ئاقىل مال ساتقۇچى

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-04 17:55:46

بىر ئەر-خوتۇن دۇكان ئايلىنىپ يۈرەتتى، بىر چاغدا خوتۇنىنىڭ كۆزى ھەشەمەتلىك بىر يۈرۈش قاچا-قۇچىغا چۈشۈپ قالدى، شۇڭا ئۇنى سېتىۋېلىش پىكىرىدە چىڭ تۇردى.


    ئاقىل مال ساتقۇچى
     
    بىر ئەر-خوتۇن دۇكان ئايلىنىپ يۈرەتتى، بىر چاغدا خوتۇنىنىڭ كۆزى ھەشەمەتلىك بىر يۈرۈش قاچا-قۇچىغا چۈشۈپ قالدى، شۇڭا ئۇنى سېتىۋېلىش پىكىرىدە چىڭ تۇردى. ئەر ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرىلىكىنى ئېيتىپ سېتىۋالماسلىق پىكىرىدىن يانمىدى. بۇنى كۆرگەن مال ساتقۇچى ئەرنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر نەچچە ئېغىز پىچىرلىۋىدى، ئەر گەپ سۆز قىلماي يانچۇقىغا قول سالدى. ئۇنداق بولسا مال ساتقۇچى ئۇ ئەرگە نېمە دېدى، نېمىشقا  ئەر پىكىرىدىن بىراقلا ياندى؟ ئەسلىدە مال ساتقۇچى ئەرگە مۇنداق دېگەنىدى:
    -قاراڭ، بۇ قاچا-قۇچىلارنىڭ شۇنچىلىك قىممەتلىكىنى كۆردىڭىز، بۇنداق قاچا-قۇچىلارنى خوتۇنىڭىز سىزگە قانداقمۇ يۇيدۇرسۇن؟ ئۇ بۇ قاچىلارنىڭ چېقىلىپ پۇچىلىنىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ!
    شۇنداق، ئادەمنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس، بىراق مۇھىم ھالقا ئۇنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى ئىگەللەش؛ خېرىدار كۆڭلىگە كىرىپ-چىقالايدىغان مال ساتقۇچى ھەرقانداق جاھىل خېرىدارنىمۇ نىيىتىدىن ياندۇرالايدۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاقىل قاراش خوتۇن