«بۆرە تۇتېمى» زادى قانداق تۇتېم-بوزقىر

يوللىغۇچى : bozqir يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-28 06:06:25

«بۆرە تۇتېمى» زادى قانداق تۇتېميى خۇيئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمىسىئۆزۈمنىڭ ناھايىتى زور قىزىقىش ئىچىدە ھەتتا غەلىتە نەرسىلەرنى ئىزدەش خاھىشىم بويىچە«بۆرە تۇتېمى» ناملىق ئاجايى...

     

     
     
     
     «بۆرە تۇتېمى» زادى قانداق تۇتېم
     
    يى خۇي
     
    ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمىسى
     
     
     
     
    ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى زور قىزىقىش ئىچىدە ھەتتا غەلىتە نەرسىلەرنى ئىزدەش خاھىشىم بويىچە«بۆرە تۇتېمى» ناملىق ” ئاجايىپ ۋەقە “ ۋە ” غەلىتە تەپەككۇر “ لەرگە تويۇنغان بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققانلىقىمنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن. ئاپتور كىشىلىك خاراكتىر ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇرەككەپ روھى ھالەتلەرنى تېما قىلىپ ”ئالەمنىڭ جەۋھىرى“، ” پۈتكۈل كائىناتنىڭ روھى “ بولغان ئادەمنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بېلەن تەسۋىرلەشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، تەبىەت دۇنياسىدىكى سىرلىق ھەم يىرىتقۇچ مەخلۇق بولغان بۆرىنى قەلەمگە ئېلىپ بۇ ھەقتە ئەپسانە توقۇپ چىقىشقا ئورۇنغان. دەب-دەبە بېلەن تولغان 500 مىڭ خەتلىك بۇروماندا بۆرە باش قەھرىمان قىلىنىپ ئۇنىڭ تۇرمۇش ھالىتى، خۇسۇسىيىتى ھەم ھاياتلىق ئۈچۈن تىركىشىش جەريانى ئاساسلىق تەسۋىرلەش ئوبىيېكتى قىلىنغان. ۋەھالەنكى، روماندىكى ئادەملەر بولسا پەقەت كۈزەتكۈچى ۋە شەرھىلىگۈچى سۈپىتىدىلا ئوتتۇرغا چىققان. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيىتقاندا ، بۇ روماننى پەقەت پەننى ئومۇمىلاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى دىيىشكىلا بولىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئادەتتىكى ھايۋانات ھەققىدە يېزىلغان رومان بولۇشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدۇ. 
     
    ئەسەردە ئاپتور باش قەھرىماننى كۈچەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بۆرىدىن قورقۇش، بۆرىنى يوقۇتۇشتىن تارتىپ بۆرە بېقىش، بۆرىنى ئاسراش، بۆرىنى چوڭ بىلىش، ئەڭ ئاخىردا بۆرىگە مەدھىيە ئوقۇشتىكى ھېسىيات ھەم تونۇش جەريانىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ مەقسىدى بۆرە بېلەن مۇناسىۋەت باغلاش، بۆرىنىڭ ھاياتلىق ئېكىلوگىيىسى ، خۇسۇسىيىتىنى بايان قىلىش ھەم شەرھىلەش جەريانىدا بۆرە روھىدىن ئىبارەت بىر خىل روھ (”بۆرىلىك خۇسۇسىيەت“، ”بۆرە تۇتېمى“) نى چەككىلەپ ئېلىپ، ئۇنى بولۇشىغا پەردازلاپ كۆككە كۆتۈرسە ئەكسىچە ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىنى چۆكۈرۈپ ئۇلارنى بۆرە روھىنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە چوقۇنغۇچىلىرى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ئۇ ئادەم، ئىنسانلار تارىخى ۋە ئىنسانلار جەئىيىتىنى كونىلىققا قايتۇرۇشقا ئورۇنغان. ئاپتور بۆرىنىڭ قېنىنى ئادەملەرنىڭ قېنىغا كىرگۈزۈپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ۋەھشى، كۈچلۈك، شىددەتلىك بۆرە خارەكتىرى ۋە بۇ بۆرە خارەكتىرلىرىنى روھى تۈبرۈك قىلغان يايلاق كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلىرىنىڭ روھىنى ئاجىز، بېكىنمە ھالەتتىكى جوڭخۇا تېرىم مىللەتلىرىنىڭ روھىغا بىر-بىرلەپ كۆچۈرۈپ ”روھ ئارقىلىق قان يەتكۈزۈش “ تارىخىنى نامايەن قىلغان.  
     
    مۇشۇنداق غەلىتە، غەيرى روماننىڭ بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە بازار تېپىپ كەتكىنى ھەقىقەتەن ئەقىلغە سىغمايدۇ. دەرۋەقە بۇ كىتابتا خۇددى پىلانلىغۇچى ئېيىتقاندەك ”مۇھەببەت، جىنىس سۆزلەنمىگەن“لىكى بەك قىزىق. ئەڭ قىزىقارلىقى بىزنى كىتابتا سۆزلەنگەن بۆرە ھېكايىسى ---بۆرە بېلەن يايلاق، بۆرە بېلەن ئادەم ۋە بۆرە بېلەن باشقا ھايۋانلارنىڭ ھېكايىسى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. بىز كىتابتىن بۆرىنىڭ خاراكتىرى (خاراكتىر دېگەن بۇ سۆزنى ھايۋاناتلارغا ئىشلەتكىلى بولسىلا)بۆرىنىڭ ئوزۇقلۇق تۇتىشى ھەم بۆرىلەرنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن تىركىشىشتىكى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ؛ بۆرە بېلەن يايلاقتىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەم دۈشمەنلىشىش ھەم ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك غەلىتە مۇناسىۋىتىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە شۇنچە كۈچەپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ؛ يەنە ھېكايىلارگە نۇرغۇن ئېكىولوگىيىلىك بىلىملەر ۋە ساياھەتچى - ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئجايىپ-غارايىپ مەنزىرە ۋە يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى قوشۇمچە قىلغانلىقىنى بىلەلەيسىز. ئەشۇ خەتەرلىك ھەم رەڭگارەڭ ئەپسانىلەر ، ساۋادلار، مەنزىرىلەر ھەم ئۆرىپ-ئادەتلەر كىشىلەردە تەبىي ھالدا شۇ يەرلەرگە بېرىش ئىستىكىنى قوزغىماي قالمايدۇ. مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئوقۇرمەنلەر---بولۇپمۇ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان، ئاتالمىش زامانىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ يېڭىلىق تۇيىلىدۇ. ئەيتاۋۇر قاچانلاردىن باشلاندىكىن تاڭ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز دا شەخىسلەرنىڭ كۈندىلىك تەجىربىلىرىنى ۋە ھېسىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىپادىلەش يېزىقچىلىقنىڭ ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغىلى قوپتى. ئوقۇرمەنلەر شەھەرلەردىكى مۇھەببەت، سودا جېڭىدىكى لەيلەش-چۆكۈشلەر ياكى بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى جان ساقلاشتىن ھېس قىلغان ئاچچىق-چۈچۈك يۇمشاق يازمىلار بېلەن كۆمۈلۈپ قېلىپ ئەتراپتا يۈز بەرگەن ئۆزلىرىگە يارىشا ھېكايىلەرنىلا ئوقۇيدىغان بولۇشتى. مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا «بۆرە تۇتېمى» كىشىلەرنىڭ ياقا يۇرىتلارغا بولغان ئىنتىلىش جەھەتتىكى ھېسىياتىنى تەڭشەش تەسەۋۇرى ۋە غەلىتە نەرسىلەرگە تەلپۈنۈش جەھەتتىكى ئىستەكلىرىنى قاندۇرىدىغان يېڭى ئوقۇشلۇققا ئايلىنىپ قالدى.  
     
    بۆرىگە ئائىت ھېكايىلەر نوقۇل بايان قىلىش بېلەنلا چەكلەنگەن بولسا « بۆرە تۇتېمى » نى رومان دېگەندىن كۆرە ئۇنى «ھايۋانات دۇنياسى» دېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولار ئىدى. شۇنداق بولغىنىدا ئوقۇرمەنلەر ئارىلاشماسلىق(كارى بولماسلىق)ھەققىدىكى بەزى ئىلىملەرگىمۇ ئىگە بولۇپ قالغان بولاتتى. ئاپتور بۆرىنى تەسۋىرلەش ھەم سۆرەتلەشتە ھەممە تەرەپ ئېتىراپ قىلغان ھەم چوقۇنغان مەيداندا تۇرۇپ بۆرىگە كۈچلۈكلۈك، ئىنتىلىشچانلىق، ئەقىل-پاراسەتلىك، قۇدرەتلىك، ئومۇمىيلىق ۋە كوللىكتىپلىق روھىنى يۈكلىگەن. . . . ئىش قىلىپ بارلىق ئىجابي ئالاھىدىلىكلەر ئۇ تىكلەپ بەرگەن بۆرىنىڭ ”يايلاق قەھرىمانى“ ، تەبىەت ئاپرىدە قىلغان (كىتابتا ئېيتىلغان”تەڭرى ئاتىسى “) روھ ئەركىسى، چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ”ئۇلۇغ ھەم كەم تېپىلىدىغان لەشكىرىي مۇشاۋۇرى“ دېگەندەك ئوبرازلارغا مۇجەسسەملەشكەن. ئۆزىنىڭ سۆزى بېلەن ئېيىتقاندا بۇ بىولوگىيىلىك نامايەندە ۋە تەسۋىر بولۇپ ، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىپادىلىگەن ئەدەبىي تەسەۋۋۇر ۋە قۇرۇق توقۇلمىغىمۇ يەتمەيدۇ. كىتابنى ئوقۇسىڭىز ئاپتورنىڭ بۆرە تەسۋىرىدىن تەبىئىيلىك ۋە ماھىيەتلىك مەسىلىلەردە كەڭلىك ئالىمىدە ئەركىن قەلەم چاپتۇرغانلىقىنى ، بۆرىگە ئالاقىداربارلىق سەلبى قىممەت ئامىللىرى(مەسىلەن ۋەھشىيلىك، قانخورلۇق، ئاجىزلىرى كۈچلۈكلىرىگە يەم بولۇشتەك ھايۋان خاراكتىرى)نى ماددىنىڭ تەبىئىيلىكى دەپ قاراپ ئۇنى سۇسلاشتۇرۇش ياكى سەل قاراش تۈگۈل ئاتالمىش ئىجابىي ئالاھىدىلىك دەپ قاراپ، ئۇنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەپ كۆككە كۆتۈرۈپ ، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ئۇنى بىر خىل ئادىمىيلىك روھ، بىر خىل مەدەنىي تەرەققىيات مۇساپىسى ئارقا كۆرىنىشىدىكى زامانىۋى تۇتېم دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايسىز. 
     
     ئەمەلىيەتتە بىزلەرگە شۇنىسى ئايانكى، بۆرە دېگەن بۆرە، ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسى خالاس. بۆرىلەردىكى ئەشۇ ئاتالمىش ”روھ“ۋە ئەقىل-پاراسەت جانلىقلار تەبىئىتىدىكى مۇقەررەر تاللاش پىرىنسىپى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ھايۋانلاردىكى بىر خىل ماھارەت بولۇپ ئۇقانداقتۇر تەبىئەتتىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرى ۋە جانلىقلار قانۇنىيىتىدىن تاشقىرى پەيدا بولغان تەبىئەتتىن ئايرىلغان ھالەتتىكى تاللاش ئەمەس. ئۆز تەقدىرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان كۈچ پەقەت ئىنسانىيەتكىلا خاس بولۇپ پەقەت ئىنسانلارلا بۇ خىل سوبىيېكتىپ ئاڭ ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇلارلا ھەقىقى يوسۇندىكى ئۆز تەقدىرىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلاردۇر. 
     
     ئەمما، ئادىمىيلىك مەنىۋىيلىك خاراكتىرگە ئىگە بۆرىلەر تەبىئەتنىڭ ئەركىسى، زېمىننىڭ قەھرىمانى قىلىپ تەسۋىرلىنىپلا قالماي يەنە ”بۆرىلىك خاراكتىر“مۇ ئادەم تەبىئىتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھەتتا ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ كېلىش ۋە جارىي قىلدۇرۇش زۆرۈر بولغان نۇرلۇق ئېلمىنت قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇ ھەتتا بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك ئاممىۋى ھاياتلىق پەلىسەپىسى --- سېپى ئۆزىدىن دارۋىنىزم: شەخىسنى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ھەركەت ۋە قىممەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قىلىش ، ئەركىن رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققانلارنى ئۇلۇغلاش، بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئېرىشكەن ۋاقىتتا مەلۇم مەنىدىن بىزنىڭ جانلىقلار تەبىئىي تاللايدىغان ، ماسلىشالىغانلىرى ھايات قالىدىغان تەبىئەت دۇنياسىغا قايتىشىمىزنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۆ-ئۆزىنى تاللىشى ، ئۆزلىردە دەۋىرگە ماسلىشالايدىغان”يېڭى ئادىمىيلىك خاراكتىر“يارىتىش ئاپتورنىڭ قايتا ئېنىقلىما بېرىشى ، ”بۆرە خارەكتىرى“ ىنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئۆز-ۆزىنى تاللاش ، ئۆزئۆزىنى قايتا يارىتىشنىڭ قىممەت سىستېمىسىغا ئايلانغان. 
     
    تېخىمۇ قىزىقارلىقى ، بىز ئىككى خىل ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىشتىن «بۆرە تۇتېمى» نىڭ نېمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بىرى جاڭ رۇيمىن --- زامانىمىزدىكى سودا قەھرىمانى --- نىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يازغان تەۋىسىيە سۆزىدە ”بۆرە خاراكتىرى“دىكى ئەقىل-پاراسەت، ئەقلىي بىلىش ۋە كوللىكتىپ روھنى كۈچەپ تەكىتلىگەنلىكى روشەنكى، بىر سودا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بېلەن ئاپتورنىڭ ”بۆرە خارەكتىرى“گە قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى سودا نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان ۋە تەكىتلىگەن. يەنە بىر خىلى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر بولۇپ ، كىتابنىڭ قىممىتى ۋە ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىكى ئىنكاسنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن پىلانلىغۇچى بىزگە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ :  
     
     مېترودا ئۈچ ياشنىڭ مۇشۇ ئەسەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بىرى ھازىرقى جەمئىيەتتە بۆرە كۆپ دېسە، يەنە بىرى قوي كۆپ دەيىتتى. يەنە بىرى بىز زادى بۆرە بولىشىمىز كېرەكمۇ ياكى قويمۇ؟ دەيىتتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۈچ ياشنىڭ مۇھاكىمىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ”بۆرە خاراكتىر“بېلەن” قويخاراكتىر“ ، ”بۆرە تىپى “بېلەن ”قوي تىپى“ئۈستىدىلا مەنا تاپماقتا ئىدى. ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسىمۇ ئاددىي بولىدۇ. ئۇلار بۆرىنى بۆرە دەپلا چۈشىنىدۇ. ئۇلار ئاپتور، پىلانلىغۇچى ۋە شەرھىچىلەرنىڭ نىقابىنى، كۈچەپ چالۋاقاشلىرىنى ، چىلتەك توپ ئويناشلىرىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىۋاستە سورىغان مەسىلىلىرىنىڭ نېگىزى بۇ خىل نىقاب ۋە چىلتەك توپ ئويۇنىنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە گۇمرانلىق بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ خالاس.  
     
    مۇبادا مانا بۇلار «بۆرە تۇتېمى»مەزمۇن تېمىسىنىڭ ھەممىسى بولىدىغانلا ئىش بولسا ئۇ ئورمانلىققا تولغان ھېكايە بولۇپلا قالماي يەنە بازىرى ئىتتىك كىتابقا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى؛ كىشىلەرنىڭ ياقا يۇرىتلار ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر –ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئەدەبىيات مۇزىي كىتابى بولۇپ قالغان بولاتتى ؛ھەتتا ئەشۇ بىر قىسىم ”بۆرە ئادەم“لەرگە، ”بۆرە كۈچىكى“گە چوقۇنىدىغانلارنىڭ ”مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى“بولۇش سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشنىڭ دەرىسلىكىگە ئايلىنىپ مۇشۇ يىللاردا مودا بولىۋاتقان «رەزىللەر دەستۇرى»ۋە «كىلاسسىزمغا پەشۋا»غا ئوخشاش ئەسەرلەر تائىپىسىگە مەنسۇپ بولغان بولار ئىدى. ھېچ بولمىغابدا ئالىملىق سالاھىيىتىگە ئاپتورمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمايىتتى. 
     
    ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ”بۆرە“، ”بۆرە خارەكتىرى“، ”بۆرە ئەخلاقى“نى مەدەنىيەت، ئانتورپولوگىيەنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ تارىخ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن شەرھىلەيدۇ. ”خۇاشىيا مىللىتىنىڭ تېرىم مەدەنىيىتى ۋە خۇاشىيا مىللىتىنىڭ مىللىيلىق خاراكتىرىدىكى كېسەللىكنىڭ يىلتىزى“ ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ. ھەم كىتابنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى نەچچە ئون بەتتە ئاتالمىش”بۆرە تۇتېمى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش ۋە دىئالوگ“ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قېچىرچە ”ئىدراكى ئىزدىنىش“ئېلىپ بارىدۇ. ئەشۇ لېكسىيە ۋە دېئالوگلار(ئەمەلىيەتتە ئاپتور ئۆزىنى ئىككىگە پارچىلاپ توسالغۇسىز ھالدا ئۆز-ئۆزى بېلەن ئەركىن پىكىر ئېلىپ بارىدۇ)دا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋالغان ئىككى نەپەر ئالىم سىياقىدىكى زىيالىي ياش ئەترەت ئەزالىرىنى كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىدەك بىرى بىرىگە شۇنداق ماس كەلگەن قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. ئۇلار ئاپتور ئۆز خاھىشى بويىچە پەيدا قىلغان، تۈس بەرگەن ياكى ھېسىيات كىرگۈزگەن بايانلار بولۇپ پۈتكۈل مەزمۇننىڭ خېلى زور سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئىككى ھەزلىكەشنىڭ دىئالوگلىرىدا خەنزۇلار بېلەن شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر بىرىگە سېلىشتۇرۇلۇپ ، خەنزۇلار ئاجىز، كونسېرۋاتىپ” قوي“ غا ، شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسا كۈچلۈك، چەبدەس ”بۆرە“ گە سىمۋول قىلىنغان. تارىختا بۇ خىل ھالەت قىسقارتىلىپ ئىستىلا قىلغۇچى ياكى ”قان ئالغۇچى“؛ئىستىلا قىلىنغۇچى ياكى ”قان بەرگۈچى“لەر تارىخى دەپ ئاتالغانمىش. ئاپتور بۇ يەردە خەنزۇ مىللىتى ۋە خۇشىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بوشلۇقى ، بولۇمسىزلىقىدىن ئېچىنىپ ، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان ئاتاۋىزىمچە باش ئۇرۇش ۋە بەيئەت قىلىشىدىن كىشىنى چۆچىتىدىغان مۇنداق بىمەنە خۇلاسىنى چىقارغان :  
     
    جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدىھا تۇتېمى يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بۆرە تۇتېمىدىن كەلگەن. خۇاشىيا مىللەتلىرىنىڭ< تەڭرى ئېتىقادچىلىقى> نى يەن-خۇاڭنىڭ 2-خاقانى يايلاق ۋە كۆچمەن چارۋىچى ئەجدادلىرىدىن خۇاشىياغا ئېلىپ كەلگەن. جۇڭخۇا زېمىنىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ۋە تېرىم مىللەتلىرى تەڭرى ئاتا ۋە يايلاق ئانىدىن تۇغۇلغان قان قېرىنداشلار بولۇپ يايلاق مىللەتلىرى ئاكىسى، خۇاشىيا مىللەتلىرى ئىنىسىدۇر. خۇاشىيا مىللىتى تېرىم مۇھىتى ئىچىدە ئاجىزلاپ كەتكەندە قەھىرلىك ھەم ساخاۋەتلىك تەڭرىم بۆرىگە خاس كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى ئوتتۇرا ئىقلىمغا ئەۋەتىپ ، قويلىشىپ كەتكەن تېرىم مىللەتلىرىگە قان بېرىپ ئۇلارغا كۆپ قېتىم يېڭىدىن گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن. كېيىنچە زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىنىسى پەقەت قەددىنى كۆتىرەلمىگەن چاغدا ئاكىسى ئوتتۇرا ئىقلىمغا كىرىپ خۇاشىيا مەدەنىيىتىگە يانتاياق بولۇپ ئۇنى غەرىب مەدەنىيىتى بېلەن ئۇچراشتۇرغان. 
     
    «بۆرە تۇتېمى» ئاپتور 30 يىلدىن ئارتۇق تەتقىق قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا تالاي قان-تەر بەدىلىگە يېزىپ چىققان ئەسەر بولۇپ سودا جەھەتتىن ھەل بېرىش، داغ-دۇغا بېلەن تەشۋىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىتاب بازىرىدىمۇ كاتتا شۆھرەتلەرگە نائىل بولماي قالمىدى. مەسىلەن ئوبزورچى لى جىڭزى ئېيىتقاندەك:”ئۇ دەۋرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇشى ئۈستىدىكى ئەندىكىشلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈردى. ئەگەر سىز كىتابنى ئوقۇسىڭىز <بۆرە>گە يەتمەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلماي قالمايسىز. مانا بۇ ئاپتورنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدىدۇر. “ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ئاپتور ئۆز ئىدىيىسىنى ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ زەر تون بېلەن قانچىلىك نىقابلاشقا كۈچىمىسۇن بەرىبىر باش تېمىدىن چەتنەش سەۋەنلىكىنى ، كۆز قاراش جەھەتتىكى چولتا ھۆكۈمىنى ، لوگىكا جەھەتتىكى زىتلىقىنى، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش جەھەتتىكى بوشاڭلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئاپتورنىڭ بىمەھەل سۆرەن- شاۋقۇن پەيدا قىلغان بۇ كىتابى پەقەت ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپلا قالماي بەلكى نەشىرىيات سودىگەرلىرى ئۈمىد قىلغاندەك ئىنتايىن زور مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ، ئۇزۇن مەزگىل بازار تاپىدىغان كىلاسسىك ئەسەر دېگەن ھۆكۈمى ۋە بازار جەھەتتىكى پەرەزلىرى كۆپۈككە ئايلىنىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. 
     
    (خەنزۇچە«جۇڭگۇەن كەنتى»ژۇرنىلىنىڭ2004-يىللىق 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى ) 
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بۆرە تۇتېمى بوزقىر