ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17خىل باھانىسى

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-13 18:25:39

ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17خىل باھانىسى1-باھانە : دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى يەرلىكتىكى مەكتەپلەردە ئۇزاق مەزگىل ئىغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان . مەكتەپ رەھبەرلىرى ،يەرلىك ھۆكۈمەت تەپ تارتماي ئوق...

     

    ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17خىل باھانىسى

     

    1-باھانە : دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى يەرلىكتىكى مەكتەپلەردە ئۇزاق مەزگىل ئىغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان . مەكتەپ رەھبەرلىرى ،يەرلىك ھۆكۈمەت تەپ تارتماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق -مەنپەئەتىگە قول تەككۇزەلەيدۇ ،لىكىن كەڭ ئوقۇتقۇچىلار شۇنچە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ ئۈن چىقىرالمايدۇ .


    2-باھانە : مائارىپ ئەسلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىدى ،بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت مەكتەپنىڭلا ئشى بولوپ قالغان ،ھەتتا نۇرغۇن كىشلەرنىڭ تونۇشىدا مائارىپ دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئوقۇتقۇچى دېگەن ئۇقۇم بىرگەپ .


    3-باھانە : ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش دېگەپ گەپ تولا تەكرارلىنىپ سەپسەتە بولوپ قالدى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشىنى ئازراق ئۆسىدىغانلىقى ھەققدىكى خەۋەر دائىم تارقىلىدۇ بىراق رەھبەرلىك قاتلمىدىكىلەرنىڭ دائىم ئۇنتۇپ قالىدىغىمۇ مۇشۇ ئىش .


    4-باھانە : مائارىپ ئاللىقاچان پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ «كۆڭۆل بۆلىدىغان نۇقتا» سى بولۇپ قالدى ،گويا ھەرقانداق ئادەم ،ھەرقانداق ئورۇن ئۇنىڭغا خالىغانچە قول شىلتىپ ،پەشۋا ئاتسا بولىۋىرىدىغاندەك ؟ مائارىپ پەيدىن -پەي يەرلىك ھاكىمدارلارنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ، ئۆز ئاۋازىنى ئۆزىمۇ ئاڭلىماس بولۇپ قالماقتا .


    5-باھانە : ھەممەيلەن ئوقۇغۇچىلارغىلا كۆڭۆل بۆلىدۇ ،پەقەت ئازساندىكى بىرقىسم كىىشلەرلا ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۆل بۆلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار پەيدىن -پەي بىر ئاجىز توپقا ئايلانماقتا ،تۈرلۈك-تۈمەن سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا .


    6- باھانە : ھەممە جىنىنىڭ بارىچە ماددى مەدەنىيەت قوغىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ دائىرىدە چۆلدەرىمەكتە . ماتېرىيال كۆرۇشتىن باشقا يەنە نېمە بار ؟ ئوقۇتقۇچى رېستۇراندا غىزالىنىپ قويسا چوڭ يەپ -چوڭ ئىچكەنلىك بولىدۇ ،بىرقانچىسى كۆڭۆل خۇشلۇقى ئۈچۈن قەرت ئوينىسا كۆللىكتىپ قېمار بولىدۇ ، ئوقۇتقۇچى ياخشىراق مۇنچىغا چۈشسە ئىستىلى بۇزۇق بولىدۇ ،ئوقۇتقۇچى مودا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قويسا ناچار ھەۋەس بولىدۇ .


    7-باھانە : مائارىپنىڭ پاكىزە تۇپرىقى ئەمدى ئۇنداق بولماي قالدى . قالايمىقان ھەق يىغىش ،قالايمىقان سىلىق سىلىش بەك ئىغىر ،مەكتەپنىڭ مالىيىسى رەھبەر ۋە يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ كىچىك خەزىنىسى بولوپ قالدى .


    8-باھانە : ھازىرقى ئەھۋالدا ئوقۇغۇچى مەڭگۈ بىرىنچى ، ئائىلە باشلىقى تەڭرى . ئوقۇتقۇچى بىلەن ئائىلە باشلىقى ياكى ئوقۇغۇچى ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلسا گۇناھنىڭ يېلتىزى ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىدا بولىدۇ .


    9-باھانە : بىرياقتىن ساپا مائارىپى دەپ توۋلاپ ،يەنە بىرياقتىن ئىمتىھان مائارىپى دەپ ۋاقىراپ ،ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىككىسنىڭ قىسىلچىقىدا ئاران-ئاران نەپەس ئالماقتا .


    10-باھانە : ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەشتە ئەسلى تەنقىدلەش توغرا كەلسە تەنقىدلەش ،قاتتىق تۇتۇش توغرا كەلسە قاتتىق تۇتۇش كېرەك ئىدى ،بىراق ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا خۇشامەت قىلىشقىلا بولىدۇ .
    11-باھانە : ساپا مائارىپى شۇئارى ۋە ئىمتىھان مائارىپى بايرىقى ئاستىدا ئاخىرقى ھېسابدا بار بولىدىغىنى يەنىلا «ناچار ئوقۇغۇچى »،«ناچار سىنىپ » ۋە «ناچار ئوقۇتقۇچى» ۋاھاكازالاردۇر .


    12-باھانە : ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى راستىنلا سەككىز سائەتلىك تۈزۈمدىمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى كۈندىلىك ئارام ۋاقتى ياكى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ۋاقلىرىدا بولسۇن غەيرى رەسمي خىزمەت قىلىدۇ ،بۇئىشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.


    13-باھانە : مۇئاشنىڭ قەرزدىن ئاشقىنى ئاش -تۇزنىڭ ،داۋالىنشتىن قىسنىپ زۇكامنىمۇ ئىغىر كىسەلگە ئايلاندۇرۇۋىلىش ئاددى ئىش ،ئۆي ياردەم پۇلى دېگەن خام خىيال ،قىرىغاندا كۇتۇنۇش دېگەن ئاق قەغەز .


    14-باھانە : «ناچار ئوقۇغۇچى يوق ،پەقەت ناچار ئوقۇتقۇچى بار » مانا مۇشۇنداق دانا گەپلەر باشقىلارنى ئاللىقاچان ئوقۇتقۇچىلار ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۇزىدۇ دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ بولدى .


    15-باھانە : تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ، شىتات ئوشۇقلىقىدىن كېلىپ چىققان شاللاش تۈزىمى قاتارلىقلارنىڭ سەھنىگە چىقىشى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى يۇۋاشلىتىدىغان «ئەنگۈشتەر»ى بولوپ قالدى .


    16-باھانە: كەسىپنىڭ مۇقەددەس تۇيغۇسى ئوبىكتىپ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئادەمدە بولىدىغان شادلىنش ۋە غەزەبلىنىشتەك نۇرمال كەيپىياتىنىمۇ نىقابلاپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن زور ئۈمىدلىرى قوشۇلۇپ ئۇلار نۇرمال ئادەملەرچە ياشاشتىن بارغانسىرى يىراقلاشماقتا .


    17-باھانە : ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ خاسلىقى تۇپەيلىدىن ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن روللارنى ئوينىشى كېرەك ؛ بىلىم تارقاتقۇچى ، تۇرمۇشتىكى باشقۇرغۇچى ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋاكالەتچى خادىمى ، ئوقۇغۇچىلار پىسخىكىسىنىڭ ئەمچىسى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىچى دېگەندەك ... بىراق بۇنچە كۆپ رولنى ئىلىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئاسانلا زىددىيەت -توقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ ،ئۇلاردا تۈرلۈك پىسخىكلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا .


    راست گەپنى قىلغاندا مائارىپنى بوغۇش كۆپ ، مائارىپنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ . مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىچىدە مائارىپنى كۆپتۇرۇپ كۆرسەتكۈچىلەر كۆپ ، مائارىپنىڭ سىرتىدا مائارىپقا قىزىققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار كۆپ .


    مائارىپشۇناس جۇ يوڭشىن ئەپەندى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن : « ئوقۇتقۇچىلىق -تەۋەككۇلچىلىكتۇر ، ھەتتا بۇ خىيىم -خەتەرگە تولغان بىر كەسىپ . ئۇلۇغ ئادەملەر بىلەن ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىنىڭ مەھسۇلىدۇر ».

    مەنبە كىروران تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.