سىزنى كەمپۈت بىلەن مۇكاپاتلاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 16:10:45

سىزنى كەمپۈت بىلەن مۇكاپاتلايلى بېنخۇاغۇپۇر قادىر تەرجىمىسى  تاۋ شىڭجى ئەپەندى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇۋاتقان يىلى ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋا...

    سىزنى كەمپۈت بىلەن مۇكاپاتلاي

    لى بېنخۇا
    غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى




        تاۋ شىڭجى ئەپەندى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇۋاتقان يىلى ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋاقدىشىنى خىش بىلەن ئۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنى بۇ ئىشتىن توسۇپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىغا كىرىپ ساقلاپ تۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. تاۋ ئەپەندى ئىشخانىسىغا قايتىپ كىرىپ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى ساقلاۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ - دە، يېنىدىن بىر تال كەمپۈتنى چىقىرىپ:
        - بۇنىڭ بىلەن سىزنى مۇكاپاتلايمەن، چۈنكى سىز ماڭا قارىغاندا ۋاقتىدا كېلىپسىز، دەپ ئۇنىڭغا ئۇزىتىپتۇ. ئارقىدىن يەنە بىر كەمپۈتنى چىقىرىپ:
        - بۇمۇ سىزگە بېرىلگەن مۇكاپات، مەن ساۋاقدىشىڭىزنى ئۇرماڭ دېۋىدىم، سىز دەرھال قولىڭىزنى تارتتىڭىز، بۇ مېنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ، دەپتۇ. ئوغۇل ئوقۇغۇچى بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ - بىر ئىشەنمەي كەمپۈتنى ئاپتۇ. تاۋ ئەپەندى يەنە:
       - ئىگىلىشىمچە، سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىزنى ئۇرۇشىڭىز ئۇنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلغانلىقىدىن بوپتۇ، بۇ سىزدە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ئۈچىنچى كەمپۈتنى چىقىرىپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا كەپسىز ئوغۇل ئوقۇغۇچى كۆز يېشى قىلغىنىچە بېشىنى تۆۋەن قىلىۋاپتۇ:
       - مەكتەپ مۇدىرى، مەن خاتا قىپتىمەن، ساۋاقدىشىم ھەرقانچە خاتا قىلغان بولسىمۇ، مۇنداق ئۇسۇلنى قوللانمىسام بوپتىكەن.
    تاۋ ئەپەندى يەنە تۆتىنچى كەمپۈتنى چىقىرىپ:
    - سىز خاتالىقىڭىزنى تونۇدىڭىز، سىزنى يەنە بىر تال كەمپۈت بىلەن مۇكاپاتلاي، بىزنىڭ سۆھبىتىمىزمۇ ئاخىرلاشسۇن، دەپتۇ.

     

    -تەڭرىتاغ ژورنىلى 2003-يىللىق 1-ساندىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لى بېنخۇا غۇپۇر قادىر