دۇنيا بوكىس شاھى ئالىنىڭ قىزىغا قىلغان نەسىھىتى

يوللىغۇچى : Nurnipa يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-30 00:10:35

مېنىڭ دادام داڭلىق بوكىسچى مۇھەممەد ئالى بولىدۇ. دادام ياشىنىپ قالغاچقا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆيدە داۋالانغاچ ناماز ئۆتەيدۇ. دوستلىرىنى كۈتىۋالىدۇ. ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى مەن سىڭلىم سەيلا بىلەن ئاتا-ئانامنى يوقلىغىلى باردۇق. بىزمۇ ئادەتتە بەكمۇ ئالدىراش بولغا

     

    \مېنىڭ دادام داڭلىق بوكىسچى مۇھەممەد ئالى بولىدۇ. دادام ياشىنىپ قالغاچقا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆيدە داۋالانغاچ ناماز ئۆتەيدۇ. دوستلىرىنى كۈتىۋالىدۇ. ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى مەن سىڭلىم سەيلا بىلەن ئاتا-ئانامنى يوقلىغىلى باردۇق. بىزمۇ ئادەتتە بەكمۇ ئالدىراش بولغاچقا دائىم كېلىپ ئاتا-ئانىمىزنى يوقلاپ تۇرالمايتۇق، شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندا تولىمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتۇق.
    بىز مېھمانخانا ئۆيدە قەھۋە ئىچىپ، پېچىنە-پىرەنىك يېگەچ مۇڭدىشىپ ئولتۇردۇق. دادام سىڭلىم ئىككەيلەنگە سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن گەپ باشلىدى:
    -خەننا، سەيلا، جېنىم قىزلىرىم، داداڭلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەر قىممەتلىك ۋە قىممىتى يوق دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتە قىممىتى بار نەرسىنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، كىشىلەر ئاسانلىقچە ئۇنى كۆرەلمەيدۇ ھەم بايقىيالمايدۇ،ئىرىشمىكىمۇ تەس. مەسلەن: مەرۋايىت چوڭقۇر گىرانت تاش ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ،كىشىلەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىزدەش ئارقىلىقلا بايقىيالايدۇ. قاشتېشى دېڭىزئاستىدا بولۇپ، قاتمۇقات قاسراقلىرى قوغداپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى ئاسان نامايان بولمايدۇ. ئالتۇننى مىسالغا ئالساقمۇ ئوخشاش، ئۇمۇ ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ئاسانلا بايقىۋېلىشى ئۈچۈن يەر يۈزىگە چىقىپ قالمايدۇ، ئىشچىلار ئالتۇن رۇدىسىنى مىڭ تەستە قېزىپ چىقىرىدۇ، ئاندىن رودىنى پارچىلاپ، سۇدا چايقىغاندىن كېيىن ئاز مىقداردىكى ئالتۇننى ئايرىۋالىدۇ.
    دادام ئامېرىكا جەمئىيىتىدە مودا بولۇۋاتقان يېرىمى ئوچۇق كىيمىمىزگە قاراپ، خاپا بولغان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
    -كىيىۋالغان كىيمىڭلارغا قاراپ بىقىڭلار، بەلكىم نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان داڭلىق كىيىم بولسا كېرەك، ئەمما سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ئۆزقەدىر-قىممىتى بولۇشى، ئۆزىنى ئۈنچە-مەرۋايىتتىنمۇ، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك كۆرۈشى كېرەك.سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاسىراشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭلار كېرەك. ئۆزىنى ئاسرىغانلىق ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىككە باراۋەر.
    دادام پۇتكۇل ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەگرى –توقايلىقلارنى، تۈرلۈك دىننى مەزھەپلەرنى، تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلامنى تاللىغان. بىز ئاتا-ئانىمىزنى كۆرمىگىنى خىلى ئۇزاق بولغاندى، دادامنىڭ بىزگە دېگەن گەپلىرى چىن دىلىدىن ئۇرغۇپ چىققان گەپلەر بولۇپ، بۇنى بىز ئۆمۈرۋايەت ئۇنتالمايمىز. بۇ ئاددى ھەم چوڭقۇر تەسىرات، مەن بۇ ئۇنتۇلماس تەسىراتنى بارلىق مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا سۇنىمەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.