تۈگمىسىنى خاتا ئېتىۋالغان خوللىۋود چولپىنى

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 12:59:13

تۈگمىسىنى خاتا ئېتىۋالغان خوللىۋود چولپىنى(مۇنارجان تەرجىمىسى) ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئۆزىمىزنىڭ مىجەزىگە بېقىشنى تەلەپ قىلىش ئەخمىقانىلىك. مەن ئەزەلدىن مۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلمايمەن. مەن ھ...



    تۈگمىسىنى خاتا ئېتىۋالغان خوللىۋود چولپىنى

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

      ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئۆزىمىزنىڭ مىجەزىگە بېقىشنى تەلەپ قىلىش ئەخمىقانىلىك. مەن ئەزەلدىن مۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلمايمەن. مەن ھەربىر ئادەمنى مۇستەقىل بىرلىك دەپ قارايمەن، ئۇنىڭدىكى بارلىق ئالاھىدىلىكنى تەتقىق قىلىمەن، چۈشىنىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن باشقىلاردىن ھەممە ئىشتا ئاۋاز قۇشۇشنى تەلەپ قىلمايمەن. مۇشۇنداق بولغاندىلا، مەن ھەرقانداق ئادەم بىلەن ئارىلاشمايمەن. يەنە شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئوخشاش بولمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى ئادەملەر بىلەن تۇنۇشالايمەن، جاھاندارچىلىقنىڭ يولىنى ئۆگىنەلەيمەن.

      نۇرۇغۇن ۋاقىتلاردا، ئادەم ئۆزى بىلەن ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشقا مۇتلەق مۇھتاج بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئارىلىشىشنى ئۆگىنىۋالغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھەرقايسى جەھەتلەردە پىشىپ يېتىلىشكە پايدىلىق.

      بىزنىڭ ھەربىر دوستىمىزنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق يىتەرسىزلىكى بولىدۇ، قارشى تەرەپتىن كۆڭۈل سۇۋۇپ قالماسلىق، قارشى تەرەپ بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن، بىز بەزى سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىشكە مەجبۇر بولىمىز. مەسىلەن، ئۇنىڭ تالانتى، ئاق كۆڭۈللۈكى، مۇلايىملىقىنى ئويلايمىز. ياكى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى نىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ يىتەرسىزلىكىنى يېپىپ كېتىمىز.

      لېكىن، دوستىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش ياكى كۆرسىتىپ بەرمەسلىك، ئاخىرقى ھېسابتا قارشى تەرەپكە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ، بۇنىڭدا دوستلۇقنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە ئەلۋەتتە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

      خوللىۋودتا خەلقئارا ئىناۋەتكە ئىگە بىر ئارتىس بار ئىكەن. بىر قېتىم ئۇ رولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغاندا، بىر ئاغىنىسى ئۇنىڭغا چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى خاتا ئېتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ. ئارتىس تۈگمىسىنى خاتا ئىتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ. ئارتىس تۈگمىسىگە قاراپ قويۇپ، ئاغىينىسىگە رەھمەت ئىېيتقاندىن كېيىن تۈگمىسىنى ئوڭشاپ ئېتىۋاپتۇ. لېكىن، ئاغىنىسى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ تۈگمىلىرىنى يەنە باشقىدىن ئېگىز-پەس ئېتىۋاپتۇ. بۇ جەريانلارنى باشتىن-ئاياغ كۆرۈپ تۇرغان بىر يىگىت بۇنىڭ قانداق ئىشلىقىنى ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ.

      -مەن بىر سەرگەرداننىڭ تولىنى ئالىمەن،-دەپتۇ داڭلىق كىنو چولپىنى چۈشەندۈرۈپ،-تۈگمىنى ئىگىز-پەس ئېتىش ئۇنىڭ ئۆز ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

    -ئەمسە بۇنى نېمىشقا ئاغىنىڭىزگە چۈشەندۈرۈپ قويمايسىز؟-سوراپتۇ يىگىت تېخىمۇ چۈشىنەلمەي،-بۇ مەن چىقىدىغان رولنىڭ ئىھتىياجى، دەپ قويسىڭىزلا ئىش تۈگىمىدىمۇ؟

    داڭلىق ئارتىس بىمالال كۈلۈپ قويۇپ جاۋاب بېرىپتۇ:

    -ئۇنىڭ مېنى ئەسكەرتىپ قويۇشى ماڭا بولغان ھەقىقىي دوستلۇقى، ماڭا بولغان كۆيۈنىشىدىن بولغان. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى چۈشەندۈرسەم، ئۇ مېنى ھەرقانداق ئىشتا تەييارلىقى بار ئىكەن، مەلۇم سەۋەبى بار ئىكەن، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولىۋەرسە، مېنىڭ يىتەرسىزلىكىمنى كۆرسىتىپ بېرىشكە كىم جۈرئەت قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، مېنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىممۇ خاسلىق دەپ قارىلىشى مۇمكىن، بۇ دەل مەن مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپ.

      ئالتۇن تولۇق رەڭدار، ئادەم تولۇق مۇكەممەل بولمايدۇ. ئۆزۈڭنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلارغا تەنقىد قىلىش پۇرسىتى بېرىشىڭ كېرەك.

    (ئېلبېرت خۇببارتنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھ ــــ ئەقىل-پاراسەت ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.