[بوزقىر]« ماي گۈلى »پاراخودى جۇڭگودىن كەلسە

يوللىغۇچى : bozqir يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-27 06:52:17

مۇبادا «ماي گۇلى» پاراخودى جۇڭگودىن كەلسە لىن چى بوز قىر تەرجىمىسى1620-يىلى 11- ئاينىڭ 11-كۇنى ئەنگىلىيىدىن يولغا چىققان «ماي گۈلى» ناملىق پاراخوت غەربىي ئوكياندا 66 كۈن سەپەر قىلىپ ، ئ...



     

    مۇبادا «ماي گۇلى» پاراخودى جۇڭگودىن كەلسە

     

     

           لىن چى

     

     

         بوز قىر تەرجىمىسى

     

           1620-يىلى 11- ئاينىڭ 11-كۇنى ئەنگىلىيىدىن يولغا چىققان «ماي گۈلى» ناملىق پاراخوت غەربىي ئوكياندا 66 كۈن سەپەر قىلىپ ، ئاخىر شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كېد تۇمشۇقىدا توختاپ قۇرۇقلۇققا چىقماقچى بولدى. پاراخوتتا 102يولۇچى بولۇپ،ئەسلىدە ھودزون دەريا ئېغىزىدىكى رايونغا بارماقچى ئىدى.ئەمما ، رەھىمسىز بوران-چاپقۇنلار ئۇلارنى نىشانىدىن ئاداشتۇرۇپ قويغانىدى.بۇ چاغدا ئاللىقاچان كەچكۈز كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ يەردىن قۇرۇقلۇققا چىقماقچى بولۇشتى.قىرغاققا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلار قايتا-قايتا مۇھاكىمە قىلىش ۋە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بىر پارچە كالا تېرىسىگە ئىمزا قويۇشقاندىن كېيىن ئۇنى «ماي گۈلى ئەھدىنامىسى» دەپ ئاتىدى.ئۇنىڭدا مۇنۇلار يېزىلغانىدى:

    »      تەڭرى نامىدىن ئامىن دەيمىز. بىز تەڭرى ئالدىدا ئورتاق قەسەم ئىچىپ شۇنى ئەھدى قىلىشتۇقكى، بىز ئۆزىمىز خالاپ بىر ئاممىۋى ئەركىن جامائەت توپى بولۇپ ئۇيۇشتۇق. يۇقۇردا بايان قىلىنغان مۇددىئايىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇلۇشى  ئۈچۈن ، ئۇنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگۈسىدە ئېلان قىلىنىدىغان كۆچمەنلەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ،ئەڭ قولايلىق قانۇن،نىزام،پەرمان ۋە مەسئۇلىيەتلەرگە بىردەك رىئايە قىلىمىز ۋە بويسۇنىمىز...»

        مەن دائىم  مۇبادا « ماي گۈلى »پاراخودى جۇڭگودىن كەلگەن بولسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرەر بولغىيدى؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ قالىمەن.

         بىز شۇنى تەسەۋۇر قىلىپ باقايلى. شۇ چاغنىڭ مەلۇم بىر كۈنى جۇڭگودىن يولغا چىققان بىر پاراخوت 108 يولۇچىنى ئېلىپ « ماي گۈلى» دەپ خەت يېزىلغان يەلكەننى چىقىرىپ،تېنىچ ئوكياندا نەچچە كۈن يۈرۈپ،ئاخىر شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا يېتىپ باردى. دېڭىزدا شۇنچە ئۇزۇن  يۈرۈپ ئاخىر كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ كەلگەچكە ئۇلار قاتتىق ھاياجاندىن پالۇبادىكى شۇنچە  كۈنلەر ياتقان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىشتى.ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ قۇرۇقلۇققا چىقىپلا تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ ئەتراپنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى.

    ئەمما، ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئۇزۇنغا بارمايلا يەنە غەم - ئەندىشىگە چۆمۈشتى. كەلگۈسىدە قانداق قىلىمىز؟ ئارىدىن بىرەيلەن چىقىپ مۇنداق دېدى:

    -                 بىز بۇيەرگە يېڭى كەلدۇق، ھازىر بىزنىڭ پۇت قويغىدەك ماكانىمىزمۇ يوق، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئانىي تېپىشىغا ئۇچرىشىمىز مۇقەرەر.بىز تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن، شۇڭا بىز بىر تۇغقاندەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىشلىمىشىمىز كېرەك!

    -                بەللى، بەللى - كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشتى.

    -                 چاۋ گەي ئاغا ،سىلى ياشتا چوڭ،يەنە كېلىپ بىزنى بۇ يەرگە سىلى باشلاپ كەلدىلە. شۇڭا بىزگە باشپاناھ بولۇپ بەرگەيلا.

    -                 سوڭ جىياڭ ئاغا ، سىلى ئەسلىدە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئىدىلە، كۆرگەن-بىلگەنلىرى كۆپ. ھەققانىيەتنى ياقىلايدىلا، ئىلگىرى دائىم بىز ئاغا-ئىنىلەرنى مەيخانىلەردە ، سانالاردا مېھمان قىلاتتىلە.ھەممىمىز سىلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلايمىز، بىزگە باش قوماندان بولۇپ بەرگەيلا.

    -                ۋۇ يوڭ ئاغا ، سىلى خەلق باشقۇرىشىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان، مەدەنىيەت بىلىملىرى ھەممىدىن يۇقۇرى، شۇڭا ھەربىي مۇشاۋۇر بوپ بەرگەيلا.

    .........................................................

    بىراۋ لايدىن پادىشاھنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇردى.كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا سەپ بولۇپ باش قويۇپ تازىم بەجا كەلتۈردى.ھەر بىر ئادەم بىردىن پۇچۇق كاسىنى قولىغا ئېلىپ دوغ سۇنى ھاراق ئورنىدا كۆتىرىشىپ تۇراتتى.خۇا روڭ ئوقيا بېلەن ئېتىپ چۈشۈرگەن ياۋا غازنىڭ قېنى ھەر بىر كاسىغا ئىككى تېمىمدىن تېمىتىلدى.كۆپچىلىك سوڭ جىياڭنىڭ باشچىلىقىدا ۋۇ يوڭ ۋاقتىنچە تۈزگەن قەسەم سۆزىنى تەكرارلىدى:

    » بۈگۈندىن باشلاپ بىز 108 ئادەم بىر تۇغقان قېرىنادشتەك ئۆم-ئىجىل ئۆتۈمىز ھەم تۆۋەندىكىدەك قەسەم قىلىمىز: خۇددى بىر شامدەك تەڭ كۆيىمىز، چۈنكى، بىز بىر ئانىدىن تۇغۇلغان؛ يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇر ئۆز قېرىندىشىمىز،چۈنكى يىرىتقۇچلار بۆرىنى چىشلەپ ئۆلتۈرىدۇ! لىيۇ بېي، گۈەن يۈ،جاڭ فېيدەك ئەھدە قىلدۇق ئۆملۈككە،تەرەپ-تەرەپتىن توپلىنىپ ئۇيۇشتۇق بىر بىرلىككە ؛ ھەممە ئىشتا بىز چوقۇم بويسۇنىمىز ئۈچ ئاتامانغا ! ئۆيدە ئاتا-ئانىمىزغا تايىناتتۇق،ئەمدى بىز بۇ يەردە دوسىت-يارەنلەرگە تايىنىمىز؛ ھالاۋەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ ،كۈلپەتنى تەڭ تارتىمىز؛ بىز ئوخشاش يىل،ئاي،كۈندە تۇغۇلمىغان بولساقمۇ ئەمما ، ئوخشاش يىل،ئاي،كۈندە تەڭ ئۆلىمىز. مۇبادا كىمدە كىم ئالاكۆڭۈللۈك قىلسا شۇنى تەڭرى جازالىغاي ! »

    ئەنگىلىيىدىن كەلگەن «ماي گۈلى» پاراخوتىدىكىلەر قۇرۇقلۇققا يېڭىدىن چىققاندا شارائىت ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئۈچ ئايدىلا ئۇلارنىڭ يېرىمى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۈگىدى. ۋەھالەنكى، ئاچ-زېرىنلىق، كېسەل-ئاغرىقلارنىڭ ئازابى مەيلى قانچىلىك دەھشەت سالمىسۇن ئۇلار دەسلەپكى غايە-ئىنتىلىشلىرىنى ئۆزگەرىتمىدى. قىسقىغىنە نەچچە يۈز خەتلىك«ماي گۈلى ئەھدىنامىسى»شىمالىي ئامېرىكا تۇپرىقىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ،بىر دېمىگراتىك جەمئىيەتكە ئىگە دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. يەنە كېلىپ بۇ كېيىنكى كۈندە راستىنلا رېئاللىققا ئايلانغانىدى.

          جۇڭگودىن كەلگەن «ماي گۈلى» پاراخودىدىكى بۇرادەرلەر قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن  ئۆز غايىسى بويىچە توپلۇشۇپ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ - تالاپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، چوڭ-چوڭ جاملاردا مەي ئىچىشىپ ، گۆش - ياغ دېگەننى سانلاپ يەپ باي-باياشاتلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشتى.كېيىنكى كۈنلەردە گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر نەچچە قېتىم نىزا پەيدا بولغان، بەزىلەر توپتىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتقان،يەنە بەزىلەر قەتلى قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ، ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل شىمالىي ئامېرىكىنى ھەيرەتتە قالدۇرماي قالمىدى.چۈنكى، سوڭ جىياڭ بى مەھەللىك پادىشاھلىق سەلتەنەتىنى سۈرمەكتە ئىدى. ...

         ئەمما،كېيىنكىسى راسىت بولغان ۋەقە بولماستىن بەلكى مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدۇر، خالاس.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.