ئەر - ئاياللاردىكى يەتتە ئۈلۈش بىلەن ئۈچ ئۈلۈش

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-11 01:07:00

ئەر - ئاياللاردىكى يەتتە ئۈلۈش بىلەن ئۈچ ئۈلۈش ئاپتورى تيەن دى تۇرسۇنجان ھامۇت تەرجىمىسى ئەر - ئاياللاردىكى يەتتە ئۈلۈش بىلەن ئۈچ ئۈلۈش خەنزۇچە ‹‹ئەر››(男) دېگەن خەت يەتتە سىزىقلىق، ‹‹ئايال›› (女)...

       ئەر - ئاياللاردىكى يەتتە ئۈلۈش بىلەن ئۈچ ئۈلۈش

    ئاپتورى تيەن دى

    تۇرسۇنجان ھامۇت تەرجىمىسى

      ئەر - ئاياللاردىكى يەتتە ئۈلۈش بىلەن ئۈچ ئۈلۈش خەنزۇچە ‹‹ئەر››(男) دېگەن خەت يەتتە سىزىقلىق، ‹‹ئايال›› (女) دېگەن خەت ئۈچ سىزىقلىق؛ ‹‹ ئەر ›› يەتتە، ‹‹ئايال ›› ئۈچ؛ يەتتىگە ئۈچ قوشۇلغاندىلا ،پۈتۈن سان بولىدۇ؛ شۇڭا، بۇ دۇنيادا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھېچقايسىسى مۇكەممەل بولمايدۇ.
        خەنزۇچە ‹‹ئەر››(男) دېگەن خەت خەنزۇچە‹‹ ئېتىز›› ((田 بىلەن ‹‹ كۈچ ››(力)دېگەن خەتتىن بىر ىككەن بولغاچقا، ئەرلەر كەسپى ئۈچۈن يەتتە ئۈلۈش تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئۈچ ئۈلۈش خىيال قىلىدۇ؛ ئاياللار بولسا يەتتە ئۈلۈش خىيال قىلىپ، ئۈچ ئۈلۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
        ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا قاچىلاپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بار. شۇڭا ئۇلارنىڭ يانچۇقى يەتتە ئۈلۈش بولۇپ ، ئەرلەر ئېغىرراق بولىدۇ؛ ئاياللارغا ئۈچ ئۈلۈشلا كېرەك بولغاچقا، شۇ سەۋەبلىك ئۇلار يەڭگىلتەك بولىدۇ.
       ئەرلەر ناھايىتى قوپال، يەتتە ئۈلۈش تاغ ۋە دەرەخ؛ ئاياللار ناھايىتى نازۇك، يەتتە ئۈلۈش گۈل ۋە يوپۇرماق. شۇڭا، ئەرلەر يەتتە ئۈلۈش ئېغىر-بېسىق، ئاياللار يەتتە ئۈلۈش جازىبىدار بولىدۇ. ئەرلەر تاش، ئاياللار سۇ. بىراق ئۈچ ئۈلۈش سۇ تامچىپ، يەتتە ئۈلۈش تاشنى تېشىۋېتەلەيدۇ. جىسمانىي قۇۋۋەت جەھەتتە ئەرلەر يەتتە ئۈلۈش، ئاياللار ئۈچ ئۈلۈش؛ چىدامچانلىق جەھەتتە ئەرلەر ئۈچ ئۈلۈش ،ئاياللار يەتتە ئۈلۈش بولىدۇ.
        تۇرمۇش دېڭىزدىكى پاراخوتقا ئوخشايدۇ. ئەرلەر يەتتە ئۈلۈش دولقۇن يېرىپ، ئۈچ ئۈلۈش قىرغاققا يېقىنلىشىدۇ؛ ئاياللار بولسا يەتتە ئۈلۈش پاراخوت ياساپ، ئۈچ ئۈلۈش دېڭىز پىرى قىلىدۇ. ئەرلەر ئىشىكتىن ئۈچ ئۈلۈش ۋاقىتتىلا كىرىپ كېتىدۇ، ئاياللار ئۈچ ئۈلۈش ۋاقىتتا ئاران ئۆيدىن چىقىدۇ. شۇڭا، ئەرلەر دۇنياغا يەتتە ئۈلۈش بېرىلىدۇ، ئاياللار ئائىلىگە يەتتە ئۈلۈش مەپتۇن بولىدۇ. رەڭگارەڭ دۇنيادا ئاياللار يەتتە ئۈلۈش ۋاقىت چىقىرىپ مەنزىرە پەيدا قىلىدۇ، ئەرلەر ئادەتتە ئۈچ ئۈلۈش ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. شۇڭا، ئاياللار يەتتە ئۈلۈش قاقشايدۇ، ئەرلەر يەتتە ئۈلۈش سۈكۈتتە تۇرىدۇ.
       كىشىلىك تۇرمۇش بىر كىتاب، ئەرلەر كىتابنىڭ مەزمۇنىنى يەتتە ئۈلۈش بېيىتىدۇ، ئاياللار ئۈچ ئۈلۈش مۇقاۋا لايىھىلەيدۇ. شۇڭا ئاياللار ئۈچ ئۈلۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتىپلا، ئەرلەرنى يەتتە ئۈلۈش چۈشىنىپ بولىدۇ؛ ئەرلەر يەتتە ئۈلۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاياللارنى ئۈچ ئۈلۈشمۇ چۈشىنىپ بولالمايدۇ.
       ئەرلەر يەتتە ئۈلۈش ئەقىللىق ئاياللارنى ياقتۇرمايدۇ. ئاياللار يەتتە ئۈلۈش ياۋاش ئەرلەرنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا، ئۈچ ئۈلۈش ئەقىللىق ئاياللار يەتتە ئۈلۈش ئەقىللىق ئايالغا قارىغاندا ئەرلەرنى بەكرەك مەپتۇن قىلىدۇ؛ئۈچ ئۈلۈش ياۋاش ئەر يەتتە ئۈلۈش ياۋاش ئەرگە قارىغاندا ئاياللارنى بەكرەك جەلپ قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.