ئاڭلاش سەنئىتى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-09 16:43:49

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولىغىنىنى راستلا چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز، تاكى ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگىچە تەخىر قىلىڭ.


    ئاڭلاش سەنئىتى

    مەدىنە ئەخمەت تەرجىمىسى

     
    بىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى لىنكولىت بىر ئوغۇل بالىدىن مۇنداق بىر سوئال سوراپتۇ:
    -چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن؟
    -ليۇتچىك بولىمەن،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالا سەبىيلىك بىلەن.
    لىنكولىت داۋاملىق سوراپتۇ:
    -ئەگەر بىر كۈنى ئايروپىلانىڭ ئۇچۇپ تىنچ ئوكياننىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز يېقىلغۇ تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىسەن؟
    بالا بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:
    -ئاۋۋال ئايروپىلاندىكى ئادەملەرگە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىۋېلىشنى دەپ قويۇپ، ئاندىن پاراشوتۇم بىلەن پەسكە سەكرەيمەن.
    بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. لىنكولىت بالىغان زەن سېلىپ قاراپتۇ، بالىنىڭ كۆزىدە ياش ئەگىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن لىنكولىت شۇندىلا ئاخىرقى جاۋابقا تېخى ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ھېس قىپتۇ-دە، بالىدىن قايتا سوراپتۇ:
    -نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن؟
    بالا قەتئىيلىك بىلەن:
    -ماي ئالغىلى بارىمەن، ئاندىن يەنە قايتىپ كېلىمەن، مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن!-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولىغىنىنى راستلا چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز، تاكى ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگىچە تەخىر قىلىڭ. مانا بۇ ئاڭلاش سەنئىتى.
    بىرىنچى، گەپنى يېرىم-يارتا ئاڭلىماڭ.
    ئىككىنچى، ئۆزىڭىزنىڭ چۈشەنچىسىنى باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئارتىپ قويماڭ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.