دوستلۇق ھەپتىىسى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-29 10:29:39

دوستلۇق ھەپتىىسى سۆيگۈ ۋە دوستلۇق بىر كۈن يولدا ئۇچۇرۇشۇپ قاپتۇ.سۆيگۈ مەغرۇر ھالدا:<<مەن سەندىن بەك سەممىي ۋە تېخىمۇجانغا يېقىنمەن .سەن نىمە ئۈچۈن بارسىنكى بۇدۇنيادا؟>>دەپتۇ. ...



     

                                        دوستلۇق ھەپتىىسى

           سۆيگۈ ۋە دوستلۇق بىر كۈن يولدا ئۇچۇرۇشۇپ قاپتۇ.سۆيگۈ مەغرۇر ھالدا:<<مەن سەندىن بەك سەممىي ۋە تېخىمۇجانغا يېقىنمەن .سەن نىمە ئۈچۈن  بارسىنكى بۇدۇنيادا؟>>دەپتۇ.

           دوستلۇق جاۋابەن:<<سەن تاشلاپ كەتكەندىن كىيىنكى كۆزياشلارنى سۈرتۈش ئۈچۈن...>>دەپتۇ.

          پۈتۈن سۆيگەنلىرىڭىزگە ۋاكالىتەن شۇلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرمەكچىمەن:

        - ئەگەر بۇ ساباھ كېسەل بولماستىن بەلكى ساق-ئامان بولسىڭىز،بىر ھەپتە كىيىندە كۆرىدىغان بىر مىليون ئادەمدىن تېخىمۇ بەخىتلىكسىز.

        -بىر ھەرىپ خەۋىپى بىلەن ،ئىسكەنجە كۆرمەك ئىھتىمالى بىلەن  ئامان قېلىش غېمىدە دەككە-دۈككە بولمىغان بولسىڭىز 500 مىليون ئىنساندىن تېخىمۇ بەخىتلىكسىز. 

           -توڭلاتقۇيىڭىزدا يىمەك-ئىچمەكلىرىڭىز،كۆز ئالىدىڭىزدا كىيدىغان كىيىملىرىڭىز ،بېشىڭىزنى تىقىسىڭىزلا كىرىپ  ئارام ئالالايدىغان ئۆيىڭىز بولسا دۇنيادىكى نۇرغۇن ئادەملەردىن بەك بەخىتلكسىز.

      -بانكىدا ۋە پورتمالىڭىزدا پۇلىڭىز بولسا ،دۇنيادىكى ئەڭ ئىمتىيازلىق 8٪نىڭ ئىچىدىسىز.

      -ئاتا-ئانىڭىز ساق-سالامەت ۋە ئاجىرىشىپ كەتمىگەن بولسا ،سىز بۇدۇنيادىكى تەڭداشسىز بەخىتلىك كىشىلەردىن بىرىسىز.

      -بۇ خەتنى ئۇقۇشقا مۇيەسسەر بولسىڭىز بۇ دىمەككى ،بىرى سىزنى ئەسلەۋاتىدۇ ۋە بۇنى سىز ئۈچۈن يوللىدى. چۈنكى ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان 2مىليارد كىشىدىن ئەمەسسىز.

      -پۇلغا ئېھتىياجىڭ يوقتەك ياشا...!

      -ھىچكىم سېنىڭ قەلبىڭگە ئازار بەرمەيدىغاندەك سۆي...!

      -ھىچكىممۇ ساڭا باقمىغاندەك ئەركىن ئۇسۇل ئوينا...!

      - ھىچكىممۇ سېنى ئاڭلىمايدىغاندەك ئۈنلۈك ناخشا ئېيىت...!

      -جەننەت دۇنيادىدەك شاد ياشا...!

                                    تۈرۈكچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دوستلۇق سۆيگۈ بەخىت