بىزدىكى غەيرىي ئىشلار

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 04:39:30

بىزدىكى غەيرىي ئىشلار قايسى كۈنى بىر دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن بىر ئالىم توغۇرلۇق ئاڭلاپ قالدىم . بۇ ئالىم توغۇرلۇق مەنمۇ كۆپ ئاڭلىغان ھەتتا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئائىت نۇپۇزلۇق ماقالىلىرىنى ئوق...

              بىزدىكى غەيرىي ئىشلار                        

                                

            قايسى كۈنى بىر دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن بىر ئالىم توغۇرلۇق ئاڭلاپ قالدىم . بۇ ئالىم توغۇرلۇق مەنمۇ كۆپ ئاڭلىغان ھەتتا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئائىت نۇپۇزلۇق ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندىم . ئەمما بۇ دوستۇم ئالىمنى سەل كۆپتۈرۋەتتى . مەن ئۇنىڭغا ئالىمنى سەل كۆپتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيىتقان بولساممۇ ئۇ يەنىلا ماختاۋاتتاتتى .
    - بولدى قىل ، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا ، - بۇنداق دەۋەرسەڭ بۇ ئالىمنىڭ ھازىرقى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويىسەن .
            ئۇ سۆزۈمگە قۇلاق سالماستىن يەنە سۆزلەۋاتاتتى . مەن نېمە دېسەم ئۇنىڭ توختايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئالىمنى بەك چوڭ بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بۇنداق گەپ قىلىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن نۇقتىغا گەپنى باشقا نۇقتىغا يۆتكىدىم .
    - سەن ئېنىشتېيىن توغىرسىدا ئاڭلىغانمۇ ؟
    - ئاڭلىغان ، ئۇ ئالىمنى دۇنيادا تونىمايدىغان كىشى يوققۇ ؟
    - شۇنداق ، ئەمما يەھۇدىلارنىڭ ئۇ ئالىمغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلەمسەن ؟
    - بۇنى دېيىشنىڭ زۈزۈريىتى بارمۇ ؟ يەھۇدىلار ئۇ ئالىمنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ .
    - ئەمما ئىش دەل سەن ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە ئىكەن . ئۇلار ئېنىشتېيىننى بىزدەك چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ .
    - بۇ نېمە دېگىنىڭ ئەمدى ؟
    ھەي ، بىلەمسەن ؟ يەھۇدىلار ئېنىشتېيىننى ئىتراپ قىلىدۇ . ئەمما ئۇنى چوڭ بىلمەيدۇ . چۈنكى ئۇ دېگەن ئېنىشتېيىن ، باشقا بىر يەھۇدىي دېگەن يەنە بىر ئادەم ، ئۇ «سەن دېگەن سەن ، مەنە دېگەن مەن»دېگەن ئىددىيە بىلەن ياشايدۇ . ئېنىشتېيننىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكى ئىنىق ، ئەمما يەھۇدىلار ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ ، نۇرغۇن يەھۇدىي ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ . ھەتتا بىر يەھۇدىي رەسسام ئوچۇقتىن ئوچۇق ئېنىشتېيىننى تىللاپ كەتكەن . چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئېنىشتېيىن رەسىم جەھەتتە بەرىبىر قاراقورساق ئادەمدە ! بىز خەقتىن پەخىرلىنىمىز ، ئۇ كىشى بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ ، بۇنى دەڭسەپ باقمايلا ، قارغۇلارچە چوڭ كۆرىمىز ، شىرىن تۇيغۇلاردا غەرىق - مۇستەق بولۇپ ھەممىنى ئۇنتۇيمىز .
    - بۇ دېگىنىڭ ئاساسى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ھەقىقەتەن ھۆرمەتلىنىشكە مۇناسىپ .
    - توغرا ، سېنىڭ ھىلىقى ئالىمنى بۇنداق ماختىشىڭ مېنىڭ سەل كۈلكەمنى قوزغىدى . سەن باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنى ، باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قاللماسلىقىنى ئويلىمامسەن ؟
    - ئويلايمەن ، ئەمما شۇ شارائىت يوق .
    - مانا بۇ گېپىڭ قاملاشمىدى ، شارائىت سېنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ ، ئۆزۈڭ يارىتىشىڭ كېرەك . بۇ جەرياندا ھەرقانداق كاسكىلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا پىسەنىت قىلمىساڭلا بولدى . ھەم ئۇلار پىسەنىت قىلشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ . پەقەت نىشانىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىڭ كېرەك . ئۇ ئالىم بولسا ، پەقەت مەلۇم ساھەدىكى ئالىم ، ھەرگىزمۇ پۈتۈن ئېلىم ساھەسىدە ئەمەس ، بەك ماختىۋەتسەڭ ، ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىپ قويغان بولىسەن .
           مەن ئۇنىڭغا شۇنداق سۆزلەپ ، ئاخىرى قايىل قالدىم . شۇنداق ، بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئالىمنى چوڭ بىلىدۇ ، ئەمما شۇ ئالىمنىڭ قايسى ساھەدە ئىكەنلىكى ۋە قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ قارغۇلارچە چوقۇنىدۇ . ئۇلار ھەققىدە ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلەرنى سۆزلەپ يۈرۈپ ، ئۆزىنىمۇ بىر ئالىمدەك كۆرسىتشنى ، ساختىدىن بولسىمۇ نام - شۆھرەتكە ئىرىشىۋىلىشنى ئويلايدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئالىم بولسا ، خۇددى سۈتتەك ، پاك كىشىلەردۇر . ئەمما ئالىممۇ بىز كەبى بىر ھىسسيىاتلىق ، ئىجتىمائىي ئادەم بولغاچقا ، بىز ئۇنى بەك كۆپتۈرۋەتسەك ياخشى بولمايدۇ . بولمىسا ئالىمغا ئۇۋال قىلىپ قويغان بولىمىز . ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز كېرەك . ئەمما ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق ، ئۆزىمىزنىڭمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قالايدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ ، ھەممە ئىشلارنى ئۇلارغا يۈكلەپ قويساق ، قۇرۇق ماختىنىپلا يۈرسەك ، بىز يەنىلا زاۋالىققا يۈزلىنىپ قالىمىز . شۇڭا ، خەقنى مۇۋاپىق ماختىشىمىز ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزگە پۇختا بولشىمىز كېرەك ، چۈنكى ھەممە كىشى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرسا ، ئۆزىنى مۇستەھكەملىسە ، ئاندىن مىللەت تەرەققى قىلىدۇ ، مىللەت مۇستەھكەم بولىدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.