ئاتامدىن نۇمۇس قىلىمەن ئاپا
《تۈرۈكچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى》
7-8 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنىڭ ھىقىقداپ يىغلىشىغا قۇلاق سالدىم.
ئاپىسىغا:《ئۆتۈنەي ئاپا ،مىنى مەكتەپتىن ئېلىپ كېتىشكە ئاتام كەلمىسۇن》دېدى.
دىققىتىمنى تارتتى، چۈنكى ئۇ ياشلار چامىسىدىكى پۈتۈن قىزلار ھەمىشە ئاتىچى بولىدۇ ۋە ئاتىىسىغا يان باسىدۇ . ئۆزلىرىنى مەكتەپتىن ئاتىسىنىڭ ئېلىپ كىتىشىدىن چەكسىز بەخىت ھېس قىلىدۇ.
ئاپىسى تۆۋەن ئاۋازدا:《نېمە ئۈچۈن قوزام؟》دېدى.
ئۇ قىز مۈرىسىنى قېقىپ قويدى،《كەلمىسۇن-شۇ》دېدى،يېغلىدى.
ئاپىسى:《تامام،مەن كېلەي،ئەمما سەۋەبى نېمە؟》دېدى.
《ئاتامدىن نۇمۇس قىلىمەن ئاپا، ئاتامنىڭ كىيۋالغان كىيىملىرىگە باقتىڭمۇ، ھەممە دوستلىرىم كۆردى، بىر-بىرلىرىگە كۆرسىتىشتى》دېدى، ۋە يەنە يىغلاشقا باشلىدى.
ئانا بۇ ھالەتتىن ئازاپلانماي تۇرالمايدۇكى…
《مەن ئېيتاي كىيىنىشىگە تېخىمۇ دىققەت قىلسۇن》دېمىدى؛ پەقەتلا:《ئۇ سېنىڭ ئاتاڭ قوزام، ئاتىسىدىن نۇمۇسمۇ قىلامدۇ؟》دېدى.
《ئاپا، ياكى ئاتامنىڭ كىيىملىرى يوق بولمىسا،كىيىم ئىشكابى لىق.كۆينەكلىرىنىڭ يەڭىلىرى يىرتىق، ئۈستىگە كىيۋالغان پەي چاپىنى مەينەت، چاچلىرىمۇ تارالمىغان ۋە پۇراپكەتكەن، ئاپا بەكمۇ نۇمۇس قىلدىم بەكمۇ》دېدى.
…
بۇ دېگەنلىرىم بىر ھېكايە ئەمەس، پۈتۈنلەي ئۆز قۇللاقلىرىم بىلەن شاھىت بولغانلىرىم ئىدى ۋە شۇ دەقىقىدە ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىمنى كىيىپ، ئەڭ خۇش پۇراق ئەتتىرلەرنى سىپىپ، ئۇ ياشتىكى بىر بالىنىڭ غۇرۇرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئۇنى ئېلىشنى، دوستلىرى بىلەن تۇنىشىشنى، ئۇلار بىلەن پاراڭلىششنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن ئەمما، بۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەتلا دۇئا قىلدىم.
《ئاللاھىم ،شۇ نارسىدە قوزاڭنىڭ ھۆرمىتىگە ئاتىسىغا، قوزىسىنىڭ قەلبىنى چۈشەنگۈدەك قۇدرەت بەر؟!》دېدىم.
ئۆتۈنەي ،دىققەت قىلىڭ ؟!سىزمۇ بالا بۇلۇپ باققان، سىزنىڭمۇ بالىلىق غۇرۇرىڭىز بولغان…
بالىلىق قەلبىڭىز بىلەن سۆيگەن ۋە بالىلىق قەلبىڭىزنى سۆيۈندۈرگەن چوڭلار بۈگۈنمۇ ،ھېلىھەم ئەڭ قىممەتلىك كىشىڭىز.
بالا ئىكەن سۆيمىگەنلىرىڭىز ھازىرغىچە، ھېلىھەم سۆيمىگەن كىشىلىرىڭىز ئەمەسمۇ؟
بالىلارنىڭ دۇنياسىنى سىداملاشتۇرۋەتسىڭىز، ئۇنى مۇرەككەپ پىسخىكىلىق، كىملىكسىز ۋە جېدەلچى قىلىپ قۇيىسىز.
بالا ئىكەن بېرەلمىگەن ئۇ《غۇرۇر تۇيغۇسى》《نۇمۇس،خىجالەت تۇيغۇسى》غا چۈشكەن پەيىت، بالىڭىزغا قايتا بېرىپ بولالمىغۇسىز دەرىجىدىكى 《ئۆزلۈك توسالغۇسى》غا سەۋەپ بولىدۇ.
ئۇنۇتماڭكى:
بالىلىق دۇنياسىدىكى تۇيغۇلار ئەڭ ئاۋۋال كۆرۈش سەزگۈسى بىلەن قۇبۇل قىلىنىلىدۇ، ئەمما ئۆزەڭنىڭ نام -شەرىپىڭنى كۆز-كۆز قىلىشتىن ۋەياكى ئاللىقانداق شەكىلۋازلىقىتىن ئەمەس!
ئاتا-ئانىلار 《ھېيىت-بايراملىق كىيىملىرىڭىز بىلەن ئۇلارنى مەكتەپتىن ئېلىپ چىقىڭ》دېمەيمەن،پاكىز ،يېقىشلىق ۋە خۇش چىراي بۇلۇڭ، ئۇلارغا دوستلىرىنىڭ قېشىدا ۋارقىراپ ئارانلا پىلدىرلاپ تۇرغان قەلبىگە ،بالىلىق دۇنياسىغا ئازار بەرمەڭ،يېتەر بەس!
ئەگەركى:
مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدا كۈتىۋاتقان بالىڭىز، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ يۈگۈرگەن ھالدا قېشىڭىزغا كەلگەن بولسا، بۇ دوستلىرى سىزنى كۆرمەستىن يىراقلاشماق ئۈچۈندۇركى، بۇ يەردە قۇرۇنۇش ۋە نۇمۇس قىلىش بار دېمەكتۇر:ياق ئەگەر دوستلىرى بىلەن بىللە كەلگەن بولسا ۋە سىزگە ئېسىلىپ قۇچاقلىسا بۇ يەردە بەخىت ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى بار دېمەكتۇر.
بالىلىرىڭىزنىڭ ئەتە سىزنىڭ خىجالىتىڭىز بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، سىز ھەم ھازىردىن ئۇلارنىڭ خىجالىتى بولماڭ!
بۈگۈن غۇرۇرى بولغىنكى، ئەتە غۇرۇرىڭ بۇلۇشقا سېنىڭمۇ ھەققىڭ بولسۇن!
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.