ھاياتلىق تۈرلۈك تاللاشلارنىڭ يىغىندىسى

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-03 17:21:06

بىزنىڭ تاللىشىمىز كۆڭلىمىزدە ئويلىغىنىمىزنى بىلدۈرىدۇ، بۇ باشقىلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تاللىشىمىزدىن كۆپ ئاسان.


    ھاياتلىق تۈرلۈك تاللاشلارنىڭ يىغىندىسى

    يۈ مىنخۇڭ
    چىمەنگۈل كەنجى تەرجىمىسى

     
    نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مەن كەچلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ھىدراباتقا باردىم، ئەمما ئايروپىلاندىن چۈشۈپ بىرمۇ تاكسى ئۇچرىتالمىدىم، بىر ھازادىن كېيىن ئاندىن بۇ يەردىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىغانلىقى ئېسىمگە كەلدى. شۇنداقتىمۇ ساقلىدىم، يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتىيۇ، تاكسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. دوستۇمغا تېلېفون قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا، بىرسىنىڭ بوغۇق ئاۋازدا: «ئەپەندىم، نەگە باراتتىڭىز؟» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارىسام 40 ياشلاردىكى خۇش چىراي بىر كىشى ماڭا قاراپ كېلىۋېتىپتۇ:
    -ھازىر تاكسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلىغان چاغ، شۇڭا تاكسى توسۇيالمايسىز، خالىسىڭىز ماشىنامغا ئولتۇرۇڭ، ماشىنام يېقىنلا يەردە.
    ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئىسىم كارتىسىنى ماڭا سۇندى، كارتىدا ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى رومى ئىكەنلىكى، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ۋە ئۇ قاراشلىق تاكسى شىركىتىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. بىر قانچە مىنۇتلۇق سۆھبەتتىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ سۆزلەش ئۇسلۇبى ۋە ئىنگلىز تىلىنى شۇ دەرىجىدە راۋان سۆزلىگەنلىكىدىن ھەيران قالدىم. ئىلگىرى بەزى شوپۇرلارنىڭ ئايروپورتنىڭ شەھەر سىرتىغا جايلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، يولۇچىلاغا قەست قىلغانلىقىنى، يولۇچىلارنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئالداپ ماشىنىسىغا چىقىرىۋېلىپ، كەينىدىن قاقتى-سوقتى قىلغانلىقىدەك ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغانىدىم. شۇڭا شۇ تاپتا ئالدىمدا يا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇش، يا دوستۇمنىڭ كېلىپ ئېلىپ كېتىشىنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول تۇراتتى. ئاخىرادا مەن بىرىنچى يولنى تاللىدىم.
    شۇنداق قىلىپ كېيىنكى 45 مىنۇتلۇق سۆھبىتىمىز تولىمۇ قىزىقارلىق بولدى. مەن ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قىزىقىپ سورىدىم:
    -ئىنگلىز تىلىدىن ئالغان ماگىستىرلىق ئۇنۋانىم بار دەمسىز؟
    -شۇنداق تۈرمىدىكى ۋاقتىمدا ئالغان.
    دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم، رومى بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن دېدى:
    -مەن ئىلگىرى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىپلىنىپ، بەش يىل تۈرمىدە ياتقان، ئۇ چاغدا ئاران يىگىرمە ياشتا ئىدىم، ئوقۇش قىزغىنلىقىممۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.
    -كېيىن قانداق بولدى؟-سورىدىم مەن قىزىقىپ.
    -مەن بۇ ئىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئوقۇشۇمنى تۈرمىدە تاماملىدىم،-دېدى رومى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.
    -ئۇنداقتا سىز نېمىشقا ئادەم ئۆلتۈردىڭىز؟-ئۇلاپلا سورىدىم مەن.
    مەن گۇناھسىز، ئادەم ئۆلتۈرمىدىم،-دېدى ئۇ خاتىرجەم ھالدا.
    -نېمە؟-مەن بۇ جاۋابتىن ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.
    يەنە بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن، رومى سۆز باشلىدى:
    -كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ماڭا: «ھەركۈنى سەھەر ئورنىڭدىن تۇرغان چېغىڭدا بىر تاللاشقا ئۇچرايسەن، بۇ تاللاش شۇ كۈنى يۈز بېرىدىغان ئىشنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. يامان ئىش يۈز بەرگەندە سەن زىيانلانغۇچى بولساڭمۇ بولىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ساۋاق ئالساڭمۇ بولىدۇ» دەيتتى. مەن كېيىنكىسىنى تاللىدىم.
    -توغرا، بۇغۇ ئورۇنلۇق گەپ، لېكىن بۇنى ئەمەلدە كۆرسەتمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس. مەسىلەن، سىز گۇناھسىز تۇرۇپ تۈرمىدە يېتىپسىز، بۇنىڭغا قانداقمۇ چىدىغىلى بولسۇن؟-مەن ئۇنىڭ ئورنىدا شىكايەت قىلىۋاتاتتىم.
    -تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرىدىكەنمىز، پەقەت بېشىڭىزغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىدىكەنسىز، بېشىڭىزغا كەلگەن ھەربىر كۈلپەت ئەمەلىيەتتە بىر تاللاش سوئالى ئىكەن، سىز ئۇنىڭغا دۇچ كەلگەندە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقنى تاللىسىڭىز بولىدىكەن، نېمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر، سىزنىڭ تاللىشىڭىز كېيىنكى تۇرمۇش شەكلىڭىزنى بەلگىلەيدىكەن. ھازىر مەن تۈرمىدىن چىقىپ، يەنىلا بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن، يەنە تېخى ئىللىق بىر ئائىلەم بار.
    مەنزىلگە يېتىپ كېلەي دېگەندە، رومى ئەپەندى ماڭا مۇنى سۆزنى قالدۇردى:
    بىزنىڭ تاللىشىمىز كۆڭلىمىزدە ئويلىغىنىمىزنى بىلدۈرىدۇ، بۇ باشقىلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تاللىشىمىزدىن كۆپ ئاسان.
    مانا ھازىر، مەن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئويلاپ، ھاياتلىقتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان ئويۇننىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك تاللاشلارنىڭ يىغىندىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.