ماڭا ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك ئەمەس

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-28 19:12:18

شۇڭا ئانامنىڭ ئۆتمۈشىدىن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلدىمكى، ئادەم مەڭگۈلۈك ھەمراھ تاللىغاندا، كۆزنى چاقنىتىدىغان تاشقى بېزەكلەرگىلا قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن.

                                  
    ماڭا ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك ئەمەس
    ئالىكساندېر شۇنبىكۋا (رۇسىيە)

    بىر قىز سۇ ئالغىلى چىققاندا، قۇدۇققا تاشلانغان چېلەككە بىر ئۈزۈك ئىلىنىپ چىقىپتۇ. ئۇ ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىشىغا ئۈزۈك زۇۋانغا كىرىپ:
    -مېنى قويۇۋېتىڭ قىزچاق، قانداق تەلىپىڭىز بولسا ئورۇنلاپ بېرىمەن،-دەپتۇ، ئەسلىدە بۇ بىر خاسىيەتلىك ئۈزۈك ئىكەن.
    -ماڭا ئەقىللىق، ئاق كۆڭۈل، مېنى سۆيىدىغان يىگىت كېرەك، ئەلۋەتتە باي بولسا تېخى ياخشى،-دەپتۇ قىز ئويلىنىپمۇ ئولتۇرماستىن.
    -شۇنچىلىك ئىشمىدى؟ سىزگە ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك ئەمەس ئىكەندە؟-خاسىيەتلىك ئۈزۈك ھەيران بولۇپ سوراپتۇ.
    -ياق، كېرىكى يوق! پىيادە كەلسىمۇ بولىۋېرىدۇ،- دەپ كېسىپلا جاۋاب بېرىپتۇ قىزچاق.
    -نېمىشقا؟-دەو سوراپتۇ خاسىيەتلىك ئۈزۈك ھەيران بولۇپ.
    -20 يىل مۇقەددەم ئاناممۇ بۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتقاندا بىر خاسىيەتلىك بىلەيزۈكمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئانامنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرماقچى بوپتۇ. ئانام ئەينى چاغدا ئويلانمايلا:«ماڭا ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك» دەپتىكەن. خاسىيەتلىك بىلەيزۈك ئانامدىن:«پەقەت ئاق ئاتلىق شاھزادە شاھزادە بولسىلا بولامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ، ئانام قىن-قىنىغا پاتماي «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئانام خاسىيەتلىك بىلەيزۈكنىڭ «ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ ئېتىغا ئالتۇن ئېگەر سەپلەپ بېرەيمۇ؟ ياقۇت كۆز قويۇلسۇنمۇ؟ شاھزادىنىڭ دوپپىسىغا تۆگىقۇشنىڭ پېيى قادالسۇنمۇ؟ شاھزادىنىڭ مۇراسىم كىيىمىدە مەرۋايىت كۆز بولسۇنمۇ؟» دېگەن سوئاللىرىغا خۇشال بولۇپ «ئەلۋەتتە شۇنداق بولسۇن!» دەپ جاۋاب بېرىپلا خاسىيەتلىك بىلەيزۈكنى قويۇۋېتىپتۇ.
    شاھزادىمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېنىدا پەيدا بوپتۇ. ئۇ مىنگە ئات ئېگىز ۋە قاۋۇل بولۇپ، بىر جۈپ كۆزى چاقناپ تۇرىدىكەن، ئالتۇن ئېگەر ۋال-ۋۇل نۇر چېچىپ، كۆمۈش نوختىغا قادالغان رەڭگارەڭ ياقۇتلار كۆرگەنلا كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن. شاھزادىنىڭ كىيىمى پارقىراپ تۇرىدىغان مەرۋايىت بىلەن تىكىلگەن ئىكەن، لېكىن كىيىمىنىڭ ئىچىدىكىسى بېلى مۈكچىيىپ قالغان، ئېغىزى مايماق، مەست-ئەلەس، كوچىدىكى لۈكچەكلەردىن قېلىشمايدىغان ئادەم ئىكەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ پۈتۈن دۆلىتىنى، يەنە ھېلىقى ئات ۋە كىيىملىرىنىمۇ مەيگە تېگىشىپ يوق قىپتۇ، ھامىلىدار بولۇپ قالغىنىنى بىلىپ، ئانامنى تاشلاپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئانامنىڭ ئۆتمۈشىدىن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلدىمكى، ئادەم مەڭگۈلۈك ھەمراھ تاللىغاندا، كۆزنى چاقنىتىدىغان تاشقى بېزەكلەرگىلا قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شاھزادە رۇسىيە