تەسرلىك نەسرىلەر

يوللىغۇچى : rose يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-18 12:34:04

بەدىرخان كۆكچى ئەسەرلىرىئاۋازىمنى ئاڭلىغانلار بارمۇ؟قاچان قەيەردىن باشلاندى بۇ سەپەر؟ ئانا، سېنىڭ قورسىقىڭدىنمۇ؟قاچان كىم بىلەن قايسى ئالەمدىن باشلاندى؟ياكى ھاۋا ئانا بىلەن ئادەم ئاتىمۇ يا...

     

    بەدىرخان كۆكچى  ئەسەرلىرى 

     

     ئاۋازىمنى ئاڭلىغانلار بارمۇ؟

     

     

     

    قاچان قەيەردىن باشلاندى بۇ سەپەر؟ ئانا، سېنىڭ قورسىقىڭدىنمۇ؟

    قاچان كىم بىلەن قايسى ئالەمدىن باشلاندى؟

    ياكى ھاۋا ئانا بىلەن ئادەم ئاتىمۇ يارىتىلماستىمۇ؟

    تۇغۇلغاندا كىملەر بار ئىدى يېنىمىزدا ( ئانام ۋە ئانام كەبى پەرىشتىلەر)

    ئۆلگەندە كىملەر بولىدۇ قېشىمىزدا؟ ( مەن بىلگەن ۋە بىلمەيدىغان پەرىشتىلەر )

    تۇغۇلغاندا قۇلىقىمىزغا نىمە سۆزلەندى ( ئەزان )

    ئۆلگەندىچۇ؟ ( ياسىن )

    تىلىمىزغا نىمە سۈرگەن تۇغۇلغىنىمىزدا؟ ( ھەسەل )

    ئۆلگەندىچۇ؟ ( زەمزەم )

    ………..

    مانا بۇلار قەلىبلەر بىر بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقان بۇ مۇبارەك ھەربىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىگە چۈشىۋاتقان سوئالدۇر.

    شۇنداق ھەممىمىز كارۋاتتا خان بېرىمىز كىنودىكىلەرگە ئوخشاش. بېشىمىزدا كۆزلىرى ياشلانغان يارۇ- يار، ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىز، قوللىرىدا ئاخىرقى قېتىم كەئىبەدىن ئېلىپ كەلگەن ئەتىۋارلىق زەمزەم، يۇمشاق پاختا بىلەن قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلەرگە سۈرىلىدۇ، ئېنىقكى ئاخىرقى نەپەسنى ئوڭايلاشتۇرۇىدۇ بۇ زەمزەم.

    چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن ئاپئاق ياستۇقىمىزدا ئاۋۋال بېشىمىز بىر يانغا قىيسىيىدۇ، ئاندىن ئېڭىكىمىز، كۆزلىرىمىز ئوچۇق قالغىنىدا، لەۋلەردە ئېسىلىپ قالىدۇ دېيىلمىگەن شۇ سۆزلىرىمىز. كۆزلىرىمىز ئوچۇق قالىدۇ، ئەڭ يېقىنلىرىمىزدىن باشقا ھېچكىم بۇ كۆز قارچۇقىنىڭ ئىگىسىنى بىلمەيدۇ.

    كۆزلەر يۇمىلىدۇ، ئېڭەك باغلىۋىتىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟

    نۆۋەت بىزگە كەلگەندە بىزمۇ ھەم شۇنداق ئۆلىمىز، قازايى- قەدەردە ئۆلگەنلەر، قار ئاستىدا قالغانلار، كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەنلەر، قەبرىسى بىلىنمەي قالغانلارمۇ كۈرمىڭ، دېمەك ئۆلۈمنىڭ بىزگە قانداق شەكىلدە كېلىدىغانلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلەيمىز، بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز پەقەت ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىمىز.

    مېنىڭ دەردىم ئىچىڭلارنى پۇشۇرۇش، كەيپىڭلارنى قاچۇرۇش ئەمەس، دەردىم پەقەت ھەقىقەتنى سىلەر بىلەن بىللە خاتىرلىمەك.

    ئۆلۈمنىڭ قايسى شەكلىنىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ جان تەسلىم قىلىشنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

    بەلكىم بىز ئۆلۈم شەكلىگە قايغۇرغانلار تولىمۇ خاتىرجەم كۆز يۇمغاندۇر، بىز خاتىرجەم كەتتى دەپ ئويلىغانلار پەرىشان ھالدا كەتكەندۇر.

    بۇنى پەقەت ئۆلۈمدىن ئىبارەت شۇ مەجھۇل ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتكەنلەرلا بىلىدۇ.

    ھەر ئۆلگەن پۇشايماندا ئۆلدى، ھەر ئۆلگەن يالغۇز كەتتى.

    سىلەر ئۈچۈن دۇئايىمىز شۇكى:

    قانداق ياشايسىلەر ئۇنى بىلمەيمەن، ئەمما ئەڭ گۈزەل ھالدا ئۆلۈڭ.

     

     

     

    مەن سۆيىمەن ئەمما كىمنى؟

     

    بىز چوڭ بولۇق، بۇلغاندى دۇنيا، نېمىدىگەن پاكىز بالىلار ئىدۇق. مەسۇملۇق يۈرىكىدە، ئاللاھ مەرھەمتى چېھرىدەم باشقىلارنى خاپا قىلىشتىن خىجىل بولىدىغان تولىمۇ تارتىنچاق، ساپ ۋە پاكىز بالىلار ئىدۇق.

    خۇددى پۈتۈن تۈركىيەدىكى شەرقتىن غەرپكىچە بولغان بارلىق مەھەلىلەردىكى بالىلار ئوپئوخشاش ئىدۇق. ھازىرقى بالىلار ئۇنداق ئەمەس دېمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما ھازىر قانچىلىك بالا سۆيۈملۈك كۈندۈلۈك خاتىرەم دەپ، كۈندۈزدىكى كۆرگەن، ئوينىغانلىرىنى كېچىسى خاتىرسىگە تۆكىدۇ؟ دەپتىرىنى چىرايلىق بېزىگەن، ئۆز قولى بىلەن رەسىملەرنى سىزىپ، گۈللەرنى چاللاپ مۇقاۋىلىغان بالىلاردىن نەچچىسى بار ئەتراپىمىزدا؟

    قېرىندىشىنىڭ ئۇچىنى چىشلىگەن، ئۆچۈرگۈچىنى ئاغزىغا سېلىپ چىشلىگەن، پۇراقلىق ئۆچۈرگۈچىلىرىنى قولۇم مېزىلىك پۇرىسۇن دەپ كېچە- كۈندۈز تەرلىتىپ چىڭ سىقىمداپ يۈرگەن بالىلار بارمۇ؟

    قانچىلىك بالىنىڭ خاتىرە دەپتىرى بار، قانچىلىك بالا خاتىرە دەپتەر ئېلىشنى ئويلاپ باقتى. خوش، بالىلارنى قويۇپ تۇرايلى، سىز ئۆلۈم نىشانلانغان بۇ دۇنيادا كۆرگەن بىلگەنلىرىڭىزنى، يۈرىكىڭىزنى كۈلدۈرگەن - يىغلاتقان ئىشلارنى خاتىرلەپ باقتىڭىزمۇ؟ ئاتا- ئانىڭىز ئۈچۈن بىر ئەسلىمە خارەكتىرلىك بىر نەچچە قۇر ئەسلىمە يېزىپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ نىمىدىگەن ئازاپ ھە، سىز شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

    ئاتا- ئانىڭىزچۇ؟ ئۇلار سىزگە قانداق سۆزلەرنى يېزىپ قالدۇرار؟

    سۆيۈملۈك ئائىشە، ئاۋۋال قەلبىڭگە ئوخشاش ساپ ۋە پاكىز بۇ بىر بەتنى ماڭا ئايرىپ بەرگىنىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، سىزگە مانا مۇشۇنداق باشلايدۇ. ئەڭ ئاخىردا كونا بولسىمۇ بىر پارچە رەسىمىنى چاپلاپ قالدۇرىدۇ، يەنە تېخى مۇنداق يازىدۇ:

    مەن سۆيىمەن، ئەمما كىمنى،

    ئەڭ تاتلىق بىرسىنى،

    قانداق چۈشەندۈرەي بۇنى ساڭا،

    تۇنجى ھەرىپلىرىگە بىر قارىغىنا. ( ھەر بىر مىسراسىنىڭ باش ھەرىپىنى قوشقاندا سېنى دېگەن جاۋاپ چىقدۇ. )

    ھېيىت بايرام مانا مۇشۇنداق مەكتۇپلار يېزىلاتتى، تەبرىك كارتىللىرى يوللىناتتى، تەبرىك كارتىلىرى يوللىناتتى، ئەمما ھازىر… … … 

     مانا مۇشۇنداق گۈزەل سۆزلەر بىلەن تولغان ئىنچىكە نەپىس بىزەكلەر بىلەن بېزەلگەن، ماس سۈرەتلەر چاپلانغان 40 سوئالدىن تەركىپ تاپقان بىر ئارخىپ خاتىرسى مەيدانغا كېلدۇ. ئۇنىڭغا دىققەتنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى، سۆيگىنىڭىزنىڭ ئىسمىدۇر، ھېچكىم ئىسىمنى تولۇق يازمايدۇ، ئەمما باش ھەرىپلىرى يېتەرلىكتۇر خاتىرە ئىگىسىگە.

    ھەممە ئادەم كىمنىڭ كىمنى سۆيگىنىدىن بەكرەك ئۇ مېنى سۆيەرمۇ؟ دېگەننى كۆپرەك يازىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر خاتىرە يازمايدۇ، يا كۈندىلىك خاتىرە ياكى بىر ئاددى ھېسابات خاتىرسى. يان تېلفون پەيدا بولغاندىن كېيىن ھەرقانداق ئادەم ھەتتا ئادەمسىز جاڭگالغا بارسىمۇ شۇ تېلفوندىن باشقا ھېچنىمىسىنى ئالماس بولدى، خاتىرە يېزىشلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى. مەن تەكىتلەيمەنكى: ئۇچۇر ياز، يوللا، قەيەردىن كەلسە بىر يەرلەردىن ئىشقىلىپ جاۋاپ كەلسۇن. نىمە يازساڭ ياز بىر خاتىرە ياز.

    ھە راست، بىز چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇلغاندىمۇ بۇ دۇنيا ياكى ئەزەلدىن بۇلغانغان بۇ دۇنيانى بوينىمىزنىڭ قىسلىقى دىن كۆرۈپ يېتەلمىدىقمۇ؟

    نە كارتون فىلىملەرنىڭ تايىنى قالدى نە ئېلانلارنىڭ ، نە ئويۇنچۇقلارنىڭ ، نە بىزنىڭ؟! ھېچنىمە ھېچنىمىنىڭ تايىنى قالمىدى، تەمى قاچتى.

    توغرا بالىلار گۇناھسىز، چوڭلار بۇلغاۋاتىدۇ بۇ دۇنيانى، چوڭ بولساقمۇ يۈرىكىمىز گۆدەك پەدىسىدە قالسىتى، بىز ئىز قالدۇراتتۇق بۇ دۇنيادا.

    شۇنى ئۇنۇتمايلىكى بۇلغىنىش گۈزەلدۇر، بۇلغانسا بولىدۇ، پەقەت كىر پاراشوكىنىڭ ئېلانلىرىدىلا….

     

     

     ئاكا! مەن كوچا بالىسى

     

    بەت نومۇر: يوق!

    نوپۇس دەپتىرى: يوق!

    ئىشىك نومۇرى: يوق!

     

    لەگلىكى ئاسمانغا ئېسىغلىق قالغان، مەرمەرلىرىنى چۈشىدە ئۇنتۇپ قالغان، ئويۇنچۇقلىرىنى چۆچەك قەھرىمانلىرى ئوغۇرلاپ كەتكەن بىر بالا بارغۇ ئاكا، ئۇ دەل مەن شۇ، مەن شۇ ئاكا!!!

    ھە راسىت، مېنىڭ بىر ئانام بولىشى كېرەك ئىدى، شۇنداقمۇ ئاكا ؟ ئەمما، مەن كوچىلارنى كۈيلەپ يۈرۋاتىمەن.

    ھە راسىت ئاكا، ئانا سۈتىنىڭ تەمى قانداقتى؟!

    ئانىلار بالىلىرىنى قانداق سىلايتى؟

    ئانا ھىدى قانداق ئىدى؟ كىم بىلىدۇ؟

    ماڭا سۇ بوياق رەسىملىرىدىكىدەك چىرايلىق بىر ئانا سىزىپ بەرگىنە ئاكا، ھەم شۇ رەسىمگە مېنىمۇ قوشۇپ سىزىپ قويغىن.

    ھە راسىت، سېنىڭ كۆزلىرىڭ كۆرەلمەيدۇ شۇنداقمۇ ئاكا؟ يەنى سوغۇق ۋە يىرىك كۆۋرۈكنى كۆرەلمەيسەن. سەن ئاينى كۆۋرۈك ئاستىدا ئولتۇرۇپ تاماشا قىلىپ باقتىڭمۇ؟ ئاقار يۇلتۇزغا قاراپ ئولتۇرۇپ مۇزلاپ ئولتۇرۇپ باقتىڭمۇ؟

    ۋاي بولدىلا، بۇلارنى سۆزلەپ نىمە قىلاي.

    كەل، خالساڭ ئايىغىڭنى مايلاپ قوياي، مەن شۇ ئايىغىڭنىڭ شوينىسىدىن ھاياتقا ئېسىلۋالاي!

    كەل، ئايىغىڭنى مايلاپ قوياي، شۇنداق بىر مايلىۋىتەيكى، ئۇنىڭدا دوسىت- دۈشمەننىڭ، بارلىق يوللارنىڭ رەسىمى كۆرۈنسۇن!

     

    بەت نومۇرى: يوق!

    نوپۇس دەپتىرى: يوق!

    ئىشىك نومۇرى: يوق!

     

    بارلىق مەھرۇملۇقلارغا، يوقلۇقلارغا، تۇغۇلۇپلا باغلىنىپ باقتىڭمۇ؟

    مېنىڭ يەنە دادام بولىشى كېرەك ئىدى، شۇنداقمۇ؟

    مېنىڭ ھەتتا پات- پات ئۇرۇپ تۇرىدىغان داداممۇ يوق، يەنى قاداق باسقان قوللىرىدىن مەن شەۋكەت ئىزدەيدىغان بىر دادا!

    كىم بىلىدۇ؟ ھېيىت- بايراملاردا دادىلار بالىلىرىغا نېمىلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ. 

    مېنىڭ يادىمدا قالماپتۇ، سىلەرنىڭ شۇنداق ھېيىت- بايرىمىڭلار، ھارپىلىرىڭلار ھەم پاكىز- ساپ دوستلىرىڭلار بار شۇنداقمۇ؟

    ئەمما مەن بولسام ئاجىز ۋە زەئىپ ئىسقىرتىشلىرىمنى ئاي ۋە قۇياشقا يوللاۋاتىمەن. 

    ئەكىس- ساداسىز، ئاھاڭسىز، ئاھاڭغا سالغىلىمۇ بولمايدىغان ئاشۇ ئىسقىرتىشلىرىمنى.

    بىر دادام بولسىلا كۇپايە ئىدى، بۇرۇنقىدەك كەپسىزلىك قىلاتتىم، ئۇنىڭغا ئەركىلەيتىم. بولدى بەس! سۆزلىمەيلا قوياي!

     

    كىمنىڭ نېمىسىگە بايرام، نېمىسىگە سوۋغات، نېمىسىگە دادا!؟!؟!؟!؟!

    ھە راسىت، سېنىڭ چۈشلىرىڭ بار، ئەمما مەن كۆرەلمىگەن چۈشۈمنىڭ خىيالىنى سۈرىمەن. ئەخمەت بىر چۈش كۆرۈپتۇ. ھە راسىت، ئۇنىڭ بىلەن ھېرىپ- ئېچىپ كەلگەن بىر كۈنى كۆۋرۈك ئاستىدا تونۇشقان ئىدۇق. چۈشىنى خىجىل بولۇپ سۆزلەپ بەردى، سۆزلىگەنسىرى خىجىل بولدى.

    ئاسمانغا بىر ئارغامچا تارتىپتۇمىش: قارىغىنا ئانا! لەگلىكىمنى كۆردۈڭمۇ؟ لەگلىكىمنىڭ سايىسى ئاستىدا مەرمەر ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆردۈڭمۇ؟ دەپ ۋارقىراپتۇمىش. 

    مانا بۇ ئەخمەتنىڭ چۈشى!

    ماڭا چۈشلىرىڭنى بېرىپ تۇرامسەن ئاكا؟!؟! ئايغىڭنى ھەقسىز مايلاپ قويىمەن. پەقەت شۇ چۈشلىرىڭنى بېرىپ تۇرساڭ.

    ۋاي بولدىلا! سۆزلىمەي!

     

    قارىغىنا! ئايىغىڭ پارقىراپ كەتتى، ئەڭ پارقىراق ئاياغلىرىڭ بىلەن ماڭغىن بۇ ھاياتتا. 

    سەن مېنى ئويلىما ئاكا، مېنى كوچىلار ئويلىسۇن، گېزىت ماۋزۇلىرى، 3- بەتتىكى خەۋەر سەھىپىسى ئويلىسۇن.

    مېنى ئىگىسى چىقمىغان كۆز ياشلىرى ئويلىسۇن، سەن ئويلىما!!!

    نېمىلا بولسا مەن، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان شۇ ئاياغلىرىمنىڭ ئىسسىقى بىلەن باساي شۇ بارلىق يوللىرىمنى.

    گەرچە كوچىلارنىڭ ئاپا- دادىسى بولمىسىمۇ، ئەمما مەن شۇ كوچىلارنىڭ بالىسىمەن. ئېرىشەلمەي تۇرۇپ مەھرۇم قالغان شۇ كېلەچىكىمنىڭ ھەر قانداق يېرىدە مەن بىر كوچا بالىسى ئەي ئاكا!!!

     

    لەگلىكى ئاسمانغا ئېسىغلىق قالغان، مەرمەرلىرىنى چۈشىدە ئۇنتۇپ قالغان، ئويۇنچۇقلىرىنى چۆچەك قەھرىمانلىرى ئوغۇرلاپ كەتكەن بىر بالا بارغۇ ئاكا، ئۇ دەل مەن شۇ، مەن شۇ ئاكا!!!

     

     

     

     

     

    دادا  ئويغان

     

    ھەر سەھەر ئانامنىڭ ئۇھسىنىشلىرىدىن ئويغىنمەن. ئانامنىڭ يۈزلىرى كۈلمەيتتى، ھەر كېچە يىغلايتتى.

    چاچلىرىمنى سىلاپ، كۆزلىرىمگە تىكىلىپ:شور پېشانىمەن بالام، بەختى قارىمەن بالام، تەلەيسىزمەن بالام دەيىتتى. ئەمما، قانچە سورىساممۇ نىمىشقا يىغايدىغانلىقىنى دەپ بەرمەيتتى.

    بەزىدە: سەن تېخى كىچىك قوزام، چوڭ بولغاندا چۈشىنىسەن دەيىتتى.

    دادامنىڭ يېنىغا يۈگۈردۈم، ئۇ ئاشخانىدا تاماكا چېكىۋاتقان ئىكەن.

    - تېز چىقىپ كەت! ئوغلۇم، تاماكا تۈتۈنى سېنى كېسەل قىلىپ قويىدۇ، تېز ھۇجراڭغا كىرىپ كەت، دېدى.

    - ئەمسە سەن نىمىشقا چېكىسەن، ئۇ سېنىڭ سالامەتلىكىڭگىمۇ زىيانلىققۇ؟،- دېدىم.

    دادام ھارغىنلىق چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ: توغرا دەيسەن ئوغلۇم دەپ كۈلۈمسىردى. ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى تولىمۇ ئاجىز ۋە يارىلانغان، ئاچچىق كۈلكە ئىدى. ئەسلى دادام بۇنداق كۈلمەيتتى. كۆزلىرىمگە بۇنداق ئەلەملىك قارىمايىتتى،سەن چىقىپ كەت دېمەيتتى.

    نېمە سەۋەپتىنكى تاڭ، كېينكى كۈنلەردە دادام ئېغىر يۆتىلىدىغان، ئاناممۇ تولا يىغلايدىغان بولۇپ قالدى. 

    ھەر كۈنى ئانامنىڭ ئاھ چېكىشلىرىدىن ئويغىنىپ كېتەتتىم. نە كارتون فىلىم، نە باربى قونچاقلارنى سۆيمەيىتتىم. دادام كۈلمەيىتتى، ئانام توختىماي يىغلايتتى.

    بەش يېرىم ياشتا ئىدىم، كۈنلەر تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتاتتى. ھەممە ئادەم: سەن تېخى كىچىك دېگەنسىرى بۇ ئالتە يېشىم ھېچ كېلەي دېمەيتتى. 

    ئەتتىگەنلىرى بەك سەھەر تۇراتتۇق، ئانام مېنى قوشنىمىزغا تاپشۇرۇپ، دادام بىلەن يانمۇ- يان مېڭىپ كوچىنىڭ ئاغزىدىن غايىپ بولاتتى.

    لېكىن ئانام ئىشلىمەيتتى. داداممۇ بۇنچە سەھەردە نەگە، نىمە ئۈچۈن بارىدۇ؟ بۇنى ماڭا ھېچكىم دەپ بەرمەيتتى.

    دەرىزىنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتىم، قارىسى كۆرۈنگەن ھامان خوشلۇقۇمدىن سەكرەپ كېتەتتىم. پۈتكۈل دۇنيا مېنىڭ بولغاندەك تۇيۇلاتتى.

    ياز كەلدى. تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئىككى كۈنلا قالغان ئىدى. ھەممىسى: قانداق سوۋغات ئالغۇڭ بار؟ دەپ سورايتتى. مەن جىم تۇرۋالاتتىم، ھېچنىمىنى خالىمايىتتىم.

    كېيىن، كېيىن، نېمە ئىش بولسا شۇ كېچىسى بولدى. ھەممە ئىش شۇ كېچە يۈز بەردى.

    شۇ كېچە ئامانىڭ ئۇھسىنىشلىر، ئېچىنىشلىق نالە- پەريادىغا ئايلاندى. مەن ھۇجرامدىن چىققىنىمدا تاشقىردىن ئاۋازلار چىقاتتى. ئۆيىمىزگە ئادەم لىق بولغانىدى. ھامماملار يىغلاۋاتاتتى، مومام قوشاق قېتىپ يىغلاۋاتاتتى، بوۋام قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى. 

    قوشنىلار مېنى تۇتىۋالدى، كۆزلىرىم تۇيۇقسىز دادامنى ئىزدىدى. ئەمما ئۆيدىكى ئادەمنىڭ جىقلىقىدا دادامنى ھېچ تاپالمىدىم.

    دادا! دادو…. دادا! دەپ ۋاقىردىم. ئانام يۈگرەپ كېلىپ مېنى باغرىغا باستى. يىللاردىن بۇيان كۆرۈشمىگەندەك شۇنداق چىڭ قۇچاقلىدى.

    _جان قوزام، كۆز قارچۇغۇم، يۈرەك پارەم، دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى. 

    - دادامغا نىمە بولدى، دادام قېنى؟ دەپ سورىدىم.

    ئۇ يەنە جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا:

    - شور پېشانىمەن، بەختى قارىمەن، دەپ يىغلىدى.

    - ئانا، مەن دادام دەۋاتىمەن، دادام، دادام….

    شۇنداق دېگىنىمچە مەنمۇ يىغلاشقا باشلىدىم.

    - داداڭ ئەمدى يوق، داداڭ ئۆلدى، داداڭ بىزنى تاشلاپ كەتتى، ئەمدى قېقىلىپ يۆتەلمەيدۇ.

    - ئانا ئۆلدى دېگەن نىمە گەپ، ئۆلۈم دېگەن نىمە؟ قانداق بولسا ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ…

    مەن ساراڭلاردەك ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم، خۇددى قىيامەتنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

    ئانام:داداڭ ئەمدى كېچىللىرى راھەت ئۇخلايدۇ، ئەمدى قىينالمايدۇ دېدى ۋە ھوشىدىن كەتتى.

    مومام:مەن ئۆلسەمچۇ، بالام، ئورنىڭغا مەن ئۆلسەمچۇ،دەپ دادامنىڭ يوتقىنىغا ئېسىلىپ يىغلىدى.

    ئۇلار مەجبۇرى ھالدا دادامنىڭ يۈزىنى كۆرسەتتى، دادامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ۋاقىردىم.

    -دادا، ئويغان، نىمە بولىدۇ بىر ئويغان… مەن سەنسىز قانداق ياشايمەن دادا؟ ئويغان، ماڭا كۈلۈمسرەشنى خالىمىساڭمۇ مەيلى كۆزۈڭنى ئاچقىن، ئەمدى مەن كېچىللىرى كىمنىڭ يوتقىنىغا كىرىۋالىمەن، دادا ئويغان، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، ئەتە ئالتە ياشقا كىرىمەن دادا! ھېچقانداق سوۋغات خالىمايمەن دادا، ساڭا ۋەدە بېرەي سېنى ئەمدى خاپا قىلمايمەن. كۆزۈڭنى ئاچ، بىر كۈن چىدا دادا، ئويغان…

    شۇنداق قىلىپ تۇغۇلغان كۈنۈمدە دادامنى يەرلىكىگە قويدۇق، دادام تۇغۇلغان كۈنۈمنى شۇنداق تەبرىكلىدى. چاقمىقى بىلەن تاماكىسى تېخى قولۇمدا تۇرۇپتۇ.

    مېنى دادامدىن، دادامنى مەندىن ئايرىۋەتكەن، ھەر تۇغۇلغان كۈنۈمدە مېنى ئازاپلايدىغان، بۇ كىچىككىنە يۈرىكىمگە قىيامەت ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ چاقمىقى بىلەن تاماكىسى…

    دادا! دادا! قېنى سەن دادا؟

    قېنى سىلەر دادىلار؟

    ئويغىنڭلار دادىلار، ئويغىنىڭلار دادىلار!؟

    بۇ تاماكا تۈتىنىدە يېتىم قالمىسۇن،

    باشقا شەھەرلەردە باشقا بالىلار.

     
    ___________________________
    تۈركىيلىك داڭلىق نەسىر يازغۇچىسى بەدىرخان كۆكچىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بۇ ئەسەرلەرنى 《 مەلەك بىلوگى》 دىكى مەلەك خانىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپتۇ. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تەسىرلىك نەسىرلەر