيىتىگە سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن ئەڭ چوڭ توپ ھېسابلىنىدۇ.  ياپونلاردا سىرتتىن كەلگەن مىللەتلەرنى چەتكە قېقىش خاھىشى بەك ئېغىر بولغاچقا، سىرتتىن كەلگەن بۇ چوڭ توپتا گەرچە ياپون مىللىتىنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ياپونىيىدە چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ. ۋەھالەنكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيىدە ياشانغانلار نىسبىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپون پۇشتىدىن بولغان برازىلىيىلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
         ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ياپونىيىدە يېزىلار نامرات بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى دېھقانلارنى چەت ئەلگە كۆچمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەينى چاغدا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان ياپونلار ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغاچقا،  ئامالسىز كۆچمەنلەر سىياسىتى بىر قەدەر كەڭ بولغان برازىلىيە  ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىگە كۆچمەن بولۇپ بارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ياپونىيە يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم ئاھالىنى بىرازىلىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىگە كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.  يۈز يىلدىن بېرى، ياپون پۇشتىدىن بولغانلار لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەللەر ئارىسىغا تەدرىجىي سىڭگەن. ھەتتا چىلىدا ئولتۇراقلاشقان ياپون ئەۋلادى تېڭسېن چىلىنىڭ پىرىزدېنتى بولۇشتەك ئالى شەرەپتىن بەھرىمەن بولغان.
       ھازىر بىرازىلىيەدە ياپون پۇشتىدىن بولغانلار ئىككى مىلىيۇندىن كۆپ بولۇپ ياپونىيەدىن قالسىلا ياپونلار ئەڭ كۆپ دۆلەت ھىساپلىنىدۇ. 90-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە ياپونىيەدە ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە ياپونىيە سىرتتىن ئەمگەك كۈچى كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. دۆلەتتىكى زىيالىلار قاتلىمىدىمۇ كۆچمەنلەرگە تايانمىسا دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى ۋە رىقابەت ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ دىگەن كۆز قاراش باش كۆتىرىپ  كۆچمەنلەر سىياسىتى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان سادالار كۈچەيگەن. نەتىجىدە ياپونىيە 1990 - يىلى« چېگرىدىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن چەتئەللىكلەر ياپونىيەدە توسالغۇسىز كىرىپ ئولتۇراقلىشالايدىغان بولدى. نەتىجىدە ئەسلىدىلا ياپونىيەگە مۇھەببىتى بولغان ياپون پۇشتىدىن بولغان برازىلىيىلىكلەر بەس-بەستە ياپونىيەگە قايتىپ كەلدى. ھالبۇكى، ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەن برازىلىيىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، ياپون تىلى ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، ھەممىسى دېگۈدەك ياپونىيىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلىدى. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتەپتە دائىم دېگۈدەك ياپونىيىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ھەم مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاساسىي جەھەتتىن تۆۋەن قاتلامدىكى ئىشچىلار قاتلىمىغا تەۋە بولغان.
        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيەدە ياشانغانلار كۆپىيىش، ئاز پەرزەنت كۆرۈش ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلىدى، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئالىم ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ، چەت ئەل ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىشنى، ياپونىيەدە تۇرىۋاتقان 300مىڭدىن ئارتۇق ياپون پۇشتىدىن بولغان برازىلىيىلىكنىڭ مۇھىم ئەمگەك بايلىقى ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ سەۋەبتىن ھازىر ياپونىيىدە نۇرغۇن مەكتەپلەر مەخسۇس پورتۇگالچە ئۆگىنىش سىنىپى ئېچىپ، ياپون پۇشتىدىن بولغان برازىلىيىلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا جەلپ قىلدى. نۇرغۇن مەھەللىدە دۇكان ۋىۋىسكىلىرى ھەم كوچا بەلگىلىرى ياپونچە ھەم پورتۇگالچە يېزىلدى، برازىلىيىچە تاماقلارنى ئېتىدىغان تاماقخانىلار كۆپەيدى. 8 - نويابىر ياپونىيە يەنە ياپونلارنىڭ كۆچمەن بولغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنى ياپون پۇشتىدىن بولغان برازىلىيىلىكلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئۈندىدى.
    -----------«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ياپون بىرازىلىيە