ماڭا قارىتا ھۇجۇم يەنىلا داۋاملاشماقتا(بورىس پاستېرناك )

يوللىغۇچى : AlsuyarHasan يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-17 22:21:00

ماڭا قارىتا ھۇجۇم يەنىلا داۋاملاشماقتا(بورىس پاستېرناك ) ماڭا قارىتا ھۇجۇم يەنىلا داۋاملاشماقتا بۇ 1958-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق روس شائىرى پاستىرناكقا نوبېل مۇكاپاتى بې...

    ماڭا قارىتا ھۇجۇم يەنىلا داۋاملاشماقتا(بورىس پاستېرناك )

          ماڭا قارىتا ھۇجۇم يەنىلا داۋاملاشماقتا بۇ 1958-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق روس شائىرى پاستىرناكقا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلىپ ئۇزۇن قالماي يېزىلغان خەت بولۇپ، خەتتىن پاستىرناكنىڭ شۇ ۋاقىتتا غەرپنىڭ قىممەت قارىشى دەپ قارىلىدىغان نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى شائىرغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىغا تېخىمۇ غەم-غۇسسە سالغانلىقىنىنى بىلگىلى بولىدۇ. ــ خىرۇششېۋغان يېزىلغان ئۇچىنچى پارچە خەت بورىس پاستېرناك (سوۋېت ئىتتىپاقى) ھۆرمەتلىك نىكاتا سېرگېيېۋىچ! مەن سىزنى ھاياجانغا سالىدىغان. شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز ئەھمىيەتكە ئېگە بولغان ۋەكىللەر قۇرۇليىتىنىڭ جىددى تەييارلىقىنى قىلۋاتقان كۈنلىرىڭىزدە، ئەرزىمەس كۈنلەر ئۈچۈن ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم، كەچۈرگەيسىز! مەن ئامالسىز قېلىپ سىزنى يەنە ئاۋارە قىلدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىكەنمەن. مەن سىزگە بۇ خەۋەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن گېزىتكە ئاشكار ئېلان قىلىنغان خەتتە، سىزنىڭ كەڭ قورساق .، رەھىمدىل ۋە مەرد بۇلۇشىڭىزنى ئۆتۈنگەن ئدىم. ھازىر مىنىڭ ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلغىنىم ، ھازىرچە مەن ۋە مىنىڭ تۇرار جايىم تېخى زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچىرمىدى. لىكىن ماڭا قارتا ھۇجۇم يەنىلا داۋاملاشماقتا، ھەتتا ئۇ يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش ۋە ئۆچ ئېلىش خارەكتىرىنى ئېلىشقا باشلىدى. بۇنداق ھۇجۇمدا قانچىلىك ھەق بار، بۇنى بىلمەيمەن سوتنىڭ پاكىت قىلۋالغىنى بىر پارچە كىتاب. ئەممە بۇ كىتابنى ھىچكىممۇ كۆرمىگەن ھەم ئوقۇپ باقمىغان. ئۇلار ئۇ يەر - بۇ يەردىن ئۈز ۋىتىلغان نەقىللەر بىلەن كىتابنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاۋاتىدۇ. كىتابنىڭ تەغدىرىمۇ يامان ئەھۋالدا قالدى. بۇ كىتاب غەربتە نەشىر قىلىشتىن ئىلگىرى مەن دۆلەتتە ئەدىبىيات نەشىرياتى بىلەن كىتابىمىزنىڭ تەكشۈرۈلگەن نۇسخىسىنى نەشىر قىلىشقا توختاملاشقان. مەن بۇ ئىشلارنى مۇنازىرە قىلىشنى خالىمايمەن. بۇ مەسىلە تېخى ئايدىڭلاشمىغانكەن، ئەلۋەتتە، بۇ توغۇرلۇق تەھلىل يۈرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە كېلىپ بۇنداق مۇنازىرە داۋاملىشىۋەرسە يېڭى ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن سىزگە ئۆزۈمنى ئاقلاۋاتقان، ئۆزۇم قاتتىق پاراكەندە بولىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ، ئاز تولا بەدەل تۆلىشىمنىڭ لازىملىقىنى بىلىمەن. مەن بۇ گۇناھلىرىمغا لايىق جازاغا ئۇچرىشىم كېرەك مەن خىزمەتتىن ۋاز كەچتىم. شۇنداقلا، يەنە مېنىڭ ئەسەرلىرىم بۇندىن كىيىن قايتا نەشىر قىلىنمايدۇ، ياشلار ئەسەرلىرىمنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدۇ دىگەن ئويغا كەلدىم. بۇ بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئەلۋەتتە غايەت زور يوقىتىش، ئەمما مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇربان قىلۋىتىشكە تەييار. بەختىمگە يارىشاھ، مەن بىرنەچچە خىل چەتئەل تىلىنى بىلىمەن. مەن يازغۇچى بۇلۇپلا قالماستىن يەنىمۇ تەرجىمانلىقنىمۇ قىلالايمەن. مەن ، ئۇلار بۇ خىل يېرىم قول ھۇنەر خارەكتىرلىك بۇ ئەمگەكنى، شەخسى پىكىر بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، مەن ئۈچۈن پەقەت پۇل تېپىش ئۇسۇلىلا بولالايدىغان ئەمگەكنى توسىماس دەپ ئويلايمەن. ماڭا قارىتا يامان نىيىتى بار ئادەملا مېنىڭ ھېچقانداق زىيان - زەخمىتى يوق بۇنداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقۇمنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن. مەن بۇ ساھەدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى ئەمەسمەن (مەن شېكىسپېرنىڭ يەتتە تراگېدىيىسىنى، گيوتېنىڭ «فائۇست» سىنى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدىم). مەن تەھرىر بۆلۈم ۋە نەشىرياتىنىڭ خلمۇ - خىل چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى، يەنى توختامنى يىرتىپ تاشلاپ، ئالىبۇرۇن تىزىلىپ بولغان كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ ئورنىغا قۇيۇش ئارقىلىق مېنىڭ بۇرۇنقى ئىش ئىزلىرىمنىڭ ھەمىسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۋاتقان ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ سىزنى مالال قىلىشنى خالىمايمەن. ئەگەر سىز ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى خالىسىڭىز، پەقەت ئېنىق يول يۇرۇق چۈشۈرسىڭىزلا ھەممە ئىش ئۆزگىرەتتى، سىزمۇ بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتىلاتتىڭىز! مەن ئىشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن سىزنىڭ قانداق قارار قىلغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. ھىچقانداق بىر قارارغا كەلمىسىڭىزمۇ بۇنىڭدىن قىلچى رەنجىمەي تەقدىرگە تەن بېرىمەن، زۆرۈرىيىتى يوق ئۇقۇشماسلىقلارنى چۆرىۋەتكەندەك بارلىق ھەق - ناھەق خىياللىرىمنىمۇ چۆرۈپ تاشلايمەن ‏ بىلوژېركىنوۋ موسكۋا 1959-يىل1ـ يانۋار.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق