يوقسۇل ئەر- ئايال

يوللىغۇچى : Qabghu يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-12 15:56:00

يوقسۇل ئەر- ئايال شۇ جياشەن ئەخمەت مۇھەممەت تەرجىمىسى بىز تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە 20 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئىسكىلات بار ئىدى، دەسلەپتە بىر نەچچە ئائىلە ب...

              يوقسۇل ئەر- ئايال
              شۇ جياشەن
            ئەخمەت مۇھەممەت تەرجىمىسى

        بىز تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە 20 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئىسكىلات بار ئىدى، دەسلەپتە بىر نەچچە ئائىلە بىرگە ئىشلەتتۇق، كېيىن بۇ بىر نەچچە ئائىلە كېلىشەلمەي، ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈمى شەھەرگە يېڭدىن كەلگەن ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتى بار بىر دېھقان ئىشلەمچىگە ئىجارىگە بەردى.
       دېھقان ئىشلەمچى سەھەر چىقىپ، كەچ قايتىپ بۇ كۈنلەرنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى، كېيىنچە ئىشلىرىغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن يېزىدا قالغان ئايالىنىمۇ يېنىغا قايتۇرۇپ كەلدى.
       ئايالى كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، چۆلدەرەپ قالغان ئىسكىلاتتا بىر ئىللىق ئائىلە سىماسى پەيدا بولدى. دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئايالى ئىسكىلات ئالدىغا بىر كۆكتات يايمىسى ئاچتى، بۇ يەردىن كۆكتات سېتىۋالىدىغانلارمۇ كۆپەيدى، چۈنكى بۇ ئايالنىڭ كۆكتاتلىرى يېڭى ۋە قۇلايلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ مۇئامىلىسى شۇنداق ئىللىق بولۇپ دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
        بىر كۈنى توساتتىن بىنا ئاستىدا ئارقا- ئارقىدىن پوجاڭزىلار ئېتىلدى، بۇ يەرگە كىشىلەر توپلىنىپ ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى، پوجاڭزا ئاۋازى دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن كېلىۋاتاتتى، بۇ كىشىلەر شۇ يەرنى چۆرىدەپ بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن كۈلۈشەتتى، ئەسلىدە دېھقان ئىشلەمچى بۇ يەرگە كۈندۈلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق، ماي دۇكىنى ئاچقانىدى.
        دېھقان ئىشلەمچى ۋە ئۇنىڭ ئايالى قاتتىق ھاياجانلانغاچقا يۈزلىرى كۆبجۈپ قىزىپ كەتكەنىدى، ئېرى توختىماستىن ئەتراپتىكى ئەرلەرگە تاماكا تۇتاتتى، ئايالى يەنىلا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، بالىلار ۋە ئاياللارغا كەمپۈت تارقىتىۋاتاتتى، قارىغاندا دېھقان ئىشلەمچى ئەر- ئايال ئىككىيلەن بۇ يەردە خېلى ئۇزاق تۇرۇپ قالىدىغاندەك قىلاتتى.
        قۇلايلىق دۇكان ئېچىلغانىدىن تاكى بۈگۈنگىچە، مۇقىم بولغان خېرىدارغىمۇ ئىگە بولدى. ئۇلارنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ۋە ئەستايىدىللىقى كىشىلەرنى بۇ ماگىزىنغا يېقىنلاشتۇردى.
        دېھقان ئىشلەمچىمۇ ھېلىقى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتىنى يوقىتىۋېتىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئەڭ ئالدىراش كىشى بولۇپ قالدى. كىمنىڭ ئۆيىدە گاز تۈگەپ كەتسە، چاقىرىپلا قويسا بولدى، ئۇ گازنى يۈدۇپ چىقىپ قۇراشتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن قايتتى، ئۇ ئىش ھەققىگە 3- 5 يۈەن ئالدى، بۇ ئىشلارنى خۇشاللىق بىلەن قىلدى.
       دېھقان ئىشلەمچى يەنە قۇلايلىق ماگىزىنىنىڭ ئالدىغا «ۋېلىسىپىت، توكلۇق ۋېلىسىپىت رېمونت قىلىش ئورنى »دەپ ۋىۋىسكا ئاستى، بىرەر ۋىنتا چىڭتىپ، تورمۇزنى تەڭشەپ بەرگەندە باشقىلار« قانچە پۇل بېرىمەن» دەپ سورىسا، مۇلايىمغىنە كۈلۈپ قويۇپ، مايلىشىپ كەتكەن قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ: «ھېچقانچە كۈچ كەتمىدى، بۇنىڭغا پۇل دېگىلى بولامدۇ؟» دەپ قوياتتى.
       دېھقان ئىشلەمچى ھەركۈنى ئولتۇراق رايوندا ئالدىراش پىر قىراپلا يۈرەتتى، دائىم ئۇچىسىغا پىتى چۈشۈپ كەتكەن بىر قۇر كاستيوم- بۇرۇلكا كىيىپ، گالستۇك تاقاپ، ئەتىگەندە ئىشقا بارىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا يۈرۈپ، قىلچە ئۆزىنى كەمسىتمەيتتى، شۇڭا ھەركۈنى گاز توڭىنى بىناغا ئېچىقىش ۋە قايتۇرۇپ چۈشۈش ئىشلىرىنى خۇشال- خۇرام ھالدا قىلاتتى ياكى بۇس تارتقۇنى تازىلاپ بېرەتتى؛ ئايالىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى دۇكانغا قارىتىپ، مەيلى ئاچچىقسۇ ياكى ھەرقانداق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تۈگىدى دەپ چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىسىلا، ئېغىر ئالماي يەنە شۇ ئىللىق كۈلكىسى بىلەن ئۆيلەرگىچە يەتكۈزۈپ بەردى.
       چۈشتىن كېيىن ئولتۇراق رايوندىكى ئاياللار بىكار بولۇپ پەسكە چۈشۈپ، بۇ قۇلايلىق ماگىزىننىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ماجاڭ ياكى قارتا ئوينايدىغان بولدى. ماگىزىندىن نەرسە- كېرەك سېتىۋالىدىغانلار بولمىغاندا، دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئايالىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولاتتى، ئەمما ئۇ بۇ ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەرلىرىدىن ئاغرىنىشلىرىغا قىلچە ھەۋەس قىلمايتتى، ئۇ ئەرلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئائىلىسىنى بېقىش ئارقىلىق، ئۆزىگە خۇشاللىق ۋە بەخت تېپىشى كېرەك، دەپ ئويلايتتى.
        بىر كۈنى كەچتە مېنىڭ توكلۇق ۋېلىسپىتىم بۇزۇلۇپ قېلىپ، دېھقان ئىشلەمچىنى رېمونت قىلىپ بېرىشكە چاقىردىم. بۇ ياز پەسلى بولغاچقا، يېرىم يالىڭاچ ھالدا توكلۇق ۋېلىسىپىتىمنى رېمونت قىلدى، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلدى. ئايالىمۇ دۇكانغا كەلگەن خېرىدارلارنى يولغا سالغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ تەرلىرىنى سۈرتىشىگە ياردەملىشىپ، بىر تەرەپتىن تەرلىرىنى سۈرۈتسە، يەنە بىر تەرەپتىن يەلپۈگۈچ بىلەن يەلپىگەچ، ئۇنىڭغا كېرەكلىك ئەسۋابلارنى ئېلىپ بەردى.
       ئىشلەمچى توكلۇق ۋېلىسىپىتىمنى رېمونت قىلىپ بولۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئايالىنىڭ يۈزلىرىنىڭ تەرلەپ كەتكىنىگە قارىماي ئەسۋابلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆيۈنگەن ھالدا: «قارا، ھېرىپ كېتىپسەن، ھاردۇق ئالغاچ، يۈز- كۆزلىرىڭىنى يۇيۇۋېلىپ سالقىنداپ ئۇخلىغىن، ئەتە يەنە ئالدىراش بولىدىغان گەپ!»- دېدى.
        ئايالى بۇ چاغدا ئېرىگە: «سىز ئالدى بىلەن پىۋا ئىچىپ سالقىندىۋېلىڭ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەپ، مەندىن بەكرەك ھېرىپ كەتتىڭىز، يەنە سىز ئالدى بىلەن يۇيۇنۇۋېلىڭ، يا بولمىسا مەن دومبىڭىزنى سۈرۈتۈپ قۇياي!» دېدى.

           ھەممەيلەن بۇ يوقسۇل ئەر- ئايالنىڭ غېمى ھەممىدىن جىق دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مېھىر- مۇھەببەت، خۇشاللىق ۋە كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق كۈن ئۆتكۈزۈشنى بىلىدۇ، ئۇلارتۇرمۇشتا يوقسۇل بولسىمۇ، ئۆزىگە چۇشلۇق خۇشاللىقنى تاپالايدۇ.
        ئاڭلىسام، بۇ ئىشلەمچى ئەر- ئايال ئۆزلىرى ئىجارىگە ئالغان بۇ ئىسكىلاتنى سېتىۋالغاندىن سىرت، يەنە ئولتۇراق رايوندىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ، پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، شەھەردە ئوقۇتىۋېتىپتۇ. ئاڭلىسىڭىز بەلكىم تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئىنچىكە ئويلاپ باقساق، ئۇلارغا ئوخشاش تىجارەتنىڭ ئىپىنى بىلىدىغان كىشىلەر، تۇرمۇشتا قەدەممۇ- قەدەم يۇقىرى ئۆرلىيەلمىسە، ئاندىن ھەيران قالساق بولىدۇ!

     2007-7-17 9:54:00 作者:胥加山 来源:《读者》2007.13
      بۇنى«ئوقۇرمەنلەر نەشر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» نىڭ «ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2007- يىللىق 13- سانىدىن 

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 22:12:56]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق