​ياشاش-ياشاش ئۇسۇلىدىن مۇھىم

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-10 16:01:47

ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، نامراتلىق ئادەمنى ھالاك قىلالايدۇ. ئادەم نامراتلىق دەستىدىن ھالاك بولۇشقا تەمشەلگەندە، چوقۇم ئار-نومۇسنى قايرىپ قويىدۇ، غۇرۇرنى يەرگە ئۇرۇشتىن يانماي، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ناچار ئىشلارنى قىلىلپ قويىدۇ

     

    ياشاش-ياشاش ئۇسۇلىدىن مۇھىم
     
    داڭلىق رېژىسسور فېڭ شياۋگاڭ ئىلگىرى تېلىۋىزىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ناۋادا ئادەم بەش چارەك بۇغداي ئۈچۈن بېلىن ئەگمىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆيىدە چوقۇم بەش چارەك، يوق دېگەندىمۇ بەش كىلوگرام بۇغداي بار بولىدۇ». ئۇ نېمە دېمەكچى؟ سەللا كۆڭۈل قويغان ئادەم ئۇنىڭ «ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر دەسمايىسى بولمىسا، ئالدىراپ باھا تالىشىشىقا پېتىنالمايدۇ» دەۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.
    ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، نامراتلىق ئادەمنى ھالاك قىلالايدۇ. ئادەم نامراتلىق دەستىدىن ھالاك بولۇشقا تەمشەلگەندە، چوقۇم ئار-نومۇسنى قايرىپ قويىدۇ، غۇرۇرنى يەرگە ئۇرۇشتىن يانماي، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ناچار ئىشلارنى قىلىلپ قويىدۇ، بۇنداق چاغدا بىر بوردا نان، بىر قاچا غىزا ئۈچۈنمۇ، ئادەم ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، چۈنكى ياشاش نىمىلا دېگەن بىلەن ياشاش ئۇسولىدىن ئەۋزەل. ئەلۋەتتە، «قۇرۇق تاغار سالپىيىپ قازناقتا ياتىدۇ».
    بىراق بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەرىپى شۇكى، ئۇ ھامان روھىي دۇنيانىڭ پاكىزلىقى ياكى چۈشكۈنلىكىگە بېقىپ، ئاددىي ئادەم بىلەن ئۇلۇغ شەخىسنى ئايرىيدۇ، گەرچە ئاپەت بولغان چاغلاردا ئاپەتتىن قاچقان كىشىلەر ئېقىمىدا يەنىلا غورۇرى بىلەن ئۆرە تۇرىدىغان، ئىرادىسىنى ھاياتىدىن يۈكسەك بىلىدىغان ئادەم يەنىلا چىقىدۇ، ئۇلار ھاياتلىق ئۈچۈن قاتراپ يۈرگەنلەرگە قارىغاندا، مىللەتنىڭ سەرخىلى بولۇش مۇقامىغا شۇنچىلىك يېقىن ياشايدۇ.
    ئەخمەتجان روزى تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.