تەڭرىمۇ ئامالسىز ئىش

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-29 19:06:00

ئالدىنقى بىرسىياسى ئۆگۈنۈشتە مەن مۇنداق ئىسىل جۈملىنى بايقىدىم، «مەسئۇلىيەت ئېڭى سىزنىڭئىقتىدارىڭىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»، «تاللاش تىرىشچانلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ». بۇ گەپلەر ماڭا ئاجايىپ تېتىدى ...

      ئالدىنقى بىر سىياسى ئۆگۈنۈشتە مەن مۇنداق ئىسىل جۈملىنى بايقىدىم، «مەسئۇلىيەت ئېڭى سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»، «تاللاش تىرىشچانلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ». بۇ گەپلەر  ماڭا ئاجايىپ تېتىدى گويا چۆلدە قالغان ئادەم ئۇسسۇزلۇق سۇ تېپىۋالغاندەك بولدۇم، تەپەككۈرۈم قاناتلىنىپ شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى بىر كىچىك تەرمە يادىمغا كەلدى.

        دۇنيادا بەزى ئادەملەرنىڭ تەلىيى كاج كېلىدۇ، بۇ تەلەينىڭ كاجلىقى كۆپىنچە شۇ ئادەمنىڭ تاللاش ئىقتىدارىنىڭ بولمىغانلىقى، ياكى خاراكتىرىنىڭ تۇغما ئاجىزلىقىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى قىسقا ھىكايە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
      تەڭرى بىر تىلەمچىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىدە بىر باي قىياپىتىگە كىرىپ تۇرۇپ سوراپتۇ: -ئەگەر ساڭا 1000 تەڭگە بەرسەم  قانداق خەجلەيسەن؟
    - يانفۇن سېتىۋالىمەن،- دەپتۇ تىلەمچى
    تەڭرى ھەيران بولۇپ ، تىلەمچىدىن نېمىشقا يانفۇن سېتىۋالىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.
    -شەھەردىكى ھەر قايسى رايون بىلەن ئالاقىلىشىپ ، قەيەردە ئادەم كۆپ بولسا شۇ يەرگە بېرىپ تىلەمچىلىك قىلىمەن،- دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ تىلەمچى.تەڭرى ئۈمىدسىزلىنىپ تىلەمچىدىن:
      -ئەگەر 100 مىڭ تەڭگە بەرسەمچۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ.
    _ئۇ چاغدا پىكاپ سېتىۋالىمەن ، پىكاپىم بولسا يىراق جايلارغىمۇ تېزلا يىتىپ بېرىپ تىلەمچىلىك قىلالايمەن. تەڭرى قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپتۇ، شۇنداقتىمۇ يەنە سوراپتۇ:
    _ئەگەر ساڭا 10 مىليۇن تەڭگە بەرسەمچۇ ؟
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان تىلەمچىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كىتىپتۇ: -ۋاھ ، ئۇنداقتا بەك ياخشى بولاتتى. ئۇ چاغدا مەن بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىنى سېتىۋالاتتىم.تەڭرى ئۇنىڭ جاۋابىدىن مەمنۇن بولۇپ تۇرغاندا تىلەمچى قۇشۇمچە قىلىپ :
    -ئۇ چاغدا ئۆز تەۋەلىكىمدىكى بارلىق تىلەمچىلەرنى قوغلىۋېتەتتىم-دە ،ئۈزۈم يالغۇز-ئازادە تىلەمچىلىك قىلاتتىم،- دەپتۇ.

     قارىغاندا ، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرى تۇرغۇنلىشىپ، قەلبى قۇلۇپلىنىپ قالسا ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تەڭرىمۇ ئامالسىز بولسا كېرەك.

     

    ---------------«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» جورنىلىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق