ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى

يوللىغۇچى : rose يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-10 19:08:47

ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى بىر كېروكىي ( شىمالىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئىندىيانلارغا تەۋە مىللەت) بوۋاي بالىلارغا ھايات ھەقىقەتلىرىدىن تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: - قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئى...

    ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى
     
     
     
        بىر كېروكىي ( شىمالىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئىندىيانلارغا تەۋە مىللەت) بوۋاي بالىلارغا ھايات ھەقىقەتلىرىدىن تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:
       - قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئىزچىل بىر مەيدان جەڭ بولۋاتىدۇ. بۇ جەڭ ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى. بىر، يامان بۆرە. ئۇ قورقۇنچاقلىق، تېرىككەكلىك، قايغۇرۇش، ئۆچمەنلىك، نەپسانىيەتچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، چۈشكۈنلۈك، ئاداۋەت، ئۆزىنى كەمسىتىش، يالغانچىلىق، مەنمەنچىلىك، تەكەببۇرلۇق، شەخشىيەتچىلىك ۋە ساداقەتسىزلىكككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنە بىرى، ياخشى بۆرە. ئۇ خوشاللىق، تېنىچلىق، مۇھەببەت، ئۈمىدۋارلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق، تەمكىنلىك، كەمتەرلىك، رەھىمدىللىك، كەڭ قورساقلىق، دوستلۇق، مېھرىبانلىق، مەردلىك، ھەققانىيلىك ۋە ساداقەتمەنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئىككى بۆرە ئارسىدىكى جەڭ سىلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ،- دېدى.
         بوۋاينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بالىلار بىر ھازاغىچە ئۈندىمىدى. ئاخىر بىر بالا ئۇنىڭدىن:
         - ئۇنداقتا قايسى بۆرە غالىب كېلەر؟،- دەپ سورىدى.
          بېشىدىن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ بوۋاي بالىغا مۇنداق دېدى:
        - سەن قايسى بۆرىگە يېمەكلىك بېرىپ باقساڭ، شۇ بۆرە غەلبە قىلىدۇ. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.