ئۆز ئورنىڭىزنى توغرا تاپالىدىڭىزمۇ؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-30 11:34:27

ئۆز ئورنىڭىزنى توغرا تاپالىدىڭىزمۇ؟تەتقىقات ئىشلەيدىغان بىر دوستۇمدىن ئاڭلىشىمچە، يېقىندا ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئىقتىدارلىق بىر ياش دوكتۇر ئاسپىرانتنىڭ ئىشتىن ھەيدىلىپتۇ، بىر دوكتۇر...

    ئۆز ئورنىڭىزنى توغرا تاپالىدىڭىزمۇ؟

     

    تەتقىقات ئىشلەيدىغان بىر دوستۇمدىن ئاڭلىشىمچە، يېقىندا ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئىقتىدارلىق بىر ياش دوكتۇر ئاسپىرانتنىڭ ئىشتىن ھەيدىلىپتۇ، بىر دوكتۇر ئاسپىرانتنىڭ شۇنچىۋالا يۇقىرى ئۇنۋان بىلەن ئىشتىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ ھەيران بولغىنىمدىن سەۋەبىنى سورىدىم،ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ دوكتۇر ياش پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن تېما ئۈستىدىلا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى خالايدىكەن، تەتقىقات تېمىسى مەيلى قانچىلىك ئۇلۇغۋار بولسۇن، ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمىسا، تەتقىق قىلىشنى قەتئىي توختىتىدىكەن. ئويلىنىپ قالدىم، توغرا ئەمەسمۇ، دېمىسىمۇ، ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسى ھامان خەيرىلىك بولىدۇ.

    پىسا قاتلىمىسى دۇكىنى ئاچىدىغان دوستۇمنىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى <ئەگەر پىسا قاتلىمىسى 30مىنۇت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىلمىسە، ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ> دېگەن ئېلاننى كۆرۈپ، سورىدىم:

    -ئۈرۈمچىدەك قاتناش قىستاڭچىلىقى ئېغىر شەھەردە، مۇشۇنداق بىر ۋەدىنى بېرىپ ئورۇندىيالماي قېلىشىڭدىن قورقمىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مىنۇت كېچىكسەڭلا، پىسا قاتلىمىسىنى ھەقسىز بېرىدىكەنسىلەر، پايدا  ئېلىش تۈگۈل زىيان تارتىشقۇ بۇ؟!

    -پىسا قاتلىمىسىنىڭ تەننەرخى ئەرزان، شۇڭلاشقا شۇنچىۋالا كۆپ قاتلىما دۇكانلىرىنى يېڭىشتىكى بىردىنبىر ئاساس ۋاقىتتىن  ئۇتۇش، مەن بۇ ئېلاننى چىقىرىش ئارقىلىق، قاتلىما يەتكۈزۈپ بېرىشنى بىر تۈرلۈك ئويۇنغا ئايلاندۇردۇم، 30 مىنۇت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ،بۇ ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە، قاتلىما ھەقسىز بېرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا كىشىلەرنىڭ قاتلىما بۇيرۇتىشى بىر خىل  ئويۇنغا ئايلىنىدۇ-دە، ئۇلار ئۆيىدىكى تام سائىتىدىن كۆزىنى ئۈزمىگەن ھالدا، قاتلىمىنىڭ كېلىشىنى ساقلىغاچ، بۈگۈنكى تەلىيىنى سىنىشدۇ،-دەپ چۈشەندۈردى.

     تەقەززالىق ئادەم بەدىنىدىكى دوپامىننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دوپامىن بولسا بىر خىل ئاكتىپ نېرۋا ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزگۈچى ھورمون بولۇپ، كۆپلەپ ئاجرالغاندا، ئادەمدە خۇشاللىق سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ، دېمەك، يۇقىرىقى قاتلىما يەتكۈزۈش پائالىيىتى كىشىلەرنىڭ بىر تۈرلۈك خۇشاللىق ئىزدەش پائاليىتىگە ئايلىنالىغانلىقى تۈپەيلى، ئۇنىڭ تىجارىتى كۈدىن-كۈنگە راۋاجلانغان. شۇڭا، مەيلى قانداقلا تىجارەت تۈرى ۋە ياكى قانداقلا ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ئورنى ۋە خاسلىقىنى توغرا تاپالىغاندىلا، ئاندىن دەرىجىدىن تاشقىرى قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    يېقىندا <قابىلىيىتىڭىزنى مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ!> دېگەن كىتابنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭدا سۆزلىنىشىچە، ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلغۇچى ئېلىمېنتلار ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئادەملەر بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدىكەن،شۇڭا ئۇلارنىڭ قىزىقىشى، دۇنيا قارىشى، شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەدىمۇ ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىكلەر بولىدىكەن،شۇنداق، ئادەملەر بىر-بىرىگە ئوخشىمىغاچقىلا بۇ دۇنيا شۇنداق رەڭگارەڭ بولالىغان، ناۋادا، ھەممە ئادەم پۈتۈنلەي ئوخشاپ قالسا، بۇ دۇنيانىڭ يەنە نېمە تارتىشقۇچىلىقى قالسۇن؟

    ئەتراپىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقان كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ، بۇ خىل مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، قوبۇل قىلىنىغان كەسپكە قارىتا قىزىقىشى بولغان، بەلگىلىك ئاساسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى نۇقتىلىق قىلىپ قوبۇل قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا گەرچە، ئومۇميۈلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانغا قارىغاندا، ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى جەھەتتە كېتىدىغان خىراجەت بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما، بۇ خىزمەت ھالقىلىرىدىكى ئاددىيلىقنى قوغلىشىپ، مائارىپنىڭ بۈيۈك نىشانىنى خاراب قىلغاندىن مىڭ ئەۋزەل. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھاياتىدىكى ئورنىنى توغرا تېپىش تاپالماسلىقىنى، كارخانىنىڭ ئۆز خېرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى توغرا بايقاش-بايقىيالماسلىقىغا ئوخشىتىش مۇمكىن، ئېھتىياج ۋە تەلەپ ئۆز-ئارا ماس كەلگەندىلا، ئاچقۇچ قۇلۇپقا توغرا سېلىنغاندىلا، تالانت ئاندىن ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ، تالانتىڭىزنى مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ، ئۇ ئۆزى خالىغاننى قىلسۇن!

     

    خالىسە ئەھمەت تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تەتقىقات