ۋاپادارلىق بىباھادۇر

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 23:38:07

ۋاپادارلىق بىباھابى شۇمىڭياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى  مەن جاپا - مۇشەققەتتە ئۆسكەن بىر بالىنىڭ ئوقۇپ نەتىجە قازانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ياقتۇرمايمەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى جاپادا ئۆتى...

    ۋاپادارلىق بىباھا

    بى شۇمىڭ
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى



        مەن جاپا - مۇشەققەتتە ئۆسكەن بىر بالىنىڭ ئوقۇپ نەتىجە قازانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ياقتۇرمايمەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى جاپادا ئۆتىدۇ، ئاتىسى ۋاپات بولىدۇ، ئىنى - سىڭىللىرى ئاچلىقتىن ئىڭراپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ، ئانىسى قان سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ... ئەمما ئۇ ئوقۇپ نەتىجە قازىنىدۇ...
         مېنىڭچە، ئۇ شەخسىيەتچى ئوقۇغۇچىكەن. ئوقۇش يولى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ، ئۆمۈرلۈك بىر ئىشتا بىرنەچچە يىللىق جاپا - مۇشەققەتنى نېمانچە كۆڭۈلگە ئېلىپ كەتكۈلۈك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتنىڭ مىنۇت - سېكۇنتلىرى چەكسىز ھەسرەت - نادامەتتە ئۆتىدىكەن، ئۇنى ئانىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن سۇغۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن! ھەتتا ئانىسىنىمۇ چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرەلمىگەن بىر ئادەمدىن قانداقمۇ بىرەر كىشىنى ياخشى كۆرسىكەن دېگەن ئۈمىدنى كۈتكىلى بولىدۇ؟ ئۆز مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئادەم قانداقمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇستازى بولالايدۇ؟
       مەن ئاتا - ئانىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن كەسكىنلىك بىلەن كېتىپ قالغان قەھرىمانلارنى ياقتۇرمايمەن، سىزنىڭ قانچىلىك ئاساسىڭىز بولسىمۇ مەيلى. يەر شارى كىمدىنلا ئايرىلسا ئوخشاشلا چۆرگىلەۋېرىدۇ، بىر ئادەمنىڭ كۈچىنى ئەقىلغە سىغمىغىدەك دەرىجىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. ياشانغان بىر كىشى جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ كىشىلىك دۇنيادىن كۈتىدىغان ئۈمىد - ئارزۇلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئۈمىدسىزلىك بىلەن يىراق سەپەرگە ئاتلىنىش ھاياتقا بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتسىزلىك.
       ئىشىنىمەنكى، ھالال نىيەتلىك، ئاق كۆڭۈل كەلگەن ھەر بىر بالا ئۆز كۆڭلىدە ئاتا - ئانىسىغا «ۋاپادار بولۇش» ۋەدىسىنى بېرىپ، ئالەمنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا، شارائىت پىشسا ئىش ھەل بولماي قالمايدىغانلىقىغا، ئۆزىنىڭ تۆھپە يارىتىپ نام قازىنىدىغان، ئەمەلدارلىق كىيىمى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا، شۇ چاغدا ئەركىن - ئازادە ۋاپادارلىق قىلىۋالالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
    ئەپسۇسكى، كىشىلەر ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكى، ھاياتنىڭ قىسقىلىقى، بۇ جاھاندا مەڭگۈ قايتۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان مېھىر - شەپقەتنىڭ بارلىقى، ھاياتلىقنىڭ بىر پەشۋاغا يارىمايدىغان ئاجىزلىقى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان.
       شۇنداق، ئاتا - ئانىمىز بىزگە بولغان چوڭقۇر غەم - ئەندىشىسى بىلەن بىللە كېتىدۇ، بىزگە مەڭگۈ قايتۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان كۆڭۈل قەرزىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاپادارلىق ھەققىدە ئەبەدىلئەبەد ئېغىز ئاچالمايسىز.
    بەزى ئىشلارنى ياشلىقىمىزدا بىلەلمەيمىز. بىلىۋالغان چېغىمىزدا ياشلىقىمىزدىن قالغان بولىمىز. جاھاندىكى بەزى نەرسىلەرنى تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، بەزى نەرسىلەرنى مەڭگۈ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ.
    «ۋاپادارلىق» تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغان قىيالماسلىق، ئەھمىيەت بېرىپ بولالمايدىغان بەخت، قىلدىن كەتسەك قىرىقتىن كېتىدىغان ئۆتمۈش، ھاياتنىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى ھالقا، ئۈزۈلۈپلا كەتسە ئۇلىۋالغىلى بولمايدۇ.
       دەرھال ئاتا - ئانىڭىزغا ۋاپادارلىق قىلىۋېلىڭ. بەلكىم ئۇ كاتتا بىر ئىمارەت بىلەن ياكى بىرنەچچە خىش - كېسەك بىلەن؛ ئوكياننىڭ ئۇ قېتىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پارچە خەت بىلەن ياكى يېقىنلا بىر يەردىن ئېيتىپ بەرگەن بىرەر ئېغىز گەپ بىلەن؛ بىرەر تۇم قارا دوكتورلۇق دوپپىسى بىلەن ياكى تاپشۇرۇق دەپتەرگە قىزىل قەلەم بىلەن قويۇلغان بىرەر 100 نومۇر بىلەن؛ بىر جوزا نازۇ - نېمەت بىلەن ياكى بىرەر تال ياۋا مېۋە، بىرەر تال تاغ گۈلى بىلەن؛ گۈللىنىش دەۋرى ئىپادىلەنگەن بىرەر قۇر چىرايلىق كىيىم بىلەن ياكى بىر كىشىلىك پاكىز لاتا خەي بىلەن؛ نەچچە يۈز مىڭلىغان پۇل بىلەن ياكى بەدەن ھارارىتى بىلىنىپ تۇرغان بىرەر تال تەڭگە بىلەن... ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.
    ئەمما، «ۋاپادارلىق» تارازىسىدا ئۇلارنىڭ قىممىتى تەڭ.

    جاھاندىكى پەرزەنتلەر، ئاتا - ئاناڭلار ياشاۋاتقان مەزگىلدىكى پۇرسەتنى جەزمەن چىڭ تۇتۇڭلار!

    «ئۈچ يۈز ھېكمەت» ناملىق كىتابتىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بى شۇمىڭ ياسىن ھاۋازى