گىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ؟

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-08 04:55:52

گىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ؟ يەھۇدىيلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچە قىرغىنچىلىققا ۋە خورلۇققا ئۇچراپ تۇرسىمۇ يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى زادى نېم...



    گىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ؟


    يەھۇدىيلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچە قىرغىنچىلىققا ۋە خورلۇققا ئۇچراپ تۇرسىمۇ يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
    يەھۇدىيلار زادى قانداق مىللەت؟
    يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى تارىخ ئىزلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ سىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرسەكلا بۇ سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب تاپالىشىمىز مۈمكىن.


    بۈگۈن بىز بۇ يەردە يەھۇدىيلارنى بىلىشتىن ئاۋۋال، گىتلېرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشىنىڭ سىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈپ، كېيىنچە يەھۇدىيلار ئۈستىدە توختالساقمۇ ئۈلگۈرىدىغاندەك قىلىمىز.
    گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى-نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تارىخشۇناسلارنىڭ تالاش-تارتىش قىلىدىغان تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.
    بەزىلەر: «گىتلېرنىڭ بوۋىسى يەھۇدىي بولۇشى مۈمكىن، گىتلېرنىڭ دادىسى بوۋىسىنىڭ ئايال خىزمەتچىسىدىن تاپقان ھارامدىن بولغان بالىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن گىتلېر چارەك يەھۇدىي قان سېستىمىسىغا كىرىدۇ. گىتلېر ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن نەپرەتلەنگەچكە، يەھۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن» دەپ قارايدۇ.
    يەنە بەزىلەر: «گىتلېر ئىلگىرى سېرىق چاچ قىزغا كۆيۈپ قالغان، كېيىن ياش بىر يەھۇدىي بۇ قىزنى تارتىۋالغان، گىتلېر شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن» دېيىشىدۇ.
    يەنە بەزىلەر: «گىتلېرنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي پاھىشە ئايال بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان، گىتلېر ئۇ ئايالدىن جىنسىي كېسەل يۇقتۇرۇۋېلىپ، بىر ئۆمۈر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالغان، شۇڭا گىتلېر يەھۇدىيلارغا نەپرەتلىنىدۇ» دەپ قارايدۇ.
    يەنە بەزىلەر: «گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبى-ئۇنىڭدا ‹پىسخىلوگىيەلىك غەيرىي نورمال ھالەت›نىڭ ئېنىق بولمىغان خورلاش ۋە قىرغىن قىلىش ئىستىكى بولغانلىقىدىن» دەپ قارايدۇ.
    يەنە بەزىلەر: «گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشى-بىر «جىنسىي كۈندەشلىك»تىن بولۇشى مۈمكىن» دەپ قارايدۇ.
    چۈنكى گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا:
    «نەچچە مىڭلىغان قىزلارنى يىرگىنىچلىك ئىچ مايماق يەھۇدىي شالغۇتلىرى ئازدۇرۇپ يۈرىدۇ» دەپ يازغان.
    ئۇلار: «بۇ گىتلىرنىڭ بىر خىل «جىنسىي كۈندەشلىك» پىسخىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دەپ قارايدۇ.
    بۇ توغرىلىق قاراشلار يۇقۇرقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. لېكىن كۆپىنچىسىنى ئۆز سۆزىنى يورغىلاتقان قاراشلار دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن گۇمانلىق تەرەپلىرى بار.
    ئەگەر بىز گىتلىرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس.
    ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ.

    بىرىنچى:
    دىنىي خاھىش ۋە ئىرىقچىلىق گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى.
    گىتلىر ۋىنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، نۇرغۇن دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان.
    ئۇ چىمبىرلىننىڭ: «ئىسا يەھۇدىي ئەمەس، يەھۇدىيلار ئىساغا ساتقىنلىق قىلغان يەھۇدىينىڭ پۇشتى، شۇڭلاشقا يەھۇدىيلار گۇناھكار مىللەت» دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنەتتى.
    پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپىنچە مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.
    گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدىكى يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەم گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان مۇنۇ قۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ:
    «بارلىق مەدىنىيەتلەر ئاق تەنلىكلەردىن باشلانغان»
    «ئارىيانلار بولسا ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىرق»
    «يەھۇدىيلار باشتىن-ئاخىر باشقا مىللەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلار ... ئۇلار زىيانلىق تاياقچە باكتىرىيىگە ئوخشاش كېڭەيمەكتە، ئۇلار قەيەردە بولسا، شۇ يەردىكى كىشىلەر ھامان بىر كۈنى نابۇت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ‹جەزمەن يەر شارىدىن يوقىلىشى كېرەك›»
    «بارلىق ئورگانىك ھاياتلىقلارنىڭ ئەركىن رىقابىتىدە ئەلالىرى يېڭىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يەيدۇ، بۇ تەبىئەت پىرىنسىپى ۋە پولاتتەك قانۇنىيەت»


    «يەھۇدىيلار پەس مىللەت»
    دىمەك، گىتلىر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا سۈرلۈك تۈس ئالغان «ياشاش ماكانى نەزىرىيىسى» ۋە «ئىرقىي ئەۋزەللىك نەزىرىيىسى»نى زور كۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىپ، «يەھۇدىيلارغا، دىموكىراتىيىگە ۋە ماركىسىزم»غا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. دەل مۇشۇ كىتابنىڭ ئىدىيىۋىي يېتەكچىلىكىدە، گىرمانىيە ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش يولىغان ماڭغان
    ئەمدى بۇ كىتابنى نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئەكسىيەتچىل كىتاب دېيىشىدۇ؟
    مۇشۇنىڭ جاۋابىمۇ مېنىڭچە ناھايىتى ئاددىي .
    تارىخچىلارنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا: «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتاب 1933-يىلىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان.
    بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر خېتى 125 مىڭ ئادەمنىڭ؛ ھەر بىر بابى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
    شۇڭلاشقا، گىتلىرنىڭ بۇ كىتابىنى «ئەكسىيەتچىل كىتاب» دەپ ئاتىشىدۇ.

    ئىككىنچى:
    ماركىسىزمغا قارشى تۇرۇش-گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىدىكى سىياسىي سەۋەب
    ماركىسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسى ئىرىقچىلىقنى تەلتۆكۈس ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭلاشقا گىتلىر ماركىسىزمنى ‹دەھشەتلىك بالايى-ئاپەت› دەپ قارايدۇ.
    گىتلىر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا:
    «يەھۇدىيلار ماركىسىزم تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ، ‹گىرمانىيىنىڭ روھىي دۇنياسىنى زەھەرلىمەكتە›؛ ئۇلار مىللەتنى سىنىپقا ئايرىۋەتتى، ماركىسىزملىق سىياسىي پارتىيىلەرنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سىنىپىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللاندى، ‹مىللىي ئىگىلىككە بۇزغۇنچىلىق سالدى ھەم ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى، بىلىم ساھەلىرىنى كونترول قىلىپ، ئىنتېرناتسىئونالىزمنى، تىنچلىقپەرەسلىكنى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى› شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ‹ماركىسىزم تازىلانمىسا›، گېرمانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ» دەپ قارىغان.
    «مېنىڭ كۈرەشلىرىم»دە يەنە مۇنداقمۇ يېزىلغان:
    «يەھۇدىيلار كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى-ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى قۇل قىلىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىمۇ دۇنيانى قۇل قىلىشتىن ئىبارەت. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىزملىق نەزەرىيىسىگە تايىنىپ دۇنيانى، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى يەڭگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ خان تاجى ئىنسانىيەت ھالاكىتىنىڭ كرېستى بولىدۇ»
    گىتلىر ئىككى نەرسىگە ئۆچ بولغان.
    بىرى يەھۇدىي، يەنە بىرى، ماركىسىزم .
    ئەمىلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ قالغان.
    ماركىسمۇ يەھۇدىي بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىنقىلابچىلىرىمۇ يەھۇدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ رەھبەرلەر يەھۇدىي ئىدى. ئاشۇنداق خېلى نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە كاتىۋاشلار ئىچىدە چوقۇم يەھۇدىي بار بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، گىتلېر «ماركىسىزمنى يوقۇتۇشتىن ئاۋۋال يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش كېرەك! » دېگەن.

    ئۈچىنچى:
    ئىگىلىكنى«ئارىيانلاشتۇرۇش» ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبى بولغان
    ئو توققۇزىنچى ئەسىردىن بۇيان، كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەھۇدىي سودىگەرلىرى كاپىتالىزمنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
    يەھۇدىيلار ياۋروپانىڭ ئاخبارات، داۋالاش، پۇل-مۇئامىلە، قانۇن ۋە مائارىپ ساھەسىنى دېگۈدەك مونوپۇل قىلىۋالغانىدى.
    بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا ناتسىست پارتىيىسىنى قوللايدىغان مونوپۇل بۇرژۇئازىيە يەھۇدىي سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلەنگەن، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولغان.
    گىتلېر ئۆزىنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى قوللانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان-تاراج قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا زومىگەر بولۇش ئۇرۇشى قىلىش قارا نىيىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس سالماقچى بولغان.
    گىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ‹گۇناھى›نى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
    «يەھۇدىيلار خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇلار-‹قانخور يەھۇدىيلار› ۋە ‹سودا ئورۇنلىرىدىكى بۇلاڭچىلار› ، ‹يەھۇدىيلار گېرمان ئىمپېرىيىسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىشقا ئەڭ زور قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار. گېرمانىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى پەيدا قىلغۇچىلار-دەل دۇنيادىكى يەھۇدىيلار»
    يۇقۇرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، گىتلېر ئىقتىسادنى «ئارىيانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان-تاراج قىلغان.


    گىرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان روتسچلىد، ۋېينماس مالىيە گۇرۇھىنىڭ مال-مۈلكىمۇ تالان-تاراج قىلىنىشتىن ئىبارەت «ئارىيانلاشتۇرۇش»نىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
    پەقەت 1938-يىلى 11-ئايدىكى «خرۇستال كېچىسى»دە يەھۇدىيلار بىر مىليارد ماركتىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ 1938-يىللىق گېرمانىيە خام چوتىدىكى يىللىق مىللىي دارامەتنىڭ 82 دىن بىرىگە توغرا كەلگەن.
    ئۇنىڭدىن باشقا، گىتلېر گېرمانىيەنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەردىن ئىسپانىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋىسترىيە، پولشا ۋە رومىنىيە قاتارلىقلارنىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىككە كەلگەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش فرونتىنى قۇرۇپ چىققان.
    بۇ، گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ خەلقئارالىق سەۋەبى.
    ئۇنىڭ قارىشىچە: يەھۇدىيلار گېرمانلارنىڭ رىقابەتچىسى، ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن  پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان تىراگىدىيىسىگە رېژىسسورلۇق قىلغان.


     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گىتلېر