تايبىر بىلەن جىن ھەققىدە ھېكايە(ئىساك سىڭگېر )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-05 23:46:00

تايبىر بىلەن جىن ھەققىدە ھېكايە ئىساك باشۋېس سېنگىر غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى ئىلاۋە: ئىساك سىڭگېر 1978-يىلى "دوستۇم كافكا ناملىق ئەسىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپارىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ...

    تايبىر بىلەن جىن ھەققىدە ھېكايە

     ئىساك باشۋېس سېنگىر
     غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى

     ئىلاۋە: ئىساك سىڭگېر 1978-يىلى "دوستۇم كافكا ناملىق ئەسىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپارىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ «تايبىر بىلەن جىن ھەققىدە ھېكايە» 1963-يىلى ئامېرىكىدىكى ئىدىش تىلىدا چىقىدىغان «ئوبزور» ئايلىق ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.، كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھازىرقى زامان ھىكايىلىرى» شەرىپىگە ئېرىشكەن داڭلىق ئەسەر. ھىكايىدە ھالقىما رىيالىزىم شەكلى بىلەن ئاجايىپ پىكىر ۋە خۇراپاتلىقلار بىرلەشتۈرۈلۈپ تەسۋىرلەنگەن. ھىكايىنىڭ باش قەھرىمانى تايبېر بىر ئاق كۆڭۈل ئايال ئەمما ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا ياخشىلىق يانماي ئۈچ بالىسى ئارقىمۇ ئارقا ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئېرى ئۇنى تاشلىۋېتىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئاخىرى تايبېر بىر «جىن»نى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ... ئەمما تەقدىر تايبېرنى بۇ «جىن» دىنمۇ ئايرىپ تاشلايدۇ. تايبېر ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ تارتىشقۇدەك ھىچنىمىسى قالمىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. بۇ ھىكايە ھەققىدە سىڭگېر«مېنىڭ ھىكايەمدىكى ئاساسى قەھرىمان ھەمىشە يەھۇدىلار، ئۇلارئىدىش تىلى بىلەن سۆزلىشىدۇ، ئەمما مەن يالغۇز ئۇلارنىلا يازماقچى ئەمەسمەن، ئادەملەرنىڭ قىيىنچىلىقى، پىكىرلىرى پۈتۈنلەي ئورتاق بولىدۇ، مەن ئامېرىكىلىقلارغا تېخىمۇ قىزىقىمەن» دەپ شەرھىلىگەن. لىئوبلىندىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە رىپىشنىك دىگەن بىر بازار بار. بازاردا بىر جۈپ ئەر ـ خوتۇن بولۇپ، ئېرىنىڭ ئىسمى سامۇ نوسسىن، ئايالنىڭ ئىسمى بولسا تايبىر ئىدى. تايبىر بىر ئوغۇل 2 قىز تۇغدى، ئەمما بالىلىرىنىڭ ئۈچىسىلا كىچىك چېغىدا كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن تايبىر تۇغماي قويدى. ئۇنىڭ يىگەن دورىسىمۇ، قىلغان تائەت - ئىبادەتلىرىمۇ، خۇدادىن تىلەپ رەم ئاچقۇزۇشمۇ پۈتۈنلەي بىكارغا كەتتى. سامۇ نوسسىن شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن قاتتىق قايغۇرۇشقا باشلىدى ۋە ئۆزىنى كىشلەردىن قاچۇرۇپ يۇردى، گۆشلۈك تائاملارنى ئېغىزىغا ئالمايدىغان، خوتۇنىغا يات كىشىدەك مۇئامىلە قىلىدىغان، چېركاۋدىكى ئورۇندۇقلاردا يېتىپ - قۇپۇپ ئۆيگە قايتقىلى ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالدى. تايبىر گەزمالچى دۇكىنى ئاچاتتى، بۇ ئۇنىڭغا ئاتا ـ ئانىسىدىن قالغان ئىدى. ئۇ، سول تەرەپكە بىردانە گەزنى، ئوڭ تەرىپىگە بىر دانە قايچىنى، ئالدىغا يەھۇدى تىلدا يېزىلغان «ئاياللار دۇئانامىسى»نى قويغىنىچە، دۇكاندا كۈن بويى ئولتۇراتتى. سامۇ نوسسىن جۇغى كىچىك، كۆزلىرى قاپ ـ قارا، ئۆچكە ساقاللىق بىر كىشى ئىدى. ئۇ قاپىغىنى ئاچماي، ئارتۇق گەپ قىلماي يۈرەتتى، ئىشلىرى كۆڭۈل كىدەك كېتىۋاتقان چاغلاردىمۇ شۇنداق بولاتتى. تايبىرنىڭ يۇملاق كەلگەن چىرايى، كۆك - كۆك كۆزلىرى زىلۋا بويى، ئىسسىق مېھرى بولسا كىشنى مەھلىيا قىلاتتى. گەرچە، تايبىر خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئازاپلارغا ئۇچۇرغان تۇرسىمۇ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش خوشال يۈرۈۋېرەتتى، مەڭزىدىكى زىنىقلىرى بەزىدە يوقىلىپ، بەزىدە يەنە پەيدا بولۇپ قالاتتى. ھازىر ئۇ يەككە يىگانە قالدى، تاماق ئەتسە ئۆزىلا يەيتتى، ئەمما ئۇ، ئوچاققا ياكى ئۈچ پۇتلۇق قازانغا بۇرۇنقىدەكلا ئوت يېقىپ ھەركۈنى ئازراقتىن شوۋگۇرۇچ ياكى شورپا قاينىتىپ ئىچەتتى. ئۇ تىنىم تاپماستىن كەشتە تۇقۇيتتى، بەزىدە پايپاق تۇقۇسا، بەزىدە ئاسما مايكىلارنى ئۇلايتتى ياكى ماتاغا گۈلمۇ، ئەيتاۋۇز بىرنەرسىلەرنى كەشتىلەيتتى. قىسقىسى، ئۇ تەقدىردىن ئاغىرىنىپ ھەسرەت چېكىپ، چېكىپ ئاھ ئۇرىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس ئىدى. بىر كۈنى سامۇ نوسسىن ئۆزىنىڭ دۇئا - تىلاۋەت قىلغان چېغىدىلا ئارتىدىغان ياغلىقىنى، دائىم يۆتكەيدىغان بىر دانە ئىچ كۆينىگىنى ئېلىپ بىر دانە بولكا بىلەن ئۆيدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتتى. خوشنىلار ئۇنىڭدىن نەگە باردىغىنى سورىغىندا:ئۇ: «ئالەمنىڭ ئۇ چىتىگە» دەپ جاۋاپ بەردى. كىشلەر تايبىرغا ئېرىنىڭ كىتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ چاغدا نوسسىن دەريادىن ئۆتۈپ بولغاچقا، قوغلاپمۇ يىتىشكىلى بولمايتتى. ئۇ نوسسىننىڭ ئوزىنى لىئوبلىنغا يەتكۈزۈپ قۇيۇشى ئۈچۈن بىر ھارۋا ياسىلۋالغانلىغىنى كېيىنچە بىلدى. تايبىر ئۇنى ئىزدەشكە ئادەم ئەۋەتتى، ئەمما ئەۋەتىلگەن ئادەملەر شۇ كەتكىنچە قايتىپ كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ، تايبىر 33 يېشىدىلا تاشلاندى خوتۇن بولۇپ قالدى. مەلۇم ۋاقىت ئىزدىگەندىن كىيىن، تايبىر ئۇنىڭدىن ئۈمۈدىنى ئۈزدى. ئاللاتائالا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئېرىنى ئۆز ئىلىكىگە ئالغان ئىدى، ئۇنىڭ قايتا توي قىلىشىغىمۇ بولمايتتى، شۇڭا غېرىپچىلىق ئىچىدە ياشاشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭدا پەقەت ئوي، دۇكان ۋە كىيىم -كېچەكلەرلا قالغان ئىدى. تايبىر ‏ــ مۇلاھىم، ئاق كۆڭۇل،ئاددى ــ ساددا ئادىل بىر ئايال بولغاچقا، ھەممە كىشى ئۇنىڭغا ھېستاشلىق قىلاتتى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بەخسىزلىكلەرگە ئۇچۇرغانلىقىنى چۇشۇنۇپ يېتەلمىدى. ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بۇلۋاتقان ئىشنى، بەندە ئەلۋەتتە بىلمەيدۇ‏-دە! تايبىرنىڭ بىرنەچچە دوستى بار ئىدى، ئۇلار ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا بىللە يۈرۋاتقان ئاچا ـ سېڭىللار ئىدى. كۈندۈزى بۇ ئائىلە ئاياللىرى قازان بېشى ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشتتىم لېكىن كەچ كىرىشى بىلەنلا، تايبىرنىڭ دوسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ھال ــ مۇڭ ئېيتىشاتتى. ياز كېچىلىرى ئۇلار ھويلىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۈگمەس پاراڭلارنى سېلىشاتتى. پۈتۈن بازارنى زۇلمەت قاراڭغۇلۇغى قاپلىغان ئايسىز بىر ياز ئاخشىمى، تايبىر دوسلىرى بىلەن ھېلىقى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشۇپ، يەنە مۇڭدىشىشقا چۇشتى، تايبىر ئۆزىنىڭ كىتاپتىن ئۇقىغان بىر ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى، بۇ كىتاپنى ئۇنىڭغا بىر ئۇششاق ئېلىپ-ساتتار سېتىپ بەرگەن ئىدى. ھىكايىدە، ياش بىر يەھۇدى چوكاننىڭ جىن تەرپىدىن ئازدۇرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ جىن بىلەن ئەر ـ خوتۇن بولۇپ ئۆتكەنلىگى سۆزلىنەتتى. تايبىر بۇ ھىكايىسىنى شۇنچىلىك قاملاشتۇرۇپ ئېيتتىكى، ئاياللار قورقۇپ كەتكەنلىگتىن، بىر يەرگە يىغىلىۋالدى ۋە جىننى ئۆز يېنىغا يوللاتماسلىق ئۈچۈن سۈپكەشلەشكە باشلىدى. ئۇ نىمىشقا ئەپسۇن ئۇقۇپ جىننى ھەيدىۋەتمىگەندۇ ھە؟ــ سورىدى بىر ئايال. ئەپسۇن دىگەندىن جىننڭ ھەممىسى قورقۇۋەرمەيدۇ ــ دە! دەپ جاۋاپ بەردى تايبىر. _ ئۇ مۇقەددەس رابىنانىڭ يېنىغا بېرىپ مەدەت تىلىسە بولمامدۇ؟ ھېلىقى جىن ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، بۇ ئىشنى ئاشكارلاپ قويدىغان بولساڭ بوغۇپ ئۆلتۈرمەن، دىگەن ئىكەن. توۋا خۇدائىم، بۇ نىمە ئىشتۇ؟ ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، پەرۋەندىگارىم، بىز بۇنداق ھېكايىلەرنى ئاڭلىمىساق ياخشى ئىكەن، ــ دىدى بىر ئايال ئەنسىزلىك بىلەن. ھازىر مەن ئۆيگە كىتىشتىنمۇ قورقىۋاتىمەن، ـــــ دىدى يەنە بىر ئايال. مەن سەن بىرگە ماڭاي،ــ دىدى ئۈچىنچىسى. ئۇلار مانا مۇشۇنداق چۇقۇرىشىۋاتقاندا، ئورىكنوننىڭ بۇيەردىن ئۆتۈشىگە توغرا كەلدى. ئورىكنون بازار باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئۇكۈنلەرنىڭ بىرىدە توي قىزىقچىسى بولۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۆزىنىڭ بويتاق يۈرۋاتقانلىغىغا 5 يىل بولغان بۇ كىشى ھەزكەشلىگى، قىلىقسىزلىقى ۋە غەلىتە مىجەزى بىلەن داڭلىق ئىدى. ئۇ يول ماڭسا قىلچە شەپە چىقارمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ چەمى تىشىلىپ كەتكەچكە، يالاڭ ئاياق ماڭغان بىلەن ئوخشاشلا ئىدى. ئۇ تايبىرنىڭ ھىكايە ئېيتۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، يولدىن توختاپ تىڭشاشقا باشلىدى. ئەتىراپ ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قاراڭغۇ بولغاچقا، يەنە كىلىپ ئاياللار ھېلىقى سىرلىق ھېكايىگە بىرىلىپ كەتكەتكەچكە، ئۇنىڭغا ھىچكىممۇ دىققەت قىلمىدى. ئورىكنون شاللاق بىر نىمە بولغانلىقىدىن، تايبىرنىڭ ئاياللارغا ئېيتىپ بەرگەن ھىكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، شۇئانلا بىر قىلىقسىزلىقنى ئويلاپ تاپتى. ئاياللار كەتكەندىكىن كىيىن، ئورىكنون تايبىرنىڭ قوروسىغا ئاستىغىنە كىرىپ كەلدى دە، دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتىۋىلىپ، دەرىزىدىن مارىلاشقا باشلىدى. ئۇ، تايبىرنىڭ كارۋاتقا چىقىپ شامنى ئۆچۈرگەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن، غىپپىدە قىلىپلا ئۆيگە كىرۋالدى. تايبىر ئىشىكنى تاقىمىغان ئىدى، چۇنكى ئۇ، بۇ بازاردا ئوغرى بارلىقىغا ئىشەنمەيتتى. ئورىكنون ئۆزىنىڭ يىرتىلپ كەتكەن شىنىل، چاپان ۋە ئىشتانلىرىنى كارىدورغا سېلىپ تاشلاپ، ئاندىن تۇغما ھالەتكە كەلدى دە، ئېھتىيات بىلەن بېرىپ تايبىرنىڭ كارۋىتىغا چىقتى. تايبىرنىڭ كۆزلىرى ئەمدىلا ئۇيقىغا بارغان ئىدى، ئۇ تۇيۇقسىزلا بىر ئادەمنىڭ قارىسىنىى كۆرۈپ قالدى ۋە شۇنداق چۆچۈپ كەتتىكى، ھەتتا ۋاقىراشقىمۇ قۇربى يەتمەي قالدى. _ كىمسەن؟ دەپ سورىدى ئۇ تىتىرىگەن ھالدا. ئوركىنون ياسالما ئاۋاز بىلەن جاۋاپ بېرىپ: _ ۋاقىرما، تايبىر! ۋاقىرايدىغان بولساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن. مەن ھەمزە دىگەن جىن بولىمەن، قاراڭغۇلىقنى، يامغۇر، مۆلدۈر، چاقماق ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنى باشقۇرىمەن. مەن بىر شاياتۇنمەن، بۈگۈن كەچتە سەن ئېيتقان ھېكايىدىكى ھېلىقى چوكاننى مەن ئالغان. سەن ھېكايەڭنى شۇنداق زوق ــ شوخ بىلەن ئېيتتىڭكى، مەن ئۇ دۇنيادا تۇرۇپمۇ ئاڭلىدىم ۋە سېنىى ئۆز ئىلىكىمگە ئېلىشقا ئىنتىزار بولدۇم، سەن قارشىلىق قىلمىغىن. كىمكى مېنىڭ ئارزۇ ــ ئارمانلىرىمغا خىلاپلىق قىلسا، مەن ئۇنى پانى ئالەمنىڭ سىرتىدىكى سەييا تېغىغا سورەپ ئاپىرىپ، چۆل ــ جەزىرىگە تاشلىۋىتىمەن. ئۇيەردە ئادەمدىگەن نەرسە يوق، ھەتتا يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ ئۇ يەرگە بېرىشتىن قورقىدۇ. ئۇيەردىكى زىمىن تۇمۇزدىن، ئاسمان مىستىن قۇيۇلغان، مەن گېپىمنى ئاڭلىمىغان كىشلەرنى تومۇز تىكەنلەرنىڭ ئارىسىدا ، ئوتنىڭ ئىچىدە دوملىتىمەن. زەھەرلىك يىلان چايانلارنى تاشلاپ بېرىمەن، تالقاندەك ئىزىپ دوزاققا مەڭگۈلۈك بەنىت قىلۋىتىمەن؛ ئەمما مېنىڭ گىپىمنى يۇۋاشلىق بىلەن ئاڭلىساڭ، سېنىڭ بىرتال مۇيۇڭغىمۇ تەگمەيمەن، ھەممە ئىشىڭ جايىدا بولىدۇ... دىدى. تايىبىر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاسلا قالدى. ئۇنىڭ يۇرىگى گويا چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇشقا باشلىدى. ئارىدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇ غەيرىتىنى يىغىپ: سەن مىنى نىمە قىل دەيسەن؟ مەن دىگەن ئېرى بار خوتۇن تۇرسام، دەپ سورىدى. _سېنىڭ ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ دەپنە قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، دىدى ئورىكىنون خاراڭ خۇرۇڭ ئاۋاز بىلەن، دەر ھەقىقەت، مەن رابىنانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئېرىڭنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، يېڭىۋاشتىن ئەرگە تىگىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن، چۈنكى بىزدەك شاياتۇنلارغا رابىننا ئىشەنمەيدۇ. يەنە كېلىپ مەن رابىننا چېركاۋسىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرەلمەيمەن. چۈنكى ئىنجىلدىن قورقىمەن. ئەمما مەن سىنى ھەرگىزمۇ ئالدىمايمەن، ئېرىڭ ۋابا كېسىلىدە ئۆلۈپ كەتتى، يەر ئاستىدىكى قۇرۇتلار تولا غاجىلاپ، ئۇنىڭ بۇرنىنىمۇ قويمىغان بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ھايات بولمىغان تەقدىردىمۇ، سەن مەن بىلەن بىللە يېتىشنى خالىساڭلا، ھىچكىم ساڭا ئارلىشالمايدۇ، چۈنكى يەھۇدىلارنىڭ دىننى قايدىلىرى بىز شاياتۇنلارغا كار قىلمايدۇ. ھەمزە بىر دەم شىرىن سۆزلەر بىلەن ئۇنى ئالدىسا، بىر دەم تەھتىت سېلىپ ئۇنى قورقىتتى. ئۇ بەزى پەرىشتىلەر بىلەن ئالۋاستىلارنىڭ، يىرتقۇچ ھايۋان بىلەن ئەجۇزى مەجۇزىلەرنىڭ ئىسمىلىرىنى مىسال كەلتۇردى. ئالۋاستىلار پادىشاھى ئاسمىدىسىنىڭ تاغىسى بولدىغانلىقىنى؛ جىن شاياتۇنلار خانىمىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بىر پۇتىدا ئۇسۇل ئوينىپ بىرىپ، بىر ئامال بىلەن ئۆزىگە مەھلىيا قىلۋالماقچى بولغانلىقىنى؛ بوۋاق ئوغۇرسى بولغان چىشى جىن شىراقنىڭ ئۇ ئالەمدىكى قازاندا ئۆزىگە كوكىنار ئۇرغۇچىدىن قوتۇرماچ پۇشۇرۇپ بەرگەنلىكى، قوتۇرماچقا يەنە توپا ۋە قارا ئىتنىڭ سېمىز گۆشى ئارلاشتۇرغانلىقىنى سۆزلەپ قەسەم ئىچتى، ئۇ مانا مۇشۇنداق قىزقارلىق ھېكايە بىلەن تايىبىرنى ئالدىدى. ناھاييىتى ئۇزاق سۆزلىگەندىن كىيىن تايىبىرنى بىر ئامال قىلىپ ئالدىدى. ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى تايبىرغا كۈيۈپ ـ پىشىپ يۈرگەنلىكى توغۇرسىدا قەسەم ئىچتى، ئۇ تايىبىرنىڭ شۇ يىللاردا قانداق كىيىم كىيىپ، قانداق ياغلىق چىگىپ يۈرگەنلىكى، ئۆتكەن يىلى يەنە نىمىلەرنى كىيىپ، نىمىلەرنى ئارتقانلىغىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ تايىبىرنىڭ خېمىر زۇۋۇلا قىلىۋاتقان، مونچىدا يۇيىنىۋاتقان، شۇنىڭدەك ھاجەت قىلۋاتقىنىدا نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئېيتتى، ئۇ يەنە بىر ئىشنى ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ قويدى: بىر كۈنى ئەتگىنى تايىبىر ئويغىنىپ كوكسىگە كوك چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزگەن ۋە بۇنى جىن چىرمىۋالغان يەر، دەپ قارىغان ئىدى. ھەمزە بۇ توغۇرلۇق، ئۇ مەن سويگەن چاغدا قالغان ئىز، دىدى. كېيىن ئۇ تايبىرنىڭ ئورنىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇردى. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ چارشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى، يەنى ھەپتىدە ئىككى قېتىم كىرىدىغانلىقىنى، چۈنكى شۇ كۈنلىرى كەچتە جىن ــ شاياتۇنلارنىڭ چىقىپ ھەركەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ قانداق ئەكۋال يۈز بىرىشىدىن قەتئى نەزەر، بۇ ئىشنى ھىچكىمگە ئېيتماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى. بولمىسا، ئەڭ قاتتىق جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چاچلىرىنى بىربىرلەپ يۇلۇپ، كۆزلىرىنى تىشىۋىتىدىغانلىقىنى، كىندىكىنى چىشلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئۇنى چۆل جەزىرىگە ئاپىرىپ تاشلىۋىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە نىجازەتنى غىزا، قاننى ئۇسۇزلۇق قىلىپ ئىچىشكە مەجبۇر قىلدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئىشنى ھىچكىمگە دىمەسلىك ھەققىدە خۇدا ئالدىدا قەسەم ئىچىپ كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. تايبىر ھىچ ئامال قىلالماي، بۇنىڭغا مۇقۇل بولدى. قولنى ھەمزىنىڭ يوتىسىغا قويۇپ قەسەم ئىچىشتى ۋە جىن ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەينى بويىچە بەجا كەلتۈردى. ئايرىلىش ئالدىدا ھەمزە ئۇنى ئۇزاق ۋە قىزغىن سۆيدى. ئۇ ئادەم ئەمەس، جىن بولغاچقا تايبىرمۇ ئۇنى سۆيۈشكە مەجبۇر بولدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھەمزىنىڭ ساقاللىرىنى ھول قىلىۋەتتى. سىز ھەمزىنىڭ جىن ئىكەنلىكىگە قارىماڭ، ئەمما ئۇ تايىبىرغا ناھايىتى سەمىمى، مۇلايىم مۇئامىلە قىلاتتى... تايبېر ھەمزە كەتكەندىن كېيىن ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى، ئۇ تا كۈن چىققۇچە يىغلاپ، ياستۇقلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ھەر چارشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى ئاخشىمى، ھەمزە ئۈزۈلدۈرمەي كېلەتتى. تايبېر ئۆزىنىڭ بويدا قېلىپ، بېشىدا مۈڭگۈزى، كەينىدە قۇيرۇقى بار بىر شاياتۇننى ياكى قانداقتۇر بىر مەخلۇق تۇغۇپ قۇيۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئەمما ھەمزە ئۇنىڭغا، «يۈزۈڭنى ھەرگىز چۈشۈرمەيمەن »دەپ ھۆددە قىلغان ئىدى. تايبېر ئۇنىڭدىن ھېيىز كۆرگەندىن كىيىن، دىننى قائىدە بۇيىچە سۇغا چۈشۈپ پاكىزلىنىشىم كېرەكمۇ ــ قانداق؟ دەپ سورىدى. ئۇ بۇنىڭغا، پاكىزلىككە رىئايە قىلمايدىغان كىشىلەر بىلەن ئەر ــ خوتۇن بولۇپ ئۆتۈۋاتقان ئاياللارغا نىسبەتەن، ئاي كۆرۈش مەسىلىسىدە تۇغۇلغان بەزى بالىلار بەزى خەتەرگە ئۇچۇرمايدۇ، دەپ جاۋاپ بەردى. خۇددى كونىلارنىڭ ئېيتقىنىدەك، خۇدا ئۇلارنى ئوز پاناھىدا ساقلىسا، كۈچلىرى ئىچىگە تاشلىمىسا بولاتتى، ئەمما، تايبىرنىڭ ئەھۋالى دەل مۇشۇنداق چىقتى، دەسلىپىدە ئۇ، كېچىدە كەلگەن بۇ مېھماننى ئۆزىگە خورلۇق سېلىپ، زىيان يەتكۈزۈپ، مەرەز يۇقتۇرۇپ قويامدىكىن ياكى چېچىمنى جىنلارنىڭىكىدەك ئۆزۈپ قويارمىكىن، دەپ ئەنسىرگەن ئىدى، ئەمما ھەمزە ئۇنى ئۇرمىدى، چىمدىمىدى ياكى خورلىمىدى، ئەكىسچە، ئۇنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ سۆيدى، ئۆز سۆيگىسىنى ئىزھار قىلدى، ئۇنىڭغا قىزىق گەپلەرنى قىلىپ بەردى ياكى مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىپ بىرىپ ئۇنىڭ كۆڭلنى ئاچتى. بەزىدە ئۇ، چاخچاق قىلىپ جىنلار ھەققىدە ئاغزىغا كەلگەننى دەپ قويسا، تايبىرنىڭ كۆڭلى يايراپ كېتەتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ تايبىرنىڭ قۇلىقىدىن تارتىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ مۈرىسىنى كاپلا قىلىپ چىشلىۋالدى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە، تايبېر ئۆز مۈرىسىدە ئۇنىڭ چىشىنىڭ ئىزى قالغانلىقىنى بايقىدى. ھەمزە ئۇنىڭ چېچىنى قويۇۋېتىشكە ئۈندەپ، ئۆزى ئۆرۈپ قويماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا ئەپسۇن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇ، تايبىرغا يەنە ئۆزىنىڭ جىن قېرىنداشلىرى بىلەن قەۋرىستانلىق ۋە خارابىلىقلاردىن، زەھەرلىك ئوت ــ چۆپلەر قاپلاپ كەتكەن دالىلاردىن، جىنايەت ئاستانىسى بولغان سودىم شورتاڭلىق لېۋىدىن، شۇنىڭدەك مۇز دېڭىزلىرىدىن قانداقسىگە ئۇچۇپ ئۆتىدىغانلىقىنى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئۇ يەنە باشقا خوتۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ ئولتۇرمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىشى جىنلار ئىكەنلىگىنى، يالغۇز تايبىرنىڭلا ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، تايبېر ئۇنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى سورىۋىدى، ئۇ:ناما، مېكىرىس، ئېوف، چوردا، سىروسسا، نافكا ۋە چىيوما قاتارلىق جەمى 7 خوتۇنۇم بار، دەپ ئۇلارنى بىر ـ بىرلەپ ئاتاپ چىقتى. ئۇ، نامانىڭ تەلەتى قاپقارا، ئاچچىغى بەك يامانلىغىنى، ئۆزى بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندا، ئاغزىدىن يالقۇن، بۇرنىدىن ئىس چىقىرىپ، زەھەر چاچىدىغانلىقىنى؛ مېكىرىسنىڭ چىرايى سۇلۇككە ئوخشايدىغانلىقىنى، بىرسىنى يالاپلا قويدىغان بولسا شۇ كىشىنىڭ مەدىنىدە مەڭگۈلۈك تامغا قالدىغانلىقىنى؛ ئېوفنىڭ ئالتۇن‏ ‏- كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىتلاردىن ياسالغان بېزەكلەرگە بەك ئامراقلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆرىمە چاچلىرىنىڭ ئېشىلگەن زەر يىپلاردىن ئىكەنلىكىنى، ئوشۇغىدىكى بىلەيزۈككە قوڭغىراقلار باغلانغانلىقىنى، ئۇ ئۇسۇل ئوينىسا پۈتۈن چۆلدە تەڭكەش قىلغان مۇزىكا ساداسى ئاڭلىنىدىغانلىقىنى؛ چورداننڭ مۈشۈككىلا ئوخشايدىغانلىقىنى، سۆزلەشنى ئۇقمايدىغانلىقىنى، بەلكى مىياۋلايدىغانلىقىنى، كۆزلىرىنىڭ زۇمرەتتەك يېشىللىغىنى، باشقا جىنىسلار بىلەن يېقىنلاشقاندا ئاغزىدا ئېيىق جىگىرىنى چۈشۈرمەي چاينايدىغانلىقىنى؛سىروسا يېڭى توي قىلغان قىزلارنىڭ دۈشمىنىنى ئىكەنلىگى، سېھىر ئىشلىتىپ، قىزلارنى يىگىتلەرنىڭ قولىدىن بۇلاپ كېتىدىغانلىقىنى، تويدىن كىيىنكى مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىگە يالغۇز چىققان قىزلارغا قاراپ ئۇسۇل ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن قىزلارنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قېلىپ، قاراپ تۇرۇپلا بۇلاپ كېتىدىغانلىقىنى؛نافكىنىڭ شەھۋانىيلىققا بېرىلگەن، قولدىن قولغا قۇنۇپلا يۈرىدىغان چىشى جىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەمىشە ھەمزىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ باشقا جىنلار بىلەن ئوينايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياخشىلىقلىرىغا مۇتەھەملىك بىلەن ۋە قەبىھ گەپلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىق تۇيۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمزە ئۆزىنىڭ خۇتۇنلىرى ھەققىدە مانا مۇشۇنداق بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە تايبىرغا، ئۆزىنىڭ خۇتۇنلىرى بىلەن ئاسماندا قانداقسىگە مۆكۈشمەك ئويناپ ،تاماشا قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. قائىدە بۇيىچە ئېتقاندا، ئايال كىشى ئېرىنىڭ باشقا خوتۇنلار بىلەن ئوينايدىغانلىقىنى بىلسە كۈندەشلىك قىلىدۇ. ئەمما ئادەم قانداقمۇ جىنغا كۈندەشلىك قىلسۇن؟ تايبېر ھەمزىنىڭ دىگەنلىرىگە ئەكىسچە ناھايىتى قىزىقتى، تېغى ئۇنىڭدىن بەزى مەسىلىلەرنى ئۈزمەي سوراپ تۇردى. بەزى چاغدا ئىنسانلار بىلمەيدىغان ئاسمان مەخپىيەتكلىرىنى،يەنى خۇدا، پەرىشتە، ئەرىش قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىكى ئەھۋاللارنى دەپ بەردى. ئۇ تايبىرغا ئايال گۇناھكارلارنىڭ قارىماي قاينىتىلغان تۇڭلاردا ياكى تېگىگە كۆمۈر يېقىلغان قازانلاردا قانداق ئازاپلىندىغانلىقىنى، مىخ قېقىلغان كارۋاتلاردا، قار بىلەن قاپلانغان ھاڭلاردا قانداق قىينىلىدىغانلىقىنى، مالائىكىنىڭ ئۇلارنى چوغ توقمىقى بىلەن قانداق ساۋايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ھەمزە: «دوزاقتىكى ئەڭ قاتتىق جازا - غىدىقلاش، دوزاقتا راكىس دەيدىغان جىن بار، ئۇ نۇمۇسى يوق خۇتۇنلارنىڭ تاپىنى ۋە قولتىغىنى غىدىقلايدۇ، ئۇلارنىڭ غىدىقلاشقا چىدىغاي چىقارغان كۈلكە ئاۋازلىرى مادىكاسگار ئارلىقىدا ماڭىدىغان يوللاردا ئەكىس سادا قايتۇرۇپ تۇرىدۇ»دىدى. ھەمزە تايبىرنىڭ كۆڭلىنى مانا مۇشۇنداق قىلىپ كېچىچە ئاچىدىغان بولدى. ئۇزاق قالماي، تايبېر ھەمزىنى سېغىندىغان، ئۇنىڭغا ياز كېچىلىرى بەك قىسقا بولىدىغان، كۈز كېچىلىرىمۇ ئانچە ئۇزۇن ئەمەستەك تۇيۇلدىغان بولدى، چۈنكى ھەمزە توخۇ چىللىشى بىلەنلا كېتىپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتە تايبېر ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. تەببىكى، ئاياللارنىڭ جىندىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىگىگە يول قۇيۇلمايدىغانلىقىنى ئۇ چۇشىنەتتى، ئەمما ئۇ ھەمزىنى كېچە كۈندۈز سېغىناتتى.ھەمزىنىڭ بويتاق يۇرىۋاتقىنىغا كۆپ يىللار بولغان بولسىمۇ، بەزى ئەلچىلەر ئۇنىڭغا لايىق تېپىشتىن يەنىلا توختىمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەنلىرى نامرات كىشلەرنىڭ قىزلىرى، تۇل خۇتۇنلار ياكى ئېرى بىلەن چىقىشىپ كەتكەن ئاياللار ئىدى، چۈنكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردەمچىسى بولغان كىشى ناھايىتى كەمبەغەل بولغاچقىمۇ، بىر ئائىلىنى ئانچە بېقىپ كېتەلمەيتتى، يەنە كىلىپ ئەل جامائەتلەرنىڭ ھەممىسى ئوركىنوننىڭ كۈن كۆرىشىگە ئامالسىز قالغان چاكىنا بىر ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلەتتى. ئوركىنون ئەلچىلەر كۆرسەتكەن لايىقلارنى، ئاۋۇسى سەتكەن، ماۋۇسى لۇكچەكتەك سۆزلەيدىكەن، يەنە بىرىسى ناھايىتى پاسكىنا ئىكەن، دىگەندەك ھەرخىل بانا- سەۋەپلەر بىلەن رەت قىلىپ تاشلىدى. ئەلچىلىك قىلغان كىشىلەر نىمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدى، ئۇلار ھەپتىسىگە ئارانلا 9 گىروشىن مائاش ئالدىغان بىر ياردەمچى ئوقۇتقۇچى نىمىشقا ئۇنى بۇنى تاللاپ يۇردىغاندۇ؟ بىر ئەر كىشى يەككە يىگانە تۇرمۇش كەچۇرۇپ قانچىلىكمۇ يۇرەلەر؟ دەپ ئويلاشتى. ئەمما، ھىچكىم بىرسىنى توي قىلىشقا قىستىيالمايدۇ ــ دە. ئورىكىنون بازاردا بېكاردىن بېكارغىلا لاغايلاپ يۈرىدىغان بولدى، ئۇنىڭ بويى ئىگىز ۋە ئورۇق بولۇپ، ئاقساپ ماڭاتتى. ئۇستىگە پۇرلىشىپ كەتكەن كۆينەك كىيۋالاتتى، ئېڭىكىنى يېپىۋالغان پاخما ساقىلى بۇغدىيەكلىرىنىڭ لىپىلدىىشغا ئەگىشىپ تىنماي مىدىرلاپ تۇراتتى. ئورىكنون توي قىزىقچىسى چىكىر ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يۈرەتتى، شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى ئۆتكۈزۋالاتتى. ئەمما، چىكىر ئەپەندى ئۆلمەي، تاش چېغىدىكىگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سۆزلىرى، سۇدەك بۈلدىغان بېيتلىرى بىلەن توي كۈنلەرنى ئاجايىپ قىزىتىپ يۈرۋاتاتتى. ئورىكىنون ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئۆزى قىلىش نىيتىگىمۇ كەلدى. ئەمما ئۆز پەرزەتلىرىنى ئۇنىڭغا بىرىشنى خالايدىغان ئادەم چىقمىدى. ئۇ ئەتىگەندە بالىلارنى مەكتەپكە ئېلىپ كەلسە، كەچتە ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ قوياتتى. ئۇ كۈندۈزلىرى يىچىر مۇئەللىمنىڭ قوروسىدا ھۇرۇنلۇق بىلەن ئوقۇتۇش دەستتىسى ياساپ ئولتۇراتتى ياكى يەھۇدىلارنىڭ بايرىمىدا ئىشلىتىدىغان قەغەز بېزەكلەرنى قىياتتى، يا بولمىسا، لايدىن ھەيكەل ياسايتتى. تايبىرنىڭ دۇكىنى يېنىدا بىر قۇدۇق بولۇپ، ئۇ يەرگە ئوركىنون بىر نەچچە قېتىم باراتتى، يا چېلەك بىلەن سۇ تارتاتتى، يا بولمىسا، سۇ ئىچەتتى، ئۇنىڭ ھۆل بۇلۇپ كەتكەن ساقاللىرىدىن تاراملاپ سۇ ئاقاتتى. مۇسۇنداق چاغلاردا، ئۇ ھەمىشە تايبىرغا بىر قارىۋالاتتى.تايبېر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ، بۇ كىشى كۈنىنى نېمىشقىمۇ يەككە - يىگانە ئۆتكۈزدىغاندۇ؟ دەپ ئويلايتتى، ئەمما ئوركىنون ئۆز -ئۆزگە «ئاھ خۇدا، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى نەدىنمۇ بىلىسەن ھە، تايبېر!»دەپ قوياتتى. ئورىكىنون كۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر پاڭ موماينىڭ پودىۋالىدا ئولتۇراتتى. موماي ئۇنى دائىم، باشقا يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئىبادەتگەم نېردكنا بېرىپ، تائەت ئىبادەت قىلمامسەن، دەپ ئەيىپلەيتتى، چۈنكى ئورىكىنون كەچقۇرۇنلۇغى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىۋەتكەندىن كىيىن، ئانچە - مۇنچە دۇئا - تەگبىر قىلىپ قۇيۇپلا ئۇخلاپ قالاتتى. موماي بەزىدە، ئورىكىنوننىڭ يېرىم كېچىدە تۇرۇپ قانداقتۇر بىر يەرگە باردىغانلىقىنى سېزىپ قالاتتى ۋە ئۇنىڭدىن نەلەردە ئايلىنىپ يۇردىغانلىقىنى سورايتتى. ئەمما ئورىكىنون بۇنىڭغا جاۋابەن، سىز چۈشۈر قالغان بولسىڭىز كېرەك، دەپلا قوياتتى. كەچلەردە، بىر يەرگە يىغىلىپ پايپاق توقۇپ پاراڭ سوقىدىغان ئاياللار، «ئورىكىنون يېرىم كېچىدىن كېيىن بورگە ئايلىنىدىكەن» دىگەندەك گەپلەرنى تارقاتسا يەنە بەزى ئاياللار «ئۇ بىر چىش جىن بىلەن بىرگە ئوتۇۋىتىپتۇدەك، ئۇنداق بولمىسا، نىمىشقا مۇشۇ ۋاقىتقىچە خوتۇن ئالماي ئۆزى يالغۇز يۇرىدۇ؟» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىشاتتى. شۇ سەۋەپتىن، ھال - ئوقىتى ياخشى ئائىلىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئورىكىنونغا بەرمەيدىغان بولۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەمبەغەللەرنىڭ باللىرىنىلا ئېلىپ كىتىپ يۇردىغان، بىرەر قېتىم ئىسىق تاماق يېيەلمەي، قۇرۇق بولكا بىلەنلا قوساق باقىدىغان بولۇپ قالدى. ئورىكىنون بارغانسىرى ئۇرۇقلاشقا باشلىدى. ئەمما ئۇ يول يۇرگەندە ناھيىتى يىنىك چامدايتتى، كۆچىدا يوغان - يوغان چامداپ ماڭغاندا، ئۇنىڭ پۇتلىرى خۇددى ياغاچ ئاياق كىيۋالغاندەك كۆرۇنەتتى. ئۇ ھەممىشە چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئۇسساپ تۇرسا كېرەك، ھە دىىسلا قۇدۇق بېشىغا بېرىۋالاتتى. تەبىئىكى، بەزى چاغدا ئۇ قۇدۇق بېشىغا ئۇششاق ئېلىپ ساتارلارنىڭ ۋە دىخانلارنىڭ ئاتلىرىنى يۇيۇشۇپ بېرىش ئۈچۈنلا باراتتى. بىركۈنى تايبېر ئۇنىڭ پالكوشكىسىنىڭ يىرتىلىپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى دۇكىنىغا چاقىرىتىپ كىردى. ئۇ تايبىرغا ساراسىم ئىچىدە قاراپ قويدى، ھەتتا چىرايىمۇ تاتىرىپ كەتتى. قارىسام پالىشوپكىڭىز يىرتىلىپ كىتىپتۇ، دىدى تايبېر، خالىسىڭىز سىزگە بىر نەچچە گەز رەخىت بىرېپ تۇراي، پۇلىنى ئاستا - ئاستا بېرەرسىز، ھەپتىگە يەھۇدى پۇلىدىن بىر گىرىپنىك بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇ جاۋاپ بىلەن تەڭلا دۇكاندىن چىقىپ كەتتى. ئورىكىنوننىڭ يېرىم كېچىلەردە تايبىرنى ئىزدەپ بېرىشى ئۈچۈن، ياز كۈنلىرى بەك قولايلىق بولاتتى. ئۇ قىپ - يالىڭاچ بۇلۇپ، ئۇستىگە بىر پارچە پالازنى ئارتىۋالسىلا تايبىرنىڭ ئۆيىگە چىغىر يول بىلەن كىرىپ كېتەتتى. قىشلىغى ئۇ، تايبىرنىڭ كارىدورىدا يېشىنىدىغان ۋە كىيىندىغان بولغاچقا بەك توڭلاپ كېتەتتى. ئەڭ چاتاق يېرى شۇكى، يېڭىلا قار چۈشكەن كېچىلىرى، ئورىكىنون ئۆز ئىزىنىڭ تايبىرۋە خوشنىلىرىنىڭ بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ زۇكامداپ، يۆتىلىشكە باشلىدى.بىر كۈنى كەچتە ئۇ، تايبىرنىڭ كارۋىتىغا چىقتى. ئەمما چىشلىرى كاسىلداپ خېلى ۋاقىتقلارغىچە ئىسىپ بولالمىدى، ئۇ تايبىرنىڭ بۇ ئالدامچىلىقىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بەزى بانە سەۋەپلەرنى تۇقۇپ چىقتى ۋە ئەپلەپ سەپلەپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى، ئەمما تايبېر بۇلارنى سۇرۇشتۇرمىدى، بىر جىندا، ئىنساندا بولدىغان بارىلىق خۇسۇسىيەت ۋە مىجەزلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇ ئاللىقاچانلا بايقىغان ئىدى. چۈنكى، ھەمزىمۇ تەرلەيتتى، چۇشكىرەتتى، كېكىرەتتى، ئەسنەيتتى؛ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بەزىدە پىياز پۇرىسا؛ بەزىدە سامساق پۇرايتتى؛ ئۇنىڭ بەدىنىمۇ ئېرىنىڭكىگە ئوخشاش قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. يەنە تېخى تۇك ،گال ۋە كىندىكلىرىمۇ بار ئىدى .ھەمزە بەزىدە خوشالانسا، بەزىدە، ئېغىر ئۇھ تاتىپ قوياتتى؛ ئۇنىڭ پۇتلىرى غازنىڭكىدەك بولماي، بەلكى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭدا تىرناقمۇ، ئۇششۇك يارىسىمۇ بار ئىدى. تايبېر بىر قېتىم ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئادەمگە ئوخشايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ھەمزە: بىر جىنلار ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئادەم قىياپىتىگە كىرۋالىمىز. بولنمىسا، ئۇلار قورقۇپ ئۆلمەمدۇ؟ دەپ چۇشەندۇردى. تايبېر ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ ئادەتلىنىپ قالغان؛ بەلكى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ جىنلارغا خاس قىلىقىدىن قورقمايتتى، ئۇ ھەمزە قىلغان گەپلارنىڭ راست - يالغىنىنى پەرىق ئىتىشكە ئامالسىز ئىدى، ئەمما تايبېر ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ بىر - بىرسىگە قوللاشمايۋاتقانلىقىنى دائىم سېزىپ تۇراتتى. يالغان سۆزلەيدىغان ئادەمنىڭ جىسىمىدە دائىم ئۇنتۇغاقلىق ئادىتى بولىدۇ، ھەمزىدىمۇ خۇددى شۇنداق بولدى. ئەسلىدە تايبىرغا «جىن دىگەن ئۆلمەيدۇ» دىگەن ئىدى. ئەمما بىركۈنى كەچتە ئۇنىڭدىن: ‏ ــ ئەگەرمەن، ئۆلۈپ كەتسەم، سەن قانداقمۇ قىلارسەن؟ دەپ سورىدى. ـــ جىن دىگەن ئۆلمەيدىغان تۇرسا! ــــ ئۇلار دوزاقنىڭ ئەڭ تېگىگە كىرگۈزۋىتىلسە... شۇ يىل قىش بازاردا ۋابا پەيدا بولۇپ، دەريا، ئورمان، سازلىقلاردىن بەدبۇي پۇراقلار تارقىلىشقا باشلىدى،بۇ ۋابادا بالىلار ئەمەس، چوڭ كىشلەرمۇ ئولىشىپ كەتتى. ھاۋا بۇزۇلۇشقا باشلىدى، بىردەم يامغۇر ياغسا، بىردەم مۆلدۈر چۈشتى، كەلكۈن كېلىپ دەريا قاشلىرىنى ئېلىپ كەتتى، بوران چاپقۇنلار چاقپىلەكنىمۇ سۇندۇرۇپ تاشلىدى. چارشەنبە كۈنى ھەمزە كارۋاتقا چىققاندا، تايبىر ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئوتتەك قىزىپ كەتكەنلىگىنى، ئەمما پۇتلىرى بولسا، مۇزلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ لاغىلداپ تىتىرەيتتى ۋە ئىڭرايتتى، چىشى جىنلار ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى، ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلەرنى قانداق ئالدايدىغانلىقىنى، باشقا جىنلار بىلەن قانداق تاماشا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلار دىننى رەسمىيەت بويىچە يۇيۇنغاندا، سۇلارنىڭ قانداق چاچىرايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك قېرىپ قالغان كىشلەرنىڭ ساقاللىرىنى قانداق ئۆرۈپ قويىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشكە ئۇرىناتتى. ھەمزە مۇشۇ قىزىقچىلىق ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچماقچى بولۇۋاتاتتى، ئەمما ئۇ بەك زەئىپلىشىپ كەتكەچكە، ھېكايىسىنى تايبىر قىزىققىدەك دەرىجىدە قىزىق قىلىپ ئېيتالمىدى. ئۇنىڭ ھازىرقىدەك ئازاپلانغىنى تايبىر ھىچ قاچان كۆرۈپ باقمىغاچقا، كۆڭلى قاتتىق ئەنسىزچىلىكتە قالدى.ئۇ: بۆلجۈرگەن بىلەن سۈتنى قاينىتىپ بېرەيمۇ - يا؟ دەپ سورىدى. بىر شاياتۇنلارغا بۇ خىل ئۇسۇل كار قىلمايدۇ، دىدى ھەمزە بۇنىڭغا جاۋابەن. ئۇنداقتا، سىلەر ئاغىرىپ قالساڭلار قانداق قىلىسىلەر؟ بەدىنىمىزنىڭ قىچىشۋاتقانلىقىنى سېزىمىز دە، تاتلىنىشقا باشلايمىز... شۇ گەپتىن كىيىن ئۇ كەم سۆز بۇلۇپ قالدى. تايبىرنى سۆيگەندە ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر خىل بەدبۇي پۇراق چىقىپ تۇراتتى.ھەمزە ئەزەلدىن تايبىرنىڭ قېشىدا توخو چىللىغۇچىلىك تۇراتتى. ئەمما بۇ قېتىم ناھايىتى بالدۇر كېتىپ قالدى. تايبىر ئۆز ئورنىدا قىمىر قىلماي ياتقىنىچە، ھەمزىنىڭ كارىدوردىكى ئاۋازغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدى. ئۇ تايبىرنىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنى يېپىپ، مىخلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، تۈشۈكلىرىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتەلەيمەن، دەپ قەسەم ئىچكەن ئىدى. ئەمما تايبىر دەرۋازىنىڭ غىچىرلاپ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلىدى.ئۇ، جىن - ئالۋاستىلارغا دۇئا قىلسا گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما ئۇ، ھەمزىنى ئۆز دەرگايىڭدا ساقلىغايسەن، دەپ خۇدادىن تىلىدى. شەنبە كۈنى كەچتە، تايبىر ھەمزىنى ساقلاپ بېكاردىن بېكارغىلا تاڭ ئاتقۇزدى. ئۇ شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن كەلمەيلا قويدى. تايبىر ئۇنىڭ ئىسمىنى ياد ئېتىدىغان، ئۇ ئۆگىتىپ قويغان ئەپسۇنلارنى ئوقۇيدىغان بولدى، ئەمما كارىدوردىن بۇرۇنقىدەكلا ئۇن - تىن چىقمايتتى. تايبىر ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئېسىگە ئېسىگە ئېلىشقا باشلىدى. ھەمزە بىر قېتىم ئۇنىڭغا لاپ ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تابۇركىن بىلەن ئىنوكقا ئۇسۇل ئويناپ بەرگەنلىگىنى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆت چاسا كېمىسىدە ئولتۇرغانلىقىنى، لوت ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنىنىڭ تۇز تەمى تېتىيدىغان بۇرنىنى يالىغانلىقىنى، پادىشاھ ئاقسولۇسنىڭ ساقاللىرىنى يۇغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.)يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى«تەۋرات» ۋە «ئىجىل» دىكى شەخىسلەرنىڭ ئىسىملىرى ــ ت( ھەمزە تايبىر توغۇرلۇق، 100 يىلدىن كىيىن سەن قايتا تۇرۇلۇپ ئايال پادىشاھ بولىسەن، دىگەن ئىدى. ھەمزەچۇ، چېتىم ۋە تىكىتىم دىگەن2 قۇلنىڭ ياردىمى بىلەن تايبىرنى ئەسىر قىلىپ، باشمىس سارىيىغا ئەيسانىڭ خوتۇن قىلىشىغا ئاپىرىپ بەرمەكچى ئىدى. ئەمدىچۇ، ھەمزە ئاغىرىپ يېتىپ قالغاندەك ئىدى. ئۇ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان شاياتۇن، يار يۆلەنچىگى بولمىغان يىتىم بالا ئىدى. ئۇنىڭ يا ئاتا - ئانىسى، يا ئۆزىگە قارايدىغان سادىق خۇتۇنى يوق ئىدى. تايبىر ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم كەلگەندە ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ خىقىراپ قالغانلىقىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. شۇ چاغدا جىددى نەپەسلەنگەنلىكتىن ئۇنىڭ بۇرۇنلىرى پۇتۇشۇپ، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كەتكەن ئىدى. يەكشەنبىدىن تارتىپ چارشەنبىگىچە، تايبىر ھەر ئاخشىمى دىگۈدەك ئۇنى تۈن نىسبىگىچە ساقلىدى، ئەمما بۇ كېچىمۇ ئۆتۇپ كەتتى، ھەمزە بولسا كەلمىدى. تايبىر تام تەرەپكە ئۆرۈلۇپ يېتىۋالدى. تاڭ سۈزۈلدى، ئەمما ئەتىراپ كېچىدەك قاراڭغۇ ئىدى. تۇرخۇنلاردىن چىققان ئىسلار ئاسمانغا تىك كۆتۈرىلمەي، ئۆگزىلەرگە يېيىلىپ ئاستا تاقىلاتتى. ئەتىراپتىن ياۋا كەپتەرلەرنىڭ گۇر گۇر قىلغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، ئېچىنىشلىق بىر كېچە ئۆتۈپ كەتتى. تايبىرنىڭ دۇكانغا چىققۇچىلىكمۇ ماغدۇرى قالمىغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئىشىكتىن چىقتى. ئۇ 4 ئادەمنىڭ بىر ناسىلكىنى كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگۈچىنىڭ سوغاقتىن كۆكىرىپ كەتكەن پۇتلىرىنىڭ شامالدا يەلپۇنۈپ كېپەن ئاستىدىن چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ناسىلكىنىڭ كەينىدىن يالغۇز ئىبادەتخانا ئېلانچىسىلا كېلىۋاتاتتى. تايبىر ئولگۈچىنىڭ كىملىكىنى سورىۋىدى، ئىبادەتخانا ئېلانچىسى: ـ ئورىكىنون، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقىچىسىنىڭ ياردەمچىسى، دەپ جاۋاپ بەردى. تايبىرنىڭ كاللىسىدا ئۇشتتۇمتۇتلا بىر خىل غەلىتە پىكىر پەيدا بولدى. ئۇ، ئورىكىنوننى يولنىڭ ئاخىرغىچە ئۇزۇتۇپ بارماقچى بولدى. ئۇ بىچارە ئادەم بولۇپ، يەككە يىگانە ھالدا ياشىغان ئىدى، مانا ئەمدى غېرىپ ھالدا ئۆلۈپ كەتتى. دۇكانغا ئەمدى كىممۇ كېلىدۇ؟ ئوقەتنىڭ ئەمدى نىمە ئەھمىيىتى قالىدۇ؟ تايبىر، تارتىشىپ ئولتۇرغىدەك ھىچنىمىسى قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدى، ئۇ بۇ ياخشى ئىشنى نىمىلا بولمىسۇن ئورۇنلاش نىيتىگە كېلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ كەينىدىن خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىنلا، قەبرىستانلىققا يىتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇ، ئورىكىنوننىڭ جەسىتىگە قارىغىنچە كۇتۇپ تۇردى،گۆرگارلار قارلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ، قېتىپ كەتكەن تۇپراقلاردىن بىر يەرلىك قازدى. ئۇلار دۇئا تىلاۋەت قىلغاندا ئارتىۋالدىغان تون ۋە ياغلىقلىرى بىلەن ئورىكىنوننى يۆگىدى، ئۇنىڭ كۆزىگە كۇكۇم سېلىپ، بارماق قوللىرىنىڭ ئارىسىغا مۇھاببەت خۇداسىنىڭ چىۋىقلىرىنى قىستىرۇپ قويدى قۇتقازغۇچى خۇدا يىتىپ كەلگەندە، ئورىكىنون مۇقەددەس يولغا بارىدىغان يولنى چاغدا ئاشۇ تال چىۋىقلا بىلەن ئاچاتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن يەرلىك تىندۇرۇلۇپ، گورگارلار خۇداغا ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتتى. تايبىر بۇلارنى كۆرۈپ ھۆكىرگەن ھالدا يىغلاپ تاشلىدى. ئورىكىنون بىلەن ئۇ ئوخشاشلا يالغۇزچىلىقتا ياشىغان ئىدى، ئۇنىڭ تايبىرغا ئوخشاشلا ئۇرۇق ئەۋلادى يوق ئىدى. ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئورىكىنون، ئۆز ھاياتىنى راستىنلا ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى. تايبىر ھەمزىنىڭ ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلىرىدىن، ئۆلگۈچى ئادەمنىڭ ئاسمانغا ئۇدۇل چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆلگۈچى كىشنىڭ ھەر بىر گۇناسىدىن بىر جىن تۆرۈلەتتى، بۇ جىن ئۆلگۈچىنى ئورمانلاردىن ۋە چۆل جەزىرىلەردىن دومىلىتىپ، جاجىسىنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى، ئۇ شۇنداقلا دوۋزاخقا گۇناھىنى يۇيۇشقا كېلەتتى. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن، تايبىر بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يەككە يىگانە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. پانى ئالەمنى بىلىپ يەتكەن ئادەم بىلەن باقى ئالەمدىن كەلگەن جىننىڭ ئىككىسىلا ئۇنى تاشلاپ كەتتى. ئۇ ناھايىتى تېزلا قېرىشقا باشلىدى. ئۆتكەنكى كۈنلەردىن ئۇنىڭغا ھىچنىمە قالمىغان، پەقەت بىر مەخپىيەتلىكلا قالغان ئىدى. بۇ مەخپىيەتلىكنى ئۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەيتتى، بۇنىڭغا ھىچكىممۇ ئىشەنمەيتتى. بەزىبىر مەخپىيەتلىكلەر يۈرەكتىلا ساقلىنىپ، ئېغىزدىن چىقمايدۇ، ئاخىرقى ھىساپتا ئۇ ئۇ مەخپىيەتلىكنى گۆرگە بىللە ئالغاچ كېتىدۇ. بۇ مەخپىيەتلىكلەر ھەققىدە تال - سۆگەتلەر شىلدىرلىشىپ سۆزلىشىدۇ، ياۋا كەپتەرلەر گۇر گۇرلىشىپ توۋلىشىدۇ، قەۋرە تېشىمۇ سۇكۇت ئىچىدە تۇرۇپ ئۆز تىلى بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئۆلگۈچى كىشى بىركۈنى بولمىسا، بىركۈنى ئېسىگە كېلىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆز مەخپىيەتلىكىنى خۇدانىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن قويۇپ كېتىدۇ، بۇ ئىشتا ئاخىر زامان بولغىچىلىك شۇنداق بولىدۇ. (تۈگىدى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق